ئۇيغۇرلار ئەنقەرەدە تىل تەربىيىلەش مەكتىپى ئاچتى

0:00 / 0:00

ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئەنقەرەدە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تۈركلەر، ئەنقەرەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، 50 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. كروران تىل تەربىيىلەش مەركىزىدە تۈرك ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسلىق ئوقۇغۇچى مەنبەسى قىلىش بىلەن بىرگە، تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئېلېكترونلۇق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى بىلەن تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىلىدىغان 9 ۋە 13 كىشىلىك سىنىپلاردا ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە، ياپونچە ۋە ئەرەبچە قاتارلىق بىر قانچە تىللار ئۆگىتىلىدىكەن. ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قوۋملاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا تۈركچە ۋە تىل ئىمتىھانلىرىغا تەييارلىق كۇرسلىرى ئېچىلىش بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە تۈركىيە ئالىي مەكتەپلىرىگە كىرىش ئۈچۈن مەسلىھەت ۋە ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىمۇ ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

«چەتئەل تىلى چەتئەللىكتىن ئۆگىنىلىدۇ» شوئارى بىلەن يولغا چىققان كروران تىل تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رەنا قاراخان خانىمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇيغۇرلارغا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىدىن پايدىلىق تەرەپلىرى بۆلىشى مۇمكىن ئىكەن.

  1. تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنى سودىگەر مىللەت دەپ تونۇيدىغان تۈركلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-پەنگە ھېرىسمەن، مەرىپەتپەرۋەر بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تونۇتۇشتا بەلگىلىك ئىجابىي رول ئوينايدىكەن.
  2. ئەنقەرەدىكى تۈرك ئوقۇغۇچىلار، تۈركولوگلار ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارغا ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە دەرسى بېرىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلىدىكەن.
  3. ئەنقەرەدە ئىشلەۋاتقان ۋە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ھەقسىز ئۇيغۇر ئانا تىلى سىنىپى ئېچىپ بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە ساقلاپ قېلىشىدا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.
  4. ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قەرەللىك ھالدا يىغىلىپ ئىلمىي سۆھبەت ۋە لېكسىيە بېرىش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئەۋزەل شەرت-شارائىت يارىتىپ بېرىلىدىكەن.
  5. كروران تىل تەربىيىلەش مەركىزى تۈركىيەگە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا كېلىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۈرك قەۋىملىرى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە باشقا دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش چاقىرىق ئەۋەتىپ، تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىدىن ئوقۇش ۋىزىسى ئېلىشىغا ياردەم قىلىش بىلەن بىرگە، ئوقۇش ۋىزىسى ئېلىپ تۈركىيەگە كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسىتى ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

كىرورەن تىل تەربىلەش مەركىزى ئالاقە ئۇچۇرلىرى:
Web: www.kiroren.org <http://www.kiroren.org>
E-mail: bilgi@kiroren.org <mailto:bilgi@kiroren.org>
Tel: 0090 - 312 231 67 57
Adris: Kumrular Cad. Sümer 2 Sok. No:32/1, Kızılay, Ankara / Türkiye