ئالمۇتىدا ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن چىقىرىلغان «غۇنچە» ژۇرنىلىنىڭ 5 يىللىقى خاتىرىلەندى
2017.11.05

2-نويابىردا ئالمۇتادىكى «ئاقيول» رېستورانىدا «غۇنچە» بالىلار ژۇرنىلىنىڭ 5 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا زىيالىيلار، جەمئىيەتلەر، بىلىم ۋە تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرى، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى، ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق ۋە تالغىر ناھىيەلىرىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ مۇئەللىملىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتى. مۇراسىم ياش سەنئەتكارلار تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان مىللىي ناخشا-ئۇسسۇللار بىلەن باشلاندى.
يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار «غۇنچە» ژۇرنىلىنىڭ تەسىس قىلىنىش تارىخى ۋە ئۇنىڭ بەش يىل مابەينىدە ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىش-پىلانلىرى، مەقسەت-ۋەزىپىلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
دەسلەپ سۆزگە چىققان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان ھاشىرى «غۇنچە» ژۇرنىلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان بىردىن-بىر بالىلار نەشر ئەپكارى ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ كېلەچىكىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ، ئۆز سۆزىدە پۈتكۈل مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىنى مەزكۇر ژۇرنالغا مۇشتەرى بولۇشقا چاقىردى.
ئالمۇتا ۋىلايىتى «ئۆرلېۇ» مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئارىستانبېك سارىيېف ژۇرنالنىڭ ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشتىكى رولىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇ مۇراسىمغا سەمىمىي نىيەت ۋە تىلەكلىرى بىلەن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ شۇنداقلا ژۇرنال سەھىپىلىرىدە ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىن چىققان ئەڭ تالانتلىق يازغۇچىلار ئىجادىيىتىدىن بالىلارنى مېھرىبانلىققا، ئىنسانپەرۋەرلىككە، ۋەتەنپەرۋەرلىككە دەۋەت قىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك ئەسەرلەر بېرىلگەن تەقدىردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەڭگۈ يوقالمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭ تومۇرىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «تىنچلىق دۇنياسى» خەلقئارا قازاق ئىجادىي بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى، ئاكادېمىك ئابېن نۇرمانوف ھەر خىل مىللەتلەر، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ئىشلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنى رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ بىرلەشمىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىز ‹غۇنچە› ژۇرنىلىنىڭ بەش يىللىق بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئىشلىرىمىزنى تاشلاپ، مۇشۇ مۇراسىمغا قاتنىشىپ ئولتۇرىمىز. بىز ژۇرنالنىڭ ئىجرائىي مۇدىرى دىلارەم جەلىلوۋاغا شولوخوف نامىدىكى مېدالنى تاپشۇردۇق، چۈنكى بۇ سىڭلىمىز ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى، تالانتى ۋە سەۋىرلىكى بىلەن چوڭ ئىش قىلىۋاتىدۇ. بىز پۈتكۈل ئىنسانلار ئالدىدا بۇ ژۇرنالنى ئۈلگە قىلىشتىنمۇ تارتىنمايمىز. چۈنكى، بۇ ژۇرنالنىڭ تەربىيىسىدە تالاي يازغۇچى ۋە شائىرلار، ئالىملار، ئەربابلار يېتىلىپ چىقىدىغىنىغا ئىشىنىمەن. مەن ژۇرنالغا يەنىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.»
شائىر ئابلىز ھېزىمنىڭ پىكرىچە، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىدىن كېيىن ئۆز پىكرىنى ئەركىن ئىزھار قىلىش پۇرسىتى پەيدا بولغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بالىلار ئەدەبىياتى بار ئەدەبىياتنىڭ كېلەچىكى بولىدۇ. ھەر قانداق ئەدەبىيات كەلگۈسىنىڭ بار-يوقلۇقى ئەنە شۇ بالىلار ئەدەبىياتىغا باغلىق بولىدۇ. ‹غۇنچە› نىڭ پۇرسىتىدىن بىز پايدىلىنىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولىدۇ. ‹غۇنچە› ژۇرنىلىنى بىز ئاچقان ئىدۇق. ئۇنىڭ پورەك بولۇشى، پورەكلىكتىن ئېچىلىشىغا بىز ھەر جەھەتتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.»
مۇراسىمدا سۆزلىگۈچىلەر «غۇنچە» ژۇرنىلىنىڭ مىللىي ئەدەبىياتنى، مەدەنىيەتنى، ئۆرپ-ئادەتلەرنى تەرغىب قىلىشتىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر-قازاق دوستلۇق ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىشتىكى رولىغا توختىلىپ، ژۇرنال ئوقۇرمەنلىرىنىڭ تېز كۆپىيىشىنى تىلىدى. ئۇلار شۇنداقلا ژۇرنالنىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان خەلقلەر دوستلۇقى، مىللەتلەر ئارا رازىمەنلىك، بىرلىك ئىدىيىلىرىنى تەرغىب قىلىشتىكى رولىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىدى.
«غۇنچە» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، يازغۇچى ئاۋۇت مەسىموفنىڭ قارىشىچە، ژۇرنال چىقىرىش تەشەببۇسكارى دىلارەم جەلىلوۋا بولۇپ، ئۇ ئاتاقلىق زىيالىي ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئا. مەسىموف ژۇرنالنى چىقىش تارىخىغا توختالدى.
ئا. مەسىموفنىڭ ئېيتىشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتى ژۇرنال مەزمۇنىنىڭ، ژانىرلىرىنىڭ، ماۋزۇلىرىنىڭ بەلگىلىنىشىگە يول ئاچتى. ئۇ قازاق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەزكۇر ژۇرنال ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بولغان قىزىقىشىنىڭ ئۆسۈشىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، بۇ يەردە ئىككى خەلق دوستلۇقىنىڭ نامايان بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
مۇراسىمدا «غۇنچە» ژۇرنىلىغا مەنىۋى ۋە ماددىي ياردەم كۆرسەتكەنلەر باھالىق سوۋغىلار بىلەن تەقدىرلەندى. ئۇنىڭدا شۇنداقلا ژۇرنال ئېلان قىلغان ئىجادىيەت مۇسابىقىسىنىڭ غالىبلىرىمۇ تەشەككۈرنامىلەر ۋە سوۋغىلار بىلەن مۇكاپاتلاندى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان كۆپلىگەن يېزىلىرىدىكى مىللىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولدى.