ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئاتاقلىق سوۋېت ئۇيغۇر ئەربابى قادىر ھەسەنوف بىلەن كۆرۈشكەن

0:00 / 0:00

ئالماتا شەھىرىدە ياشايدىغان 87 ياشلىق سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى باتۇر راشىدىنوف ئەپەندى 1946 - 1948 - يىللىرى ئارىسىدا مىللىي ئارمىيە ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان ئىدى.

باتۇر راشىدىنوف ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىمىزدە ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، ئالماتادىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى، سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى قادىر ھەسەنوف بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا قادىر ھەسەنوفنىڭ ئۆزىنىڭ 1949 - يىلى، 8 - ئايدا غۇلجىدىن ئالماتاغا كەلگەن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

بۇ ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنونوف قاتارلىقلارنىڭ 1949 - يىلى، 22 - ئاۋغۇست كۈنى غۇلجىدىن ئايرىلىپ ئالماتاغا كەلگەندىن كېيىنكى ئەھۋالىغا ئائىت يىپ ئۇچۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

قادىر ھەسەنوف ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارى ئۈچۈن چىقىرىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىدىكى «قازاق ئېلى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئىدى.

باتۇر راشىدىنوف ئەپەندى 1950 - يىللاردا 5 - كورپۇس 13 - دېۋىزىيە شتابىنىڭ ئوفىتسېرى سۈپىتىدە مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوف بىلەن بىرگە ئىشلىگەن، كېيىن ھەربىي سەپتىن بوشاپ، ئۈرۈمچىدە ياشلار خىزمىتى ساھەسىدە يۇقىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىپ ئالماتا شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىدى.

باتۇر راشىدىنوف ئەپەندى ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتى بويىچە نەچچە ئونلىغان كىتابلارنى يېزىپ نەشر قىلدۇردى. ئۇ، 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت ئەھۋالى ھەققىدە ئەتراپلىق ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلارغا ئىگىدۇر.

بۇ ھەقتە ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ باتۇر راشىدىنوف ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلاڭلار.