ئالىم ئەركىن سىدىق كائىناتقا ئائىت يېڭى مۆجىزىلەردىن مەلۇمات بەردى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ھاۋا قاتناش ۋە ئالەم تېخنولوگىيىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى (NASA) نىڭ 10-مايدا، كېپلېر ئالەم تېلېسكوپى سامانيولى سىستېمىسىدا يەنە 1284 پلانېت بايقىغانلىقىنى جاكارلىشى بىلەن، مەزكۇر خەۋەر بارلىق ئىلىم پەن مەجمۇئەلىرى ۋە دۇنياۋى ئاخباراتلاردا كائىناتقا ئائىت زور بايقاش سۈپىتىدە ئېلان قىلىندى. مەتبۇئاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاسترونوملارنىڭ باھاسىغا قارىغاندا بۇ ئالەمدە يەنە بىر يەرشارى ئىزدەش ئۈمىدىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. نۆۋەتتە بەزى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىمۇ مەزكۇر بايقاش ھەققىدە قىزىقىش قوزغالغانلىقى ۋە كىشىلەردە باشقا پلانېتتىمۇ ئادەم ياكى جانلىق بارمىدۇ؟ ئىنسانلار ئۇ پلانېتلارغا بارالامدۇ؟ ئۇلاردىن يەر شارىدىكى مەۋجۇداتلارغا خەتەر كېلەمدۇ؟... دېگەندەك تۈرلۈك تەسەۋۋۇرلارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

كائىناتتىكى بۇ مۆجىزىلىك بايقاشلار ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ناسا نىڭ دەل مۇشۇ يېڭى پلانېتىلارنى بايقىشىدا رول ئوينىغان كېپلېر ئالەم تېلېسكوپى تەتقىقاتىدا تۆھپىلىك ئوپتىكا ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىگە مۇراجىئەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى ئاڭلايسىلەر.