«ئىنتىل» مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەت ئابدۇللانىڭ تۇتۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
2019.02.19
ئىنكاسلاردا، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تونۇلۇۋاتقان ياش ساخاۋەتچى ۋە مەرىپەتپەرۋەر دەپ تونۇلغان، «ئىنتىل» كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەت ئابدۇللانىڭ تۇتۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. نۆۋەتتە، ئىنتىل مەكتىپىگە ئائىت توربېكەت، ئۇچۇر ۋە ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ تاقالغانلىقى مەلۇم. ئابلەت ئابدۇللانى بىلىدىغان كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ خېلى بۇرۇنلا ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ۋە ئىنتىل مەكتەپلىرىنىڭ نامى خىتايچىغا ئۆزگەرتىلىپ قايتا قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىشماقتا.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئىنتىل» كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭ «ئىنتىل» مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدېرى ئابلەت ئابدۇللانىڭ يېقىنقى يىللاردا يەنە «شېرىن چۈش» پروگراممىسى قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە قىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقى مەلۇم ئىدى.
ئەپسۇس يېقىنقى كۈنلەردە رادىيومىزغا بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن بۇ داڭدار ساخاۋەتچى، دۆلەت ئىككىنچى دەرىجىلىك پسىخىك مەسلىھەتچىسى ئابلەت ئابدۇللانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقى ھەتتا 17 يىل كېسىلگەنلىكى ئىنكاس قىلىنماقتا. بۇ ھەقتە بەزى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ ئوخشاش ئۇچۇرلار تارقىلىشقا باشلىغان ئىدى.
ئابلەت ئابدۇللانى تونۇيدىغان تۈركىيەدىكى ئەنۋەر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تونۇشلار ئارقىلىق ئالغان ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا ئابلەت ئابدۇللا 2017-يىلى 6-ئايلاردا بىر قېتىم تۇتۇپ كېتىلىپ كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ يېقىنقى ئايلاردا قايتا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 17 يىل كېسىلگەن، ئەمما ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. لېكىن، بىز خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپتىن بۇنى دەلىللەشكە ئېرىشەلمىدۇق. ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىمۇ ئابلەت ئابدۇللانىڭ ئەھۋالىغا ئائىت بىرەر ئۇچۇرنى ئېلان قىلمىدى.
خەۋەر مەنبەسى ئېنىق بولمىسىمۇ ئەمما بۇ ئىنكاس قىلغۇچى ئەۋەتكەن ئۈندىدار ئۇچۇرىدا خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى بەيچۇئەن مائارىپى شىركىتى يېقىندا كورلا ۋە لوپنۇردىكى ئىككى ئىنتىل مەكتىپىنى ئۆتكۈزۈۋالغان. بۇ ئۇچۇردا دېيىلىشىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋە 1 ئاينىڭ 23-كۈنلىرى بەيچۇئەن مائارىپى شىركىتى بۇ ئىككى ئىنتىل مەكتىپىنىڭ ئورنىدا يېڭىدىن مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسىگە قول قويغان.
گەرچە ئابلەت ئابدۇللانىڭ تۇتۇلغانلىقى ياكى كېسىلگەنلىكىنى دەلىللەش ئۈچۈن بىر نەچچە كۈندىن بېرى تىرىشقان بولساقمۇ ئۈنۈمى بولمىدى. ئەمما ئىنتىل كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى، ئىنتىل مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ تور بېكەت ۋە ئالاقە ئۇچۇرلىرىنىڭ ھەتتا ئۇلارغا ئائىت بارلىق ئۇچۇرلارنىڭمۇ ھەممىسىنىڭلا بىراقلا تاقالغانلىقى مەلۇم بولدى.
ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا د شىنجاڭ «ئىنتىل» تىل ۋە كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەت ئابدۇللا خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىدە نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ 2004-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىغا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە كىرگەن ۋە شۇ ۋاقىتتىلا ئىقتىسادى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇيالمىغانلارنى ھەقسىز ئوقۇتىمەن دەپ كۆڭلىگە پۈككەن ئىكەن.
ئۇنىڭ بىلىدىغانلارنىڭ ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، مانا ئەمدى ئارزۇ-ئارمانلىرى ئەمەلگە ئېشىپ، ئىنتىل مەكتىپىنى قۇرۇپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدىمۇ تارماق مەكتەپلىرى ئېچىلىپ، ھەر يىلى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ھەقسىز ئوقۇۋاتقان بىر شارائىتتا، ئابلەت ئابدۇللانىڭ كەلگۈسىدە مەكتىپىمىزنى مۇنتىزىم ھالەتتىكى، ئوقۇش تارىخى ئېتىراپ قىلىنغان ئىنستىتۇتى قىلىپ چىقسام، دېگەن ئارزۇلىرىمۇ بەربات بولغان.
ئابلەت ئابدۇللا بىلەن بىر دېمەتلىك ۋە ئامېرىكىغا كېلىشتىن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ئۇنىڭ بىلەن خېلى قويۇق بىلىشىدىغان ئادىلجان ئۆزىنىڭمۇ ئابلەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەكتەپلىرىنىڭ بولسا تاقالغانلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تولۇقسىز ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلارنى كۆرۈپ كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئابلەتكە خېلى بۇرۇنلا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2015-يىلى «ئىنتىل» كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 6 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى توغرۇلۇق بەزى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى سىن خاتىرىلىرىگە قارىغاندا، ئابلەت ئابدۇللا شۇ يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر ئالغان 22 نەپەر ئوقۇغۇچىنى 5 مىڭ سوم بىلەن مۇكاپاتلاپ، 110مىڭ سوملۇق ئوقۇش مۇكاپاتىنى تارقىتىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرگەن. ئۇ ئالىي مەكتەپلەردە ئەڭ ياخشى ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاشنى 2012-يىلىدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىكەن.
«خەلق گېزىتى» نىڭ 2015-يىلى 4-دېكابىر خەۋىرىدە تونۇشتۇرۇشىچە «ئىنتىل» كەسپى تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى 2009-يىلى ئۆكتەبىردە قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپ 70دىن ئارتۇق مەسئۇلىيەتچان، كۆيۈمچان، ھەر قايسى جەھەتلەردە ئۇنىۋېرسال ساپا ھازىرلىغان بىر تۈركۈم تالانتلىق ياش ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن تەركىب تاپقان، مەكتەپ ھەر خىل زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، مۇنتىزىم ئوقۇتۇش پروگراممىسى ۋە سىستېمىلىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىگە ئىگە بولۇپ، «ئۈنۈمىدىن باشقىسى قۇرۇق گەپ!» دېگەن شوئارنى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلغان بىر ئىللىق بىلىم ماكانىكەن.
ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پسىخىكا مەسلىھەتچىسى ئۇنۋانىغا ئىگە ئابلەت ئابدۇللا بىرقانچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىمۇ داۋاملىق ھەقسىز لېكسىيە سۆزلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىنتىل كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەت ئابدۇللانىڭ ئىسمىنىڭمۇ يېقىنقى كۈنلەردە، مەزكۇر ئورگان تەرىپىدىن تىزىملىنىۋاتقان 2017-يىلىدىن بۇيان تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر سەر خىللىرى ساندانىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئەپسۇسلۇق بىلەن تىلغا ئالدى. زۇبەيرە خانىم گەرچە ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى نامەلۇم بولسىمۇ، بىراق ھازىرقىدەك بارلىق ئۇيغۇر داڭدارلىرى ۋە تۆھپىكارلىرى تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان ھەمدە ئۇلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى دەلىللەش قىيىن بولغان بىر شارائىتتا، ئۇيغۇر ئېلىدە مەرىپەتپەرۋەرلىكى، ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن ئابلەت ئابدۇللانىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدەك بىر ئۇچۇرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەن ئىكەن.
«خەلق گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا ئابلەت ئابدۇللا قۇرغان ««ئىنتىل» شىركىتى 2015-يىلى خىتاي مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 4-نۆۋەتلىك داڭلىق ماركىلارنى باھالاش يىللىق يىغىنىدا «جۇڭگودىكى داڭلىق مىللىي خەيرى-ساخاۋەت ئاممىۋى پاراۋانلىق مەكتىپى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر كارخانىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئىكەن. ئابلەت ئابدۇللا 4مىليون يۈەنگە يېقىن خەيرى ساخاۋەت سوممىسى سەرپ قىلغانلىقى ئۈچۈن خەير-ساخاۋەت كومىتېتى تەرىپىدىن ئالاھىدە مۇكاپاتلانغان ھەمدە خىتاي خەير-ساخاۋەت باش كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان.