گوللاندىيەدە دوكتور ئەركىن سىدىقنىڭ كىتابىنى تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ يېقىندا نەشر قىلىنغان «كىشىلىك تەرەققىيات ھەققىدىكى يازمىلار» ۋە «كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر» ناملىق كىتابىلىرىنى ئىمزالىق تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ 4 قىسىملىق كىتابنى ئۇنىڭ ئىمزاسى بىلەن سېتىۋېلىپ، تۆھپىكارغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈردى. بۇ، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ، ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۈچۈنمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىش دەپ تەرىپلەندى.

بۇ پائالىيەت 28-ئاۋغۇست كۈنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى لېكسىيە پائالىيىتى ئارىلىقىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئۇ كۈنى ئەركىن سىدىق بىلەن تۇغلۇق ئابدۇرازاق ئەپەندىلەر گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرى يېتىشكەن ساھەلەردە لېكسىيە بەرگەن ئىدى.

بۇ پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن گوللاندىيەدە «كىتابخۇمار ئابدۇرېھىم» دەپ تونۇلغان ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى ئىمزالىق كىتاب سېتىۋېلىشنى پىلانلاپ، ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە بۇ ھەقتە ئېلانمۇ بەرگەن ئىدى. 28-ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى ئىككى لېكسىيە ئارىلىقىدىكى قىسقا پۇرسەتتە، پىلاندىن خەۋەردار ئۇيغۇرلارنىڭ يۈكسەك قىزغىنلىقى ۋە ئاجايىپ ھاياجانلىرى بىلەن بۇ پىلان ئەمەلىيلەشتى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇرېھىم ئەپەندى، كىتاب ۋە ئۇنىڭ قىممىتى؛ ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە يازغۇچىغا ئىلھام بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئىپتىخارلىققا چۆمگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كىتاب سېتىۋالغانلاردىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق مەقسەت قىلغان ئوي-خىياللىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

مەلۇم بولۇشىچە شۇ كۈنى 100 پارچىغا يېقىن كىتاب سېتىلغان بولۇپ، بۇ 4 قىسىملىق كىتابنى ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۆز ئىقتىسادى بىلەن نەشر قىلغان ۋە تەلەپچان ئاكتىپلارنىڭ ھەمكارلىقىدا، ئەرزان باھادا سېتىپ، قىلىنغان كىرىمنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى ھاجەتمەنلەرگە يەتكۈزىدىكەن.