ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈرەك ساداسى «ئەڭ ئېغىر جازا-ئەۋلادلارنى مىللىي روھ بىلەن تەربىيىلەشتىن مەھرۇم قالدۇرۇش»

0:00 / 0:00

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى بىلىملىك ساپالىق قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن تەر تۆككەن بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا 10-سېنتەبىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن سالام يوللايمىز.

ئوقۇتقۇچىلىق مەيلى قايسى دۆلەت، قايسى مىللەتتە بولسۇن، ھۆرمەتكە ئىگە يۈكسەك بىر كەسىپ، خىتاينىڭ قوش تىل مائارىپ سىياسىتىگە مەجبۇرلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدا بولسا، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن بۇ ئۇلۇغۋار كەسىپ، ئەۋلادلارنى ئۆز تىلى ۋە مىللىي روھ بىلەن تەربىيىلەشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان، پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان سىياسىي بىر قوشۇنغا ئايلاندۇرۇلماقتا. بۇ ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەردە بۇ نۆۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ،خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇققا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىش سىياسىتى ئەۋج ئالغان بۈگۈنكى كۈندە، مەكتەپلەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى تېخىمۇ سىياسىي تۈس ئالغانلىقى مەلۇم.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئوقۇتقۇچى بولغان ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن مەمەت توختى ۋە ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار دۇچ كېلىۋاتقان كرىزىسلار ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلىرىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان پروگراممىدىن ئاڭلايلى.