6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شتاتلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزلىرىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالىم-مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتتە بولغان ئىدى. بىز ئالدىنقى نۆۋەتلىك پروگراممىمىزدا بۇ يىغىننىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدىن مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا بۇ يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىدىن يەنى سوئال-جاۋاب ۋە ئەركىن مۇنازىرە قىسمىنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىمىز. بۇ قىسىمدا ئالىم -مۇتەخەسسىسلەر ياشلارنىڭ كەسىپ تاللاش، مىللەت ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلىش، ئۇيغۇر كىملىكى بىلەن ئامېرىكىلىق دېگەن كىملىك ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى قانداق تېپىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ ئۆتتى.
6-ئاينىڭ 7-كۈنى شەنبە كۈنى ئېچىلغان ئۇيغۇر ئالىملىرى بىلەن ئۇچرىشىش سۆھبەت يىغىنىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ، ئەركىن سىدىق، رىشات ئابباس، تاشپولات روزى، گۈلناز ئابدۇقادىر ۋە رەيھان بەكتۇر قاتارلىق دوكتورلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرىدىن ۋە ئۆزلىرىنىڭ ساھەسىگە ئائىت يېڭى ئۇچۇرلاردىن يىغىن ئەھلىگە دوكلات بېرىپ ئۆتكەن ۋە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ ئۆتكەن ئىدى. يىغىننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى يەنى سوئال-جاۋاب ۋە سۆھبەت قىسمى بولسا ئارىلىقتا يېرىم سائەت دەم ئېلىش ۋاقتى بېرىلگەندىن كېيىن باشلاندى. يىغىننىڭ ئىككىنچى قىسمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان مۇتەللىپ ئابلىمىت ئەپەندى سوئال-جاۋاب قىسمى رەسمىي باشلىنىشتىن ئاۋۋال ئامېرىكىدىكى داڭلىق شىركەت شېۋرون شىركىتىنىڭ تېخنىكا ئۆزلەشتۈرۈش يېتەكچىسى شاكىر شەمسى ئەپەندىنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. شاكىر ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1997-يىلى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كېلىش ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ئەينى چاغدا بىر ئايلىق مائاشى بولغان 700 سومنى خەجلەپ، ئامېرىكىدىكى ئەركىن سىدىق ئەپەندىگە تېلېفون قىلغانلىقىنى ۋە 2000-يىلى ئامېرىكىغا كېلىپ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا يەرشارى فىزىكىسى كەسپىدە ماگېستىرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شېۋرول شىركىتىگە خىزمەتكە كىرىپ، ھازىرقىدەك يۈكسەك ئورۇنغا قانداق كەلگەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. شاكىر ئەپەندىمۇ تالانت ۋە تىرىشچانلىقلا بولىدىكەن، ئامېرىكىدا ھەرقانداق ئورۇندا ئىشلەش پۇرسىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ياشلارنى ياخشى ئوقۇشقا مەدەت قىلدى.
ئارقىدىنلا سوئال-جاۋاب قىسمى باشلاندى. ئاڭلىغۇچى ياشلار بۇ ئالىم-مۇتەخەسسىسلەردىن ئۆزلىرى قىزىققان كەسىپكە ئالاقىدار ۋە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنى قانداق ھەل قىلىشقا ئوخشاش بىر قاتار سوئاللارنى سورىدى. ئالىملارمۇ بۇنىڭغا ئۆز لايىقىدا جاۋاب بەردى. يىغىندىكى ياشلارنىڭ بىرى ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدا چوڭ بولغان بىر ياش بولۇش سۈپىتى بىلەن ياشلارنىڭ مىللەت ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقى، شۇنداقلا بىر ئامېرىكىلىق بولۇش بىلەن ئامېرىكىدا چوڭ بولغان ياكى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر بولۇش ئارىسىدا قانداق تەڭپۇڭلۇق قۇرۇش لازىملىقى ھەققىدە سوئال سورىدى. دەرۋەقە بۇ سوئال نۇرغۇن ياشلار قىزىقىۋاتقان ھەم شۇنداقلا بالىلىرى چەتئەللەردە چوڭ بولۇۋاتقان ئاتا-ئانىلارمۇ بىردەك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ئىدى. شۇڭا بۇ مەسىلىگە ئالىملار قىزغىنلىق بىلەن جاۋاب بەردى. ئالدى بىلەن مىكروفوننى ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئالدى. ئارقىدىن رىشات ئابباس ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى قوشتى.
ئارقىدىن ماتېماتىكا پروفېسسورى دوكتور تاشپولات روزى ئەپەندىمۇ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ ئۆتتى. تاشپولات ئەپەندى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلى، ئۆز مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيىلىنىشىنىڭ مىللەتنى ساقلاپ قېلىشتا ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ ياشاش بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا بىر ئامېرىكىلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يەردىكى جەمئىيەتكىمۇ يۈزلىنىشى كېرەكلىكىنى، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىشى، قىزىقىش ساھەلىرىنى كېڭەيتىشى كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى قىزىقىشىغا قاراپ تۇرۇپ، مەيلى تەنتەربىيە ياكى باشقا پائالىيەت كۇلۇبلىرىغا قاتناشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى ۋە شۇنداق بولغاندا ئامېرىكىدا چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ھەر ساھەدە يېتىشىپ چىقىشى ۋە بۇ ئامېرىكا جەمئىيىتى بىلەن ئوخشاش تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
شاكىر شەمسى ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قىزىقىش ساھەلىرىنى كېڭەيتىش مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ ئوخشىمايدىغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
يىغىن داۋامىدا يەنە، ياشلار كەلگۈسىدىكى كەسىپنى قانداق تاللاش، ئاتا-ئانىنى رازى قىلىش ۋە ئاتا-ئانا تاللاپ بەرگەن كەسىپنى ئوقۇش كېرەكمۇ ياكى ئۆزى ياخشى كۆرگەن كەسىپنى تاللاش كېرەكمۇ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغىمۇ ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىلىرى بويىچە جاۋاب بېرىپ ئۆتتى. ئەلۋەتتە يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 200 دىن ئوشۇق ۋە بۇنىڭ 70 پىرسەنتى دېگۈدەك ياشلار بولغانلىقى ئۈچۈن سوئاللار ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، بىز ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ يەردە ھەممىسىدىن مىسال بېرەلمىدۇق. يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب قىسمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، خۇلاسە سۆزىنى قىلىشقا ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋاكالىتەن مەمەت توختى ئەپەندى سەھنىگە تەكلىپ قىلىندى. مەمەت توختى ئەپەندى سۆزىدە ئوقۇشنىڭ بىر مىللەت ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى، ئوقۇشنىڭ، بىلىم ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنىڭ قۇرئان كەرىمدىمۇ تەكىتلەنگەنلىكىنى، ياشلارنىڭ چوقۇم ياخشى ئوقۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
يىغىن ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ بۇ يەرگە كېلىپ دوكلات بەرگەن ئالىملارغا ۋە شۇنداقلا بۇ يىغىننى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ، ۋۇجۇدقا چىقىشىغا كۈچ چىقارغان شەخسلەرگە بارلىق تىڭشىغۇچىلارنىڭ رەھمىتىنى بىلدۈرۈش يۈزىدىن ئۇلارغا خاتىرە بويۇمى سوۋغا قىلىندى. ئۇلارغا خاتىرە بۇيۇمىنى ئامېرىكىغا ئەڭ بالدۇر كېلىپ ئولتۇراقلاشقان پېشقەدەملەردىن، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن غۇلامىدىن پاختا ئەپەندى ۋە ئەدھەمجان ئەپەندىلەرنىڭ قولىدىن ئالدى. يىغىن ئەھلى قىزغىن چاۋاك چېلىپ ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى.
يىغىن ئاياغلاشقاندىن كېيىن مېھمانلار سېتىرلىڭ رايونىدىكى زالغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاخشاملىق مەدەنىيەت پائالىيىتىگە مېڭىش ئالدىدا بىر قانچە ياشلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن بۇ پائالىيەتتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى سورىدۇق.
كەچتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تاماق ۋە مەدەنىيەت پائالىيىتىمۇ ناھايىتى قىزغىن ئۆتتى. ئۇيغۇر جامائىتى ھەممىسى بىرلىكتە ئالىملار بىلەن ئاخشام تامىقىدا ھەمداستىخان بولدى ۋە سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى ۋە ئەلۋەتتە ئۇيغۇر بولغانىكەن، ناخشا-ئۇسۇلسىز بولمايدۇ. دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندىمۇ ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق دېگەن ناخشىغا ئۇسۇلغا چۈشۈپ، ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغان بولدى. ئەركىن سىدىق، تاشپولات روزى ۋە رىشات ئابباس ئەپەندىلەرمۇ سەھنىگە چۈشۈپ، كەيپىياتنى تېخىمۇ كۆتۈرۈۋەتتى. بۇ يەردە ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىمۇ ئالىملارغا ۋە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا رەھمەت ئېيتىپ خاتىرە بويۇمى تەقدىم قىلدى. تېكساستىن كەلگەن مېھمان نۇرمەمەت ھېيت ئەپەندى نەق مەيداندا ياشلارنىڭ پائالىيەتلىرى ئۈچۈن 500 دوللار ئىئانە قىلدى.