گوللاندىيەدىكى ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلدۇرۇش كۇرسى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا مەنپەئەت بەرگەن

0:00 / 0:00

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بالىلارنى دۆلەتلىك ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلدۇرۇش پائالىيىتىنى زىيارەت قىلىپ بېرىپ، مەزكۇر ئىمتىھانغا يېتەكچىلىك قىلىش ساھەسىدە مېھنەت قىلىۋاتقان تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قالدۇق. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سۇنۇۋاتقان خىزمەتلىرىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختالدى.

-ئىسمىم ئەھمەد سەئىد قاراخان. مۇناسىۋەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا ئوقۇيمەن. ئوقۇغۇچى قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 3-4 يىلدىن بېرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە خىزمەت قىلىۋاتىمەن. تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپتىكى دەرسلىرىدە ئاجىز كەلگەن ياكى تەلەپ قىلغان تۈرلىرىگە قاراپ، تەلىم-تەربىيە مەركىزىمىزدىكى مەخسۇس سىنىپلاردا ۋە كۇرسانتلارنىڭ ئائىلىلىرىدە دېگەندەك، گۇرۇپپا ۋە يالغۇز كىشىلىك دەرس كۇرسلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ، كېلىۋاتىمىز.

-قايسى رايونلاردا قىلىۋاتىسىلەر، بۇ ئىشنى؟

-ئامىستېردام، زاندام، ئامېرسفورت ۋە ئۈترېخت قاتارلىق يەرلەردە قىلىۋاتىمىز.
-زەيست تەۋەسىدە تۇنجى قېتىم كۇرس بېرىشىڭلارمۇ؟

-شۇنداق. بۇ جەمئىيەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۈترېخت بۆلىكىدىكى «سىتو ئىمتىھانى» غا ياردەم بېرىش كۇرسلىرىنى ئاۋات قىلىپ كېلىۋاتقان مۇئەللىم دوستلىرىمىزغا بەرگەن تەكلىپلىرى سەۋەبلىك تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلدى.

-يىللاردىن بېرى قىلىۋاتقان شۇ خىل تەربىيە ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۈنۈمى قانچىلىك بولۇۋاتىدۇ؟ يەنى دەرسلىرىڭلارغا قاتناشقانلارنى قانچىلىك پايدا ئالدى دەپ قارايسىز؟

-بىزنىڭ دەرسلىرىمىزگە قاتناشقان ساۋاقداشلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئالغان ئىنكاسلىرىمىزغا قارىغاندا، تەلىم-تەربىيە مەركىزىمىزدە ياردەم ئالغان بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك ياخشى بولغان. بالىلارمۇ ئۆزىنىڭ بۇرۇن قىينالغان مەسىلىلىرىدە خىلىلا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالىغانلىقى بىلەن يىل ئاخىرىدىكى نەتىجىلىرىنىڭ يۇقىرى بولۇۋاتقانلىقىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ -دەپ، قارايمەن.

-مەركىزىڭلاردا دەرس ئېلىۋاتقان ساۋاقداشلار مۇھاجىرلارنىڭ باللىرىمۇ؟

-شۇنداق. يەنى گوللاند تېلى ئانا تېلى ئەمەس، ئىككىنچى تېلى بولغان تۈركلەر، ئەرەبلەر، پاكىستانلىقلار قاتارلىق مۇھاجىرلارنىڭ بالىلىرىدىن بولۇۋاتىدۇ.
-مەركىزىڭلاردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقانلار يۇقىرى سىنىپلاردا، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقانمۇ؟

-ھەئە. مويسىپىت، پېشقەدەملەردىن ئەمەس، بەلكى ھازىر ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان، ساۋاقداشلار يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئەمەلىي كەچۈرۈپ چېنىققان ۋە يىللاردىن بېرى ئېلىنىۋاتقان ئىمتىھان سوئاللىرىنى تەتقىق قىلىپ تەجرىبە ئېلىۋاتقان ياشلاردىن تەشكىل تاپقاندۇر.

دەرستىن كېيىن، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ساۋاقداشلارمۇ، ئۆزىنىڭ بۇ كۇرستىكى يېتەكلىنىشىدىن كۆپ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى مەسئۇلىدىن ئېگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر بالىلىرىغا تۇنجى قېتىم بۇ خىل يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان تەكلىپلىك مۇئەللىم بۇ كۇرسقا قاتناشقان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق، ئىخلاسمەن، تەرتىپلىك ئىكەنلىكىدىن ئىنتايىن رازى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.