2008-يىلىدىن بېرى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «دۇنيا تىلى تۈركچە» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بۈگۈن بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتىدا رەسمىي باشلاندى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە باش مىنىستىر مۇئاۋىنى بۈلەنت ئارىنچ، بۇرسا ۋالىسى مۇنىر قارالوغلۇ، تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى مۇدىرى دوكتور مۇستافا قاچالىن قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
ئۇلار نۇتقىدا ئانا تىلنى بېيىتىش ۋە ئانا تىلدا مائارىپ ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
بۇ يىغىننىڭ ئىسمىدىكى «تۈرك تىلى» دۇنيادا 250 مىليون ئەتراپىدا تۈركىي خەلق تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان پۈتۈن تۈركىي تىللارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر تىلىمۇ ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدە.
6-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق «دۇنيا تىلى تۈركچە» ماۋزۇلۇق يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور غەيرەتجان ئوسمان قاتناشماقتا.
مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تۈرك تىلىنىڭ تارىخى، تۈرك تىلىنىڭ بۈگۈنكى مەسىلىلىرى، قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى، تۈركىي تىللىرىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى، دىئالېكت تەتقىقاتلىرى، تۈركىي تىللىرىنىڭ فونېتىكا، مورفولوگىيە تەتقىقاتلىرى، تۈركىي تىللارنى تەرجىمە قىلىشتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، تۈركىي تىللارنى چەتئەللىكلەرگە ئۆگىتىش ئۇسۇللىرى دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلىدۇ.
يىغىندا دوكتور غەيرەتجان ئوسمان ئەپەندى «خىتايدا قاراخانىيلار تىلى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارغا نەزەر» تېمىسىدا دوكلات بېرىدىكەن.
بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان بۇرسا ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى مۇدىرى دوكتور خاتىچە شاھىن خانىم بۇ يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: يىغىنغا 14 دۆلەتتىن 45 تۈركولوگ قاتناشماقتا. بۇلار خىتايدىن، ئافغانىستاندىن، مىسىردىن، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستاندىن قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلدى. بىز بۇ خەلقئارالىق يىغىندا تۈرك تىلىنىڭ ئانا تىل مائارىپى، تۈركىي تىللاردا تەرجىمە خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، ئاتالغۇلار، تۈركىي تىللاردا يېڭى سۆز ياساش مەسىلىسىگە ئوخشاش مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز. كەڭ جۇغراپىيىدە ئىشلىتىلىۋاتقان تۈركىي تىللىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى توغرىسىدا تەييارلانغان ماقالىلەر ئوقۇلىدۇ.
دوكتور خاتىچە شاھىن خانىم «دۇنيا تىلى تۈركچە» نىڭ پۈتۈن تۈركىي تىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا تىلى تۈركچە» دېگەنلىك پەقەتلا تۈركىيە تۈركچىسى دېگەنلىك ئەمەس. بۇ دۇنيادىكى پۈتۈن تۈركىي تىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا بۇ يىغىن پۈتۈن تۈركىي تىللار توغرىسىدىكى يىغىن ھېسابلىنىدۇ.
خاتىچە شاھىن خانىم بۇ يىغىندا بۈگۈن بەزى دۆلەتلەردە مەنىي قىلىنغان ياكى يوق بولۇشقا يۈزلەنگەن تۈركىي تىللار توغرىسىدىمۇ ئىلمىي دوكلاتلار بارلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: يىغىندا ئەدەبىي تىلى بولمىغان پەقەتلا ئېغىز تىلى سەۋىيىسىدە قالغان تۈركىي تىللار توغرىسىدىمۇ ماقالىلەر ئوقۇلىدۇ. بۇ تىللارنىڭ فونېتىكا، مورفولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدا يېزىلغان ماقالىلەردىن باشقا، قوش تىللىق مائارىپ نامى ئاستىدا مائارىپتىن بىكار قىلىنغان تۈركىي تىللار توغرىسىدىمۇ ئىلمىي ماقالىلەر بار.
تۈركىيە 1992-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تۈركولوگىيە تەتقىقاتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى.
سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ مەركىزى موسكۋا ۋە ۋېنگىرىيەدە بولغان بولسا، ھازىر تۈركىيە تۈركولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىشقا باشلاندى. ئونغا يېقىن ئۇنىۋېرسىتېتتا ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى بۆلۈمى قۇرۇلغاندىن سىرت، نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تۈركولوگىيە تەتقىقات مەركەزلىرى قۇرۇلدى.