چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ماسلاشتۇرۇلغان «ئېلىپبە ئوقۇشلۇقى» نەشردىن چىقتى

0:00 / 0:00


تۈركىيىدە نەشر قىلىنغان «ئېلىپبەسى ۋە ئوقۇشلۇقى» چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئىنتايىن ماسلاشتۇرۇپ تۈزۈلگەن بولۇپ، كىتابنى سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتى نەشرگە تەييارلىغان.

كىتابنىڭ 3 - نەشرى ھەققىدە توختالغان نەشرىيات باشلىقى مۆمىنجان مەزكۇر «ئېلىپبەسى ۋە ئوقۇشلۇقى» نىڭ مەزمۇنلىرى بېيىتىلىپ ئىككى قىسىم قىلىپ چىقىرىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە مىللىي كىملىك تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كىتابنىڭ بىرىنچى قىسمىدا ھەرپلەرنى ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگىنىش ئاساس قىلىنغان، ئىككىنچى قىسمىدا ئۇيغۇرچىنى يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ تىلىنى تېخىمۇ راۋان قىلىش مەقسىتىدە بەزى پايدىلىق ئوقۇشلۇق تېكىستلەر كىرگۈزۈلگەن.

كىتابنىڭ كىرىش سۆزىگە مۇنداق يېزىلغان: «ئۇيغۇر تىلى - ئورال ئالتاي تىل سىستېمىسى، ئالتاي تىللىرى ئائىلىسى تۈركىي تىللار تۈركۈمى شەرقىي تۈرك (ئۇيغۇر - قارلۇق، ياكى ئۇيغۇر - ئۆزبېك) تىل تارمىقىغا تەۋە يېپىشقاق خاراكتېردىكى مەۋجۇت تىلدۇر. ئۇيغۇر تىلى قوللىنىدىغان كىشى سانى ئەڭ كۆپ تۈركىي تىل سۈپىتىدە 7 - ئەسىردىن 21 - ئەسىرگىچە بولغان 13 ئەسىرلىك بوران - چاپقۇنلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ھازىرغىچە ساقلانماقتا. ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەلگۈسى قانداق بولۇشى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنى قانداق ئىشلىتىشىگە، قىممەتكە ئىگە قىلىشىغا، ئەھمىيەت بېرىشىگە ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە باغلىق.»

بۇ كىتابنى نەشر قىلغان «سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتى» نىڭ باشلىقى مۆمىنجان كىتاب ھەققىدە توختالدى.

كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا قەشقەر ھېيتگاھ جامىسى بىلەن بىر ئوغۇل - قىز ئۆسمۈرنىڭ رەسىمى قويۇلغان. ئۈستى تەرەپكە ئاي يۇلتۇز ۋە كۆك رەڭ بېرىلگەن. كىتابنىڭ ئارقا مۇقاۋىسىغا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خەرىتىسى، يەر كۆلىمى، نوپۇسى ۋە پايتەختى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇماتلار يېزىلغان.

كىتابنىڭ بىرىنچى قىسىمىنىڭ باش بېتىگە كىرىش سۆزدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە دۆلەت گېربى رەڭلىك شەكىلدە كىرگۈزۈلگەن. ئىككىنچى قىسمىغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاق - پەزىلەتلىرى، ئىسلام تارىخىدىكى تۆت چوڭ خەلىپىنىڭ قىسقىچە ھاياتىدىن ئۈلگىلەر كىرگۈزۈلگەندىن سىرت يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆھپىكار مەشھۇر شەخسلەردىن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ياقۇپ بەگ بەدۆلەت، ئابدۇقادىر داموللام، خوجىنىياز ھاجىم، سابىت داموللام، ئەلىخان تۆرە، ئوسمان باتۇر، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىم قاتارلىق ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن مۇھىم ئالىملار ۋە رەھبەرلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى يېزىلغان.

كىتابقا يەنە بىر قىسىم مەشھۇر شائىرلارنىڭ مۇھىم شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن.

مۆمىنجان بۇ كىتاب بۇنىڭدىن ئىلگىرى نەشر قىلىنغان بولسىمۇ سانى چەكلىك بولغاچقا تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ۋە بۇ كىتابقا بولغان ئېھتىياج ۋە تەلەپنىڭ كۆپلۈكىنى كۆزدە تۇتۇپ قايتىدىن 3 - قېتىم نەشر قىلغانلىقىنى بۇ ساننىڭ ئىلگىرى سانلارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق ۋە ئىلگىرىكى سانىدىكى خاتالىقلارنى تولۇقلاپ نەشرگە تەييارلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، بۇ ئېلىپبە كىتابىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشى، قائىدىلىك ئوقۇپ - يېزىشى ۋە ئۆلچەملىك سۆزلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.