كۆزەتكۈچىلەر: «خىتاينىڭ يېڭى ئىمتىھان تۈزۈمى چوڭ خىتايچىلىق سىياسىتىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى»

0:00 / 0:00

بۇ يىل خىتاي ئىجاد قىلىپ قوللىنىپ كېلىۋاتقان مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىلىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تۈزۈمى ئورنىتىلغانلىقىغا 40 يىل بولدى.

خىتايدا بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى خىتاي بويىچە بىر تۇتاش باشلاندى، بۇ يىل خىتاي بويىچە 9 مىليون 400 مىڭ، ئۇيغۇر ئېلى بويىچە 183مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا قاتناشقان. بۇلار خىتايدا «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭى ئىمتىھان» لايىھىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، تۇنجى تۈركۈمدە ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ھېسابلىنىدۇ. 2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ يېڭى ئىمتىھان سىياسەتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككى چوڭ نۇقتا بولسا، قوش تىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى ۋە خىتاي تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھانىغا خىتاي كلاسسىك شېئىرلىرىدىن باشقا، ماۋ زېدۇڭ شېئىرلىرى ھەققىدىكى سوئالنىڭ كىرگۈزۈلۈشى بولدى. بۇ ئىككى چوڭ ئۆزگىرىش، چەتئەل مەتبۇئات ۋە خىتاي كۆزەتكۈچىلىرىدە غۇلغۇلا قوزغىغان بىر تېمىغا ئايلاندى.

بۇ يىل 1977-يىلى خىتايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن «يېڭى ئىمتىھان» يىلىدۇر. بۇ يىل خىتاي بويىچە 9 مىليون 400 مىڭ كىشى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 183 مىڭ 700 ئادەم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭى ئىمتىھان» لايىھىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بۇ يىل تۇنجى تۈركۈمدە ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر سۈپىتىدە خىتاينىڭ مائارىپ تارىخىغا يېزىلىدىكەن. خىتاينىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا قارىغاندا، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە تولۇق كۇرسقا 3 مىليون 720 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان.

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى 2014-يىلى 9-ئايدا «ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش پىكرى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي تەۋەسىدە، ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەنگە ئايرىماسلىق، بىر يىلدا كۆپ قېتىم ئىمتىھان ئېلىش، ئۇنىۋېرسال باھالاش قاتارلىق يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)نىڭ ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھىسى تۈزۈلۈپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. دائىرىلەر يېڭى ئىمتىھان تۈزۈمى ئەنئەنىۋى تولۇق كۇرس تۈركۈمى نومۇر چېكىنىڭ بۇزۇپ تاشلىنىشى ئالىي مەكتەپلەرنى بىرلىككە كەلگەن مۇنبەرگە يۈزلەندۈرۈپ، پۇقراۋى تولۇق كۇرسلۇق مەكتەپلەر ۋە مۇستەقىل ئىنستىتۇتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «دەرىجىسى» گىلا ئەگىشىپ مېڭىش ئەمەس، بەلكى مۇۋاپىق مەكتەپ ۋە كەسىپنى تاللاشقا يېتەكلەشكە پايدىلىق، دەپ كۆرسەتكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتايدا كىشىلەرنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا باغلانغان بىر ۋەزىيەتتە، ئىمتىھان تۈزۈمىدىكى بىرەر ئۆزگىرىش خىتاي جەمئىيىتىدە كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلىشى تەبىئىي دەپ قارايدۇ. جۈملىدىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان تۈزۈمى ئىسلاھاتى لايىھىسىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى ۋە كونكرېت تاللاپ ئىمتىھان بېرىدىغان دەرسلەر سەل ئوخشىمىسىمۇ، ئېلىنىدىغان ئىمتىھاندا «مەملىكەت بويىچە بىر خىل ئىمتىھان قەغىزى» بولۇشقا يۈزلىنىپ، بىر تۇتاش چىقىرىلغان ئىمتىھان سوئالى ئىشلىتىلگەن. بىراق يېڭى ئىمتىھان سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا نىسبەتەن چوڭ تەسىرگە ئىگە ئىككى چوڭ نۇقتا كۆزگە چېلىقىدۇ.

بۇنىڭ بىرىنچىسى، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئېتىبار سىياسىتى دەپ قارىلىپ كەلگەن نومۇر قوشۇش سىياسىتىنىڭ بىكار قىلىنىشى.

12-ئاپرېل، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل ئىشخانىسى رايوننىڭ 2017-يىللىق «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى» نى رەسمىي ئېلان قىلغان. بەلگىلىمە بويىچە قوش تىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئۇنىڭدا ئەسلى خىتاي تىلىدا ئىمتىھان بېرىدىغان، خىتاي تىلى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز، تاجىك قاتارلىق 11 ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاتا-ئانىسى ئىككىلا تەرەپ ئاز سانلىق مىللەت بولسا 50 نومۇر، بىر تەرەپ ئاز سانلىق مىللەت بولسا ئون نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن ئىدى. خىتاينىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش سىياسىتى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسىدە «ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭكى بىلەن ئوخشىمىغانلىقى، نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئاساسىي مائارىپ سەۋىيىسى بىرقەدەر تۆۋەن،ناچار بولغانلىقى ئۈچۈن ئاز سانلىق مىللەت رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئالىي مەكتەپلەردە تېخىمۇ كۆپلەپ بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بەلگىلىگەن ئالاھىدە سىياسەت ۋە ئۇ «مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئاساسلىقى يەنىلا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ باراۋەر تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈندۇر» دەپ ئىزاھ بېرىلگەن.

گەرچە بۇ يىلدىن باشلاپ قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك قوشۇپ بېرىلىدىغان 50 نومۇر بىكار قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون چىقارغان يەرلىك خاراكتېرلىك نومۇر قوشۇپ بېرىش بەلگىلىمىسىدە يەنە «ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرى (ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان تىزىملىك ئاساس قىلىنىدۇ) نىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىگە 20 نومۇر قوشۇپ ئارخىپ چىقىرىلىدۇ» دېگەن ماددا كىرگۈزۈلگەن.

دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، مائارىپ-پەن-تېخنىكا مەھكىمىسى تورىدا 2020-يىلىغا بارغاندا جۇڭگوچە مائارىپىدىكى ئىمتىھان ئېلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىدۇ، ئىسلاھات دولقۇنى پات ئارىدا پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلايدۇ. شۇڭا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى ھەرگىزمۇ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مائارىپ ساھەسىنىڭلا ئىشى ئەمەس، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ، ھەتتا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ چوڭ ئىشى. بۇ قېتىمقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ تەڭ-باراۋەر بولۇشىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈش، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئادىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش باھانىسىدە ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ سىياسەت، قانۇنلىرى ئاساسىدا ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان نومۇر قوشۇش سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەن بولۇپ، 2017-يىلىدىن باشلاپ «قوش تىل» سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار بىلەن نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. «قوش تىل» سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر، مىللىي تىل-يېزىقتا ئىمتىھان بەرگەنلەر ۋە موڭغۇل تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەرگە ئايرىم پىلان يولغا قويۇلىدۇ، ئايرىم نومۇر چېكى بېكىتىلىپ، ئايرىم ئارزۇ تولدۇرۇلۇپ، ئايرىم قوبۇل قىلىنىدىغان باراۋەر سىياسەت يولغا قويۇلىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانىدا قوش تىل مائارىپ سىياسىتى 2020-يىلىغا بارغاندا پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇپ بولۇش ئىدى، ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ ئەھۋالى ۋە سەۋىيىسى ھازىرلا، خىتايدا ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى مېخانىزمىغا ماسلاشقۇدەك سەۋىيىگە يەتتىمۇ؟ ئۇيغۇرلار ئىمتىھان ئىسلاھاتىغا قانداق قارايدۇ؟

بۇ ھەقتە، ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر ئېلى ئالىي مائارىپ سېپىدە خىزمەت قىلغان كۈندۈزئاي خېنىم پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ يېڭى ئىمتىھان سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش يولغا قويۇشى ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ ئەمەلىي قىممىتىنى يوقاتقىنى، قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قوشۇپ بېرىلىدىغان شەرتلىك 50 نومۇرنىڭمۇ يوق قىلىنىشى رېئاللىقنى چىقىش قىلمىغان ئادالەتسىزلىك دەپ تەنقىد قىلدى.

شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، «خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بېرىۋاتقان بۇ ئىمتىيازىنى بىكار قىلىشى 1-دىن، باشقا مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى دېگەننى گەۋدىلەندۈرۈشنى رەسمىي يولغا قويغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. 2-دىن، خىتايلاشمىساڭ ئىستىقبالىڭ، چىقىش يولۇڭ يوق دېگەن سىگنالنى بېرىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدىكى ماقالە ۋە ئاخبارات زىيارەتلىرىدە «قوش تىل مائارىپى» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان خىتاي سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا نىسبەتەن ئەڭ ئەجەللىك بىر سىياسەت دەپ تەنقىد قىلىپ كەلگەن، پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ياڭ جيەنلى ئەپەندى بۇنىڭغا قارىتا، «خىتاي ئۆزىنى كۆپ مىللەتلىك دۆلەت دەيدۇ، خىتاينىڭ ھەر يىللىق ئىمتىھان سوئالىدىنلا كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي ئىمتىھان سوئالنىڭ ھەممىسى خىتاي تىلىنى، خىتاينىڭ مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى ئاساس قىلغان. شۇنىڭ ئۆزىدىنلا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نومۇر قوشۇپ ئېتىبار بەردىم دەيدۇ، بۇنى بەزىلەر راسلا ئېتىبار سىياسىتى دەپ قارىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە نومۇر قوشقىنى بىلەن بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزىنىڭ تىلىدا ئوقۇپتىمۇ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرالاپتىمۇ؟ بۇلارغا ئالىي مەكتەپتە پۇرسەت يارىتىلىپتىمۇ؟ ئۇنداقتا بۇ نومۇرنى بىكار قىلغاندا بۇ پۇرسەت تېخىمۇ يوق قىلىنىدۇ» دېدى.

خىتاينىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، دىپلومات تورىدا بۇ ھەقتە 5-ئىيۇن «شىنجاڭدىكى شۈبھىلىك ئېتىبار سىياسىتى» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىنغان، ئاپتور ئادرىئان زېنز خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللەتلەر سىياسىتىنى تەتقىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىس بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە، «خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ سەۋىيىسى كۆپىنچە خىتايلاردىن خېلىلا تۆۋەن بولغانلىقتىن، دۆلەت ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشتا باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويغان. قوش تىللىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا نومۇر قوشۇپ بېرىشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى بىلەن، شىنجاڭ ئەمەلىيەتتە ئاللىبۇرۇن ئىككىنچى ئەۋلاد مىللەتلەر سىياسىتى تەلىپىنىڭ ئىككىنچى قەدىمىنى باستى» دەپ باھا بەرگەن ۋە خىتاي تىلىدا ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىمتىيازىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى ئاقسۇ، قەشقەر، قىزىلسۇ، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر تىلىدا ۋە خىتاي تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قانچە يىللىق نىسبەت پەرق جەدۋىلى ئارقىلىق يورۇتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا 2016-يىلىغا كەلگەندە، خىتايچە ئىمتىھان بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئەڭ ياخشى بولۇپ، نومۇر قوشۇپ بېرىلگەچكە، ئوتتۇرىچە نومۇرى ئېشىپ خىتايلارنىڭكىدىن 6 نومۇر يۇقىرى بولغان. گەرچە قەشقەرنىڭ ئەھۋالى پۈتكۈل شىنجاڭغا ۋەكىللىك قىلمىسىمۇ، لېكىن خىتايچە ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ رىقابەت ئەۋزەللىكىنىڭ خىتايلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

خىتايچە ئوقۇغانلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا ئوقۇغانلار ئارىسىدا يوچۇق پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىدىكى پەرقنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %30 پەرقلىنىدىغانلىقىدەك ئىسپات بىلەن كۆرسەتكەن. ماقالىدە ئىسپات قىلىپ كۆرسىتىلگەن يەنە بىر مىسال، 2012-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا نوپۇسىنىڭ %92 ئى ئۇيغۇر بولغان قەشقەردىن ئىبارەت بىر ۋىلايەتتە، ئۇيغۇر تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى بىر ھەسسە تۆۋەنلىگەن، يەنى 30 دىن 16 گە چۈشۈپ قالغان.

شىنجاڭ خەۋەرلىرىدە ئېلان قىلىشىچە 7-ئىيۇن ئېلىنغان، بۇ يىللىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھانى ئۈچۈن گەنسۇ، چىڭخەي، ئىچكى موڭغۇل، نىڭشا قاتارلىق 12 ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2-خىل ئىمتىھان سوئال قەغىزى تارقىتىلغان. سوئال قەغىزىدە، لى باي، دۇ فۇ، باي جۇيى، چۇي يۈەن قاتارلىق 6 خىتاي كلاسسىك شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن تاللاپ جاۋاب بېرىش كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭدا ھەتتا ئوقۇغۇچىلار ماۋ زېدۇڭ شېئىرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ 6 خىتاي شائىرىنىڭ شېئىردىكى مىسرا ۋە كۇپلېتلىرىنى تولۇقلاپ يېزىش، مەركىزى ئىدىيىسىنى تەھلىل قىلىشقا ئوخشاش قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى سوئاللاردا سىنالغانلىقى، يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ 8-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنغان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرگە قارىغاندا، ھالبۇكى بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي قاتارلىق خىتاي ئىچكى قىسمىدا تارقىتىلغان 1-خىل ئىمتىھان سوئالىدا ئوقۇغۇچىلاردىن يۇقىرىقىلارغا جاۋاب بېرىش تەلەپ قىلىنمىغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسىنى ئاساس قىلغان جايلاردىكى ئىمتىھان سوئالىغا ماۋ زېدۇڭ ھەققىدە سوئاللارنىڭ كىرگۈزۈلۈشى كۆزەتكۈچىلەردە ئىنكاس قوزغىماقتا.

ياڭ جيەنلى ئەپەندى، «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئالىمۇ خىتاينىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش مۇقىملىق سىياسىتىگە ماسلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئەسلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي سىياسەتكە ۋە مائارىپ سىياسىتىگىمۇ مۇۋاپىق بولمىغان بىر سىياسەت» دەپ كۆرسەتتى.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىمتىھان سوئالىغا ماۋ زېدۇڭ شېئىرلىرىنىمۇ كىرگۈزۈشى بولسا، «يېقىنقى زاماندىكى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا بولغان چوقۇنۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ۋاسىتىلىك ھالدا خىتاي يېڭى رەھبەرلىرىگە چوقۇنۇش قۇللۇق ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان» دەپ مۇلاھىزە قىلدى.