6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېقىن ۋىرگىنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيغۇر ياش ئەۋلادلىرىنى يېتەكلەش، ئۇلارغا ئىلھام بېرىش مەقسىتىدە «ئەۋلادلار ئارا» تېمىسىدا بىر ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولۇپ ئۆتتى.
پائالىيەتتە، ئىلىم-پەن ساھەسىدە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھازىر ئامېرىكىدىكى مۇھىم ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم ياش ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئامېرىكىدا ئۆسۈپ-يېتىلىۋاتقان ۋە ئامېرىكىغا پۇرسەت ئىزدەپ كەلگەن ياش-ئۆسمۈرلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شتاتىدا يەكشەنبە كۈنى يەنە بىر ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولۇپ ئۆتتى. ۋىرگىنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە شۇنداقلا ھەرقايسى باشقا شتاتلاردا ياشاۋاتقان ۋە ئۆزىنىڭ ئوقۇش ۋە خىزمىتىدە ئۇتۇق قازانغان ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىشى، ياردەم بېرىشى بىلەن «ئەۋلادلار ئارا» ناملىق پائالىيەتنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلدى. ئامېرىكىدا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان، بۇ يەرگە ئوقۇش-خىزمەت پۇرسىتى ئىزدەپ كەلگەن ياش بىر ئەۋلادلارنى يېتەكلەش، ئۇلارغا يول كۆرسىتىش ئاساسلىق مەقسەت قىلىنغان بۇ پائالىيەتتە ئامېرىكىدا ھەرقايسى كەسىپلەردە ئوقۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ياشلار بىلەن ئورتاقلاشتى. يىغىن باشقۇرغۇچىسى مۇتەللىپ ئەپەندى ئالدى بىلەن بۇ يىغىندا سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
يىغىندىكى سۆز قىلغۇچىلار پېنسىلۋانىيە شتات ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتور نۇرشىدە پولات، دورا تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور دىلارە جاپپار، دېۋېرىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتور شاھناز قەمبىرى، ئامېرىكىدىكى چوڭ شىركەتلەردىن بىرى بولغان گوگۇل شىركىتىدىن بەرنا ئىبراھىم، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى دوكتور ئاينۇر ئابدۇرازاق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يىغىندا يەنە، ئامېرىكا ناسا شىركىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەركىن سىدىق ئەپەندى، ئامېرىكا دورا تەتقىقات بىرلەشمە ئىدارىسى راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات بۆلۈمى يېتەكچىسى رىشات ئابباس ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى چېۋرون شىركىتىنىڭ تېخنىكا ئۆزلەشتۈرۈش يېتەكچىسى شاكىر شەمسى ئەپەندىلەرمۇ ئالاھىدە سۆز قىلغۇچىلار قاتارىدا قەدەم تەشرىپ قىلدى.
مۇتەللىپ ئەپەندى يىغىننىڭ مەقسىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى قىلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېتى فېيىسبۇكتا يۇمشاق دېتال ئېنژىنىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قىزى دىلرەبا ئىبراھىممۇ تەكلىپ قىلىنغان. بىراق ئۇ خىزمەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن نەق مەيدانغا كېلەلمەي قالغان بولسىمۇ ئەمما تور ئارقىلىق نەق مەيدانغا ئۇلىنىپ سۆز قىلىپ، يىغىندا تۇنجى بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا ئاتا-ئانىسى بىلەن كېلىپ، ئوقۇپ، قانداق قىلىپ ھازىر فېيىسبۇكتىن ئىبارەت دۇنياغا داڭلىق بىر شىركەتتە ئىشلەۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ئوقۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت يوللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ھەم شۇنداقلا يېڭى كەلگەن ياشلارنى تىرىشىپ ئوقۇشقا ئۈندىدى. ئارقىدىن يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىر-بىرلەپ سەھىنىگە چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭمۇ مۇشۇنىڭدەك تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلىشىپ ئۆتتى. دورىگەرلىك دوكتورى دىلارە جاپپار ئۇيغۇر ياشلىرىغا پۇرسەت بېرىلگەن تەقدىردە ئۇلارنىڭمۇ ھېچكىمدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ شۇنداقلا يەنە ھەممەيلەننىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
يىغىن داۋامىدا، دوكتور ئاينۇر ئابدۇرازاق، نۇرشىدە پولات، شاھناز قەمبىرىلەرمۇ بىر-بىرلەپ سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇش-خىزمەت تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى ئەركىن سوئال-جاۋاب قىسمى باشلاشتىن بۇرۇن ئامېرىكا شېۋرون شىركىتىنىڭ تېخنىكا ئۆزلەشتۈرۈش يېتەكچىسى شاكىر شەمسى ئەپەندى «ئامېرىكىدا ئىگىلىك تىكلەش» تېمىسىدا ئاڭلىغۇچىلارغا مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. ئۇ ئامېرىكىدا بىر قىممەت يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەرنى تونۇشتۇردى، ئۇ ھەم ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
سوئال-جاۋاب قىسمى باشلىغاندىن كېيىن يىغىنغا كەلگەن ئالىم-مۇتەخەسسىسلەر ياشلارنىڭ كەسىپ تاللاش، مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىش ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلىش، ئۇيغۇر كىملىكى بىلەن ئامېرىكىلىق دېگەن كىملىك ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى قانداق تېپىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ ئۆتتى. ياشلار ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئوقۇش-تۇرمۇش جەھەتكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىنى يۇقىرىدا ئولتۇرغان ئاكا-ھەدىلىرىدىن سوراپ، ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئالدى. يىغىنغا كەلگەن بىر ياش ئۇيغۇر قىزى ئۆزىنىڭ بۇ يىغىندا ئالغان تەسىراتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان دىلمۇرات ئەپەندى يېپىلىش نۇتقىنى قىلىپ كەلگەن بارلىق مېھمانلارغا تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.