ھەر قانداق ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ ياخشى يېتىشتۈرۈلۈشى ۋە كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ھەم بۇ توغرىسىدا ئىزدىنىپ پەرزەنتلىرىنى ياخشى ئوقۇتۇشقا تىرىشىدۇ. جۈملىدىن چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇ ۋە سافاكۆي رايونلىرىدا ئونغا يېقىن ئۇيغۇر يەسلىسى ۋە قۇرئان كۇرسلىرى ئېچىلدى. بۇ ئورۇنلار ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ئۆسمۈرلەرنى ئوقۇتۇپ كەلمەكتە.
ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەسىس قىلىشى بىلەن ئېچىلغان ئۇيغۇر يەسلىسى ۋە قۇرئان كۇرسىدا بۇ يىل 140 ئۆسمۈر تىزىملىتىپ دەرس باشلىغان.
بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۇيغۇر يەسلىسى ۋە قۇرئان كۇرسىنى زىيارەت قىلىپ، مەكتەپ مۇدىرى خۇرشىدە خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
خۇرشىدە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 140 نەپەر ئوقۇغۇچىدىن 30 ئوقۇغۇچى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ھۆكۈمەت مەكتىپىدىكى دەرستىن سىرت ۋاقىتلاردا بۇ مەكتەپكە كېلىپ دىنى ۋە مىللىي دەرس ئوقۇيدىكەن، بەزىلىرى بولسا قارىي بولۇش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمىنى ياد ئالىدىكەن، قالغان 110 نەپەر ئۆسمۈر بولسا، يېشى 4-6 ياشلار ئەتراپىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، دىنى تەلىم تەربىيە ۋە قۇرئان ئوقۇش، رەسىم سىزىش، ئادەتتىكى سانلارنى ھېسابلاش ھەم تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە دەرس ئوقۇيدىكەن.
خۇرشىدە خانىم بىزنى سىنىپلارنى ئايلاندۇرۇپ، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. بىز بىر قىسىم ئۆسمۈرلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۆسمۈرلەر ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك ئوقۇۋاتقان دەرسلىك پروگراممىلىرى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى.
سافاكۆيدىكى ئۇيغۇر يەسلىسىدە 90 نەپەر ئوقۇغۇچى دەرس ئوقۇيدۇ
بىز ئىستانبۇلنىڭ سافاكۆي رايونىدىكى ئانا تىل يەسلىسى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ يەسلىنىڭ مۇدىرى رەنا خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق، رەنا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يەسلىدە بۇ مەۋسۇم 90 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى دەرس ئوقۇماقتا ئىكەن ۋە بۇ يەسلىنىڭ 8 ئوقۇتقۇچىسى بار بولۇپ، يەسلىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، قۇرئانى كەرىم ئوقۇش ۋە يادلاش، رەسىم سىزىش، ئاددىي سانلارنى ھېسابلاش، دۇئا ئوقۇش دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلاردا دەرس ئۆتۈلىدىكەن.
بىز ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر يەسلىلىرى توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمى مەسئۇلى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، ئالدى بىلەن زەيتىنبۇرنۇ ۋە سەفاكۆيدىكى ئۇيغۇر يەسلى ۋە قۇرئان كۇرسلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مەلۇمات بەردى.
مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم سۆزىدە يەنە، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش كېرەكلىكى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىش ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم بولسا، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ شۇنچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدىن يىراقلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ھەم دىنىنى ئۆگىتىشنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەسىس قىلىشى بىلەن 2008-يىلى ئېچىلغان ئۇيغۇر يەسلىلىرىدە بۇ يىل 200 ئەتراپىدا ئۆسمۈر دەرس ئوقۇۋاتقان بولۇپ، بۇ يەسلىلەردە ئوقۇش يېشىغا توشمىغان 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى، ئۆسمۈرلەرگە ئالاقىدار ھەر خىل ساھەلەر بويىچە تەربىيىلىنىپ كەلمەكتە.