دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى: ئۇيغۇرلارنى پارىژدىكى ئانا تىل بىرلەشمە پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00


د ئۇ ق 2014 - يىلى 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە، مەخسۇس خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە پۈتۈن ياۋروپادىكى تەشكىلاتلارنىڭ قاتنىشىشىدا كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزمەكچى.

بۇ ئىككى پائالىيەتنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا. پارىژدا چاقىرىلغان خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىنى د ئۇ ق، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە فرانسىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭدا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىم، فرانسىيە پارلامېنتى ئەزالىرى ۋە باشقا تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ ئېچىش نۇتقىدىن كىيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تىل ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى تەتقىقاتىدا دۇنيادا نوپۇزلۇق سالاھىيەتكە ئىگە مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ۋە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر دوكلات سۇنىدۇ. شۇنداقلا بۇ يىغىندا د ئۇ ق تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپ ھەرىكىتى» ناملىق مەخسۇس دوكلات تونۇشتۇرۇلىدۇ.

بۇ پائالىيەتنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە مەسئۇل د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسانىڭ ئېيتىشىچە، 21 - فېۋرال كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن «ئانا تىلىمنى يوقاتما» دېگەن شوئار ئاستىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىكەن. مەزكۇر نامايىش خىتاينىڭ پارىژدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدىن باشلىنىپ UNESCO نىڭ ئالدىغا قەدەر داۋام قىلىدىكەن. نامايىشقا گېرمانىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، فرانسىيە، شىۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار مەخسۇس ئاپتوبۇسلار بىلەن كېلىپ قاتنىشىدىكەن. بۇلارنىڭ سىرتىدا فرانسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، تىبەت، تۈرك ۋە ۋېيتناملىق قوللىغۇچىلارمۇ بۇ زور كۆلەملىك نامايىشقا قاتنىشىدىكەن. نامايىش سائەت: 14 تە باشلىنىپ 18:00دە ئاخىرىلىشىدىكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ياۋرۇپادىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى بۇ ئىككى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى:

- ئېزىز قېرىنداشلار، بۇ پائالىيەتكە تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئانا تىلىڭىزغا بولغان ساداقىتىڭىز، سۆيگۈڭىزنى ۋە ھۆرمىتىڭىزنى ئۆلچەڭ. پائالىيەتكە ئىش، سالامەتلىك ۋە جۇغراپىيىلىك سەۋەبتىن ئۆزىڭىزنىڭ ۋۇجۇدى قاتنىشالمىسا، ماددىي ياردىمىڭىز بىلەن يۈرىكىڭىز ۋە ئىرادىڭىز قاتناشسۇن!

21 - فېۋرال كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى UNESCO تەرىپىدىن «دۈنيا ئانا تىلى كۈنى» دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن قۇتلانماقتا.