ئالدىمىزدىكى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ 9 يىللىق ھەقسىز مەجبۇرىي مائارىپنى تامالىغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنىمۇ ئوقۇشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقى ئاشكارىلانماقتا.
گەرچە، بۇ نۆۋەت يولغا قويۇلىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى «ھەقسىز» دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەسلىدىكى 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ جەرىمانە تەھدىتلىرى بىلەن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇشقا ھەيدىلىشى، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا مەجبۇرىي مائارىپنىڭ 12 يىلغا ئۇزارتىلىشى مۇمكىنلىكىدىن شەپە بەرمەكتە.
مەزكۇر خەۋەرنىڭ «ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى»، جۈملىدىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپى ھەققىدىكى كۆرسەتمىسىدىن كېيىن ئوتتۇرا چىقىشى دىققەتنى چەكتى.
يېقىندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك دەپ» كۆرسىتىپ ۋە يەنە ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار» نى قوغداش، «قوش تىل مائارىپى» نى يۈكسەلدۈرۈش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
شى يەنە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى كۈچەيتىشنى قاتتىق تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە، چارۋىچىلىق رايونى ۋە چەت يەرلەردە ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇشنى تېزلىتىپ جەنۇبىي شىنجاڭدا ھەقسىز تولۇق ئوتتۇرا مائارىپنى يولغا قويۇش... شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك، دەپ يوليورۇق بەرگەن.
شى جنىپىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا تولۇق ئوتتۇر مەكتەپلەرنىمۇ ھەقسىزلەشتۈرۈش سىياسىتى يۈرگۈزىدىغانلىقى، نۆۋەتتە تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا ۋە خىتاي ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە مۇنازىرە نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بۇ سىياسەت يېڭى گەپ ئەمەس.
9-يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى 12غا قەدەر ئۇزارتىش يەنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ ھەقسىزلەشتۈرۈش سىياسىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 12-بەش يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئىككى-ئۈچ يىل ئىلگىرىلا يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان.
2014-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە، ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدا ھەقسىز مائارىپنى پەيدىنپەي ئومۇملاشتۇرۇشنى تەكىتلىگەن.
دەرۋەقە قەشقەر شەھىرىدىكى بىر ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر مۇدىرى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە تولۇق ئۇتتۇر مەكتەپنى ھەقسىز ئوقۇتۇش بىر يىل ئىلگىرىلا باشلانغان بولسىمۇ ئۈنۈمىنىڭ تازا ياخشى بولمىغانلىقىنى، شى نىڭ بۇ سىياسەتنى قايتا تەكىتلىشى تۈرتكىسىدە، مائارىپ ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئالدىمىزدىكى مەۋسۇمدىن باشلاپ تولۇقسىز پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 85%tining تولۇق ئوتتۇرىلاردا داۋاملىق ئوقۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان تەدبىرلەرنى ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سوئال:-ھازىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ھەق ئالامدۇ؟
جاۋاب:-ياق ھەقسىز ئوقۇتۇۋاتىمىز مەكتىپىمىز 2013-يىلىلا پۈتۈنلەي ھەقسىزلەشتۈرۈلگەن، ئىككى ئۈچ يىل بولۇپ قالدى بولۇپمۇ يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنى تەدرىجىي ھەقسىزلەشتۈرۈلىۋاتىدۇ. ئە. ئىدى تولۇقسىز پۈتتۈرگەنلەرنىڭ 85%tini تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تىرىشىمىز.
سوئال:-ئادەتتە ھەقلىق ئوقۇتۇلغاندا تولۇق ئوتتۇرىدا قانچە قانچىلىك ئوقۇش پۇلى تۆلەيتتى؟
جاۋاب:-بىر مەۋسۇمىگە 160 سوم بەدەل پۇلى ئوقۇش پۇلى ئايرىم تۆلەيدۇ ئۈچ يىلدا 1000سوم ئەتراپىدا.
سوئال:-بۇنى تۆلەشكە دېھقانلارنىڭ قۇربى يەتمەمدۇ؟
يەتسىمۇ ئوقۇتمايدۇ، بالدۇرراق ئۆيلۈك قىلىمىز، بالدۇرراق جېنىنى جان ئەتسۇن دەيدىكەن، كۈپ ساندىكى ئاتا ئانىلار پۇل بەرسەكمۇ بالىلىرىنى بەرمەيدۇ.
ھازىر تولۇق ئوتتۇر مەكتەپلەر پۈتۈنلەي ھەقسىز ئوقۇتۇلىدۇ لېكىن باللا ئاز، ئوقۇش ھەقسىز بولغاندىن سىرت، دۆلەتتىن يەنە ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا 500يۈەندىن كۆپرەك ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىدۇ. يەنە كەلگىلى ئۇنىمايدۇ، ھەر يىلى مەكتىپىمىزدىنمۇ 10 سىنىپ تولۇقسىزنى پۈتتۈرىدۇ، بۇلتۇرمۇ تولۇق ئوتتۇرىغا ئىككى سىنىپ قوبۇل قىلالىدۇق، ئالدىنقى يىلىمۇ ئوخشاش.
سوئال: -85% ئوقۇغۇچىنى تولۇق ئوتتۇرىغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئەمدى قانداق تەدبىر قوللانماقچىسىلەر؟ بالىلارنى، ئاتا-ئانىلارنى مەجبۇرلامسىلەر؟
جاۋاب:-ئەمدى تولۇق ئۇتتۇر مەكتەپلەر مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرىدىكەن، شەھەردىكى ۋە ئەتراپتىكى يېزىلاردىكى ھەممە مەكتەپلەرنىڭ تولۇق ئۇتتۇر سىنىپلىرىنى بىر جايغا جۇغلاپ ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ يېڭىدىن سەپلىمەكچى، ياتاقلارنىمۇ بىكارلىق قىلماقچى. باشقا تەدبىر قوللىنىدىغانغا مەكتەپ ۋە مائارىپ تارماقلىرىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئارىلىشىپ تەدبىر قوللىنامىكى.
خوتەننىڭ قارقاش ناھىيىسىدە بەش بالىسىنى مەجبۇرىي مائارىپتا ئوقۇتقان بىر دېھقان، ئۆز يېزىسىدىمۇ ھەقسىز ئېلىپ بېرىلىدىغان 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنىڭ 12 يىلغا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئېيتتى، ۋە بۇ سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەكتەپ ۋە مائارىپ ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بالىلىرى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇتمىغان ئاتا-ئانىلارغا جەرىمانە قويۇشتەك مەجبۇرىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سوئال:-بالىلارنى ھەقسىز ئوقۇتۇۋاتىدۇ، بىر ۋاق تاماق ھەقسىز ئىككى يىلچە بولدى. مېنىڭمۇ بىر بالام ئوقۇيدۇ، كىتابنى ھەقسىز بېرىدۇ. تاپشۇرۇق كىتابلىرىغىلا پۇل ئالىدۇ.
جاۋاب:-يەنە نېمىشقا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى تولۇق ئوتتۇرىدا داۋاملىق ئوقۇتۇشقا ئۇنىمايدۇ؟
سوئال:-دىنىدا ئوقۇتىمىز دەپ ئۇنىمايدۇ، پەننىي ئوقۇغان ئادەم دىننىمۇ ئوقۇيالايدۇ ئەسلىدە. ئىدىيىسى ئازاد بولمىغاندىكىن، قانۇننى سىياسەتنىمۇ ياخشى چۈشەنمىگەنلىكتىن شۇنداق قىلىدۇ.
ھازىرقى 7 سىنىپتا ئوقۇغان باللىمۇ ئىسمىنى يازالمايدىكەن. مائارىپقا سەل قارايدىغانلىرىنىڭ بالىلىرى ئاشۇنداق ئوقۇمايدۇ. ھۈنەر ئۆگىتىۋاتىمىز دەيدۇ. ئەۋلادلارنىڭ كېلەچىكىگە دەخلى يەتكۈزىدۇ.
سوئال:-تولۇق ئوتتۇرىغا بەرمىسە بىرەر تەدبىر قوللىنامدۇ؟
ھازىر 12 يىل مەجبۇرىي مائارىپ ھەقسىز، ئەگەر بالىلارنى ئوقۇتمىسا جەرىمانە ئالىدۇ. بالىسى بىر كۈن مەكتەپكە بارمىسا 50 سوم ياكى 100 سوم تۆلەيدۇ. مەكتەپكە كېلىش نىسبىتى يەتمىسە مۇئەللىملەردىنمۇ جەرىمانە ئالىدۇ. يېزىدىن سېكرېتارلار مەسئۇل بولۇپ، دادۈينىڭ ئامانلىق ساقلاش مۇدىرلىرى كادىرلار شۇنداق يىغىپ جەرىمانە ئالىدۇ. مېنىڭ بەش بالام بار ھەممىسىنى ئوقۇتتۇم، كېلىنلىرىممۇ ئوقۇغان. مەن ھېچ ئوقۇمىغان شۇڭا بالىلارنى ياخشى ئوقۇڭلار دەپ ئەپقالمايمەن. بالىلارنى ئوقۇتۇش كېرەك، ھازىرقى ئىشلارنى دەپ كېيىنكى ھاياتىنى ئويلىمىساق بولمايدىكەن، بىز خىزمەت تاپسۇن دەپ ئەمەس، بىلىم، ئىلىم ئېلىپ، پەن-تېخنىكا ئىگىلەپ خەلقىگە ياراملىق ياخشى ئادەم بولسۇن دەپ ئوقۇتۇش كېرەك. باللىرىمىزنى ئىلىم بىلىم ئېلىڭلار دېيىش كېرەك.