خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 9-تۈركۈمدىكى ياردەم كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يېتىپ كەلگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ كۆپىنىڭ ماگىستىرلىقتىن يۇقىرى مەلۇماتلىق زىيالىيلار ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىندى. مەلۇم بولۇشىچە 1997-يىلىدىن بۇيان، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ توققۇز تۈركۈمدە 10 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي كادىرنى ‹ياردەم› نامىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئەۋەتكەن. ئۇنداقتا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى مەلۇماتلىق خىتاي زىيالىيلىرىنى ياردەم نامىدا ئەۋەتىشىدىكى سەۋەب ۋە مەقسەت نېمە؟
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا بىر ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان «شىنجاڭغا ياردەم» كادىرلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەردە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە خىتاينىڭ 19 ئۆلكە شەھىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قىلىۋاتقان «ياردەم» لىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا ئەۋەتىلىۋاتقان «ياردەم» كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقى كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا.
خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن بىرى «خەلق تورى» نىڭ 31-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە 9-تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 573 نەپەر يۇقىرى مەلۇماتلىق كادىرنىڭ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەنلىكى ۋە بىر ھەپتىلىك قىسقا كۇرستىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاساسىي قاتلاملار ۋە بىڭتۇەنگە قاراشلىق پولكلاردا خىزمەتكە چۈشىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.
ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن نيويورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بۇ قېتىم ئەۋەتىلگەن ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىۋاسىتە ئەۋەتىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىنقى قېتىملاردىكى «ياردەم كادىرلىرى» غا سېلىشتۇرغاندا 66% تىنىڭ ماگىستىرلىقتىن يۇقىرى مەلۇماتلىق زىيالىيلار ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشىنىڭ 40 ياش ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتىلىشى دىققەت قوزغايدۇ.
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن پروفېسسور شيا مىڭنىڭ قارىشىچە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەت قاتارلىق چېگرا رايونلارنى كونترول قىلىش بولسا، ئاتالمىش «ياردەم كادىرلىرى» نىڭ مەقسىتى ھۆكۈمەتكە ساداقىتىنى ئىپادىلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئەمەل ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشىشتۇر.
شىيا مىڭ مۇنداق دېدى: «خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىغا ياردەم نامىدا خىتاي كادىرلىرىنى تۈركۈملەرگە بۆلۈپ ئەۋەتىشىدىكى مەقسىتى تۈپ نېگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا يەنىلا بۇ رايونلارنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىش. شۇڭا يىللاردىن بۇيان بۇ رايونلارنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشى بولۇپ كەلدى. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى چېگرا رايونلارنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبرەت سىياسىي مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مەلۇم ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە، جان پىدالىق بىلەن مەركىزى ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئىشلەيدىغان بىر تۈركۈم كومپارتىيىگە سادىق كادىرلىرىنى تاللاپ ئەۋەتىشكە ئېتىبار بېرىۋاتىدۇ. ئاتالمىش ‹ياردەم كادىرلىرى› نىڭ چېگرا رايونلارغا كېلىشتىكى مەقسىتىدىن قارىغاندا ئۇيغۇر دىيارى ۋە تىبەتكە كەلگەن خىتاي كادىرلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىدە تېخىمۇ يۇقىرى ئەمەل ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇڭا ئاتالمىش ‹ياردەم كادىرلىرى› مەيلى ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغۇچىلار بولسۇن ياكى ھۆكۈمەتكە ساداقىتىنى ئىپادىلىمەكچى بولغانلار بولسۇن ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى يەنىلا تېخىمۇ يۇقىرى ئىمتىياز ۋە ئېتىبارغا ئېرىشىش».
شىيا مىڭ ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەسلىدىنلا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن كەتمەن چېپىۋاتقان زور بىر تۈركۈم خىتاي ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە يەرلىك ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان ھۆكۈمەت كادىرلىرى بار شارائىتتا، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە تۈركۈملەرگە بۆلۈپ، خىتاي كادىرلىرىنى داۋاملىق چېگرا رايونلارغا ئەۋەتىشىدىكى مەقسەت يەرلىكتە ھاكىمىيەت تۇتۇۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۈستىدىن نازارەت قىلىش، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ساداقىتىدىن گۇمانلىنىش قاتارلىق ئامىللارمۇ سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا ئىككى ئاي ئىلگىرى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بىڭتۇەن ئۈستىدىن نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ‹9-باشقارما› نى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسا، مانا ئەمدى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدىكى يۇقىرى مەلۇماتلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە».
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ «ياردەم» نامىدا ئەۋەتىلگەن كادىرلىرى مەيلى قانداق سالاھىيەت، قانداق مەلۇمات سەۋىيىدە بولسۇن، ۋە ياكى قانداق سەۋەبلەر بىلەن قانداق شارائىتتا ئەۋەتىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كادىرلارنى ئەۋەتىشىدىكى ئاساسىي مەقسىتى يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىشغالىيەت سىياسىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان.
خىتاي مەتبۇئات ئۇچۇرلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۈرۈمچىدە 9-نۆۋەتلىك مەركەزدىن كەلگەن «ياردەم كادىرلىرى» نى تەربىيەلەش كۇرسى باشلانغان بولۇپ، «خەلق» تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تەربىيلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو، «ياردەم كادىرلىرى» دىن كۈتىدىغان ئۆزىنىڭ بىر قاتار تەلەپلىرىنى تەكىتلەپ، ئۇلاردىن سىياسىي-قائىدە تۈزۈمگە بويسۇنۇش ۋە ئىدىيە جەھەتتە شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشنى تەلەپ قىلغان. بولۇپمۇ ئۇ سۆزىدە، مەزكۇر كادىرلارنىڭ «بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى»؛ «دۆلەت بىرلىكىنى، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى، مىللىي ئىتتىپاقلىقنى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغدىشى؛ مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى» نى شۇنىڭدەك «ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا مۇنازىرە تېمىسى بولۇۋاتقان، «يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا سەۋەب بولۇۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ۋە تەڭسىز سىياسەتنى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئەمەس بەلكى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتىكى زىيادە سولچىللىقى ۋە باستۇرۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ» دېگەن قاراشلارغا رەددىيە بەردى.
ئېلشات ئەپەندى يەنە، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئاتالمىش «ياردەم كادىرلىرى» خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك خەلق بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ياخشىلاش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كەيپىياتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىق چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇر كادىرلارغا ئىشەنمەستىن ھېچقاچان ئوز رايونلىرىنى ئىدارە قىلىش ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ، رايوننىڭ بۇندىن كېيىنكى ۋەزىيىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ بارغانچە كۈچىيىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا نارازىلىق كۈچەيگەن، نارازىلىق ۋەقەلىرى كۆپەيگەن تېخىمۇ كەسكىن ۋەزىيەت شەكىللىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.
0:00 / 0:00