تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ئون نەچچە ئورۇندا ئۇيغۇر ئانا تىل سىنىپلىرى ۋە قۇرئانى-كەرىم كۇرسلىرى ئېچىلغان بولۇپ، شۇلاردىن بىرى ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدىكى سۇتۇق بۇغراخان ئانا تىل ۋە قۇرئان كۇرسى مەكتىپىدۇر. بۇ يەسلىدە 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئۆسمۈر دەرس ئوقۇماقتا. 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، يەكشەنبە چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان سەفاكۆي رايونىدىكى مەزكۇر ئۇيغۇر ئانا تىل يەسلى ۋە قۇرئان كۇرسىنىڭ ياز مەۋسۇملۇق ئوقۇش ئاخىرلاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتكە ئىستانبۇل كۆچۈكچەكمەجە مۇپتىلىق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
سەفاكۆي مەدەنىيەت مەركىزى زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەت قۇرئان كېرەم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى، مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ ئۆسمۈرلەرنى تەبرىكلىدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە، قۇرئانى-كەرىمىنىڭ تۇنجى بولۇپ چۈشكەن ئايىتىنىڭ «ئوقۇ»دېگەن سۆز بىلەن باشلانغانلىقىنى، ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، خەلقىمىزنىڭ ئاسارەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن نادانلىق ۋە جاھالەتتىن قۇتۇلۇش كېرەكلىكىنى، جاھالەت ۋە نادانلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە، خەلقنىڭ ھەر ساھەدە يېتىشكەن ياراملىق ئەۋلادلارغا ئېھتىياجى بارلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنتلەرنى مەيلى پەننى ساھەدە بولسۇن مەيلى دىنىي ساھەدە بولسۇن ياراملىق قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قارمىقىدىكى بۇ يەسلىدە ئوقۇۋاتقان ئۆسمۈرلەر ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن ھەر خىل نومۇرلارنى كۆرسەتتى.
بەزى ئۆسمۈرلەر ناخشا ئۇسۇل ئوينىدى، ساما سالدى. بەزى ئۆسمۈرلەر شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى.ئۆسمۈرلەر يەنە «ئانا تىلىم» دېگەن تېمىدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ ئانا تىلى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
پائالىيەت ئاخىرىدا مەسئۇللار، يەسلىدىكى ۋە قۇرئان كۇرسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ تەبرىكلىدى. ئوقۇغۇچىلارغا مېدال تەقدىم قىلىندى ۋە تاج كىيدۈرۈلدى.