گوللاندىيەدە ئۇيغۇرلار گوللاندچىنى ئۇيغۇرلاردىن ئۆگەنمەكتە

0:00 / 0:00

بۇ يىل ئاپرېلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان گوللاند تىلى كەچ كۇرسى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان ئىدى.

بۇ دەرستە مۇئەللىملىك قىلىۋاتقان سادىقجان سەلەي ئەپەندى: ئۆزى تارتقان مۇشەققەتلەرنى ۋەتەنداشلىرىغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق يېنىكلىتەلىسە خۇشال بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ھەر قېتىملىق دەرس ئۈچۈن 100 كىلومېتىرغا يېقىن مۇساپە بېسىپ كېلىپ ھەقسىز دەرس بەرمەكتە.

كۇرسانتلاردىن بەزىلىرى بۇ كۇرستا ئالغان مەنپەئەتلىرى بىلەن قىسقىغىنا ۋاقىتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر جەمئىيەت مەسەللىرىدىن ئەيسا قاراجىم: بۇ كۇرسنىڭ قىممىتىگە يۇقىرى باھا بېرىپ: ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ئەمەس، بەلكى بىر ۋاراق ئۇيغۇرچە قوللانمىنىمۇ تاپالماي قىينالغانلىقنى ئېيتتى.