بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار مىللىي كىملىكىنى پەرزەنتلىرىگە مىراس قالدۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
مەلۇم بولۇشىچە، گوللاندىيىدىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» 4 ياشتىن ئاشقان ئۆسمۈرلەرنى سىستېمىلىق تەربىيىلەش ئۈچۈن 6 ئايلىق كۇرس پىلانىنى تۈزۈپ چىققان. 2-فېۋرالدىن باشلانغان بۇ كۇرس يۇقىرىقى پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئالغان تۇنجى قەدەم ئىكەن.

دەرس شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10 دىن، چۈشتىن كېيىن سائەت 3 قەدەر داۋام قىلدى. يېڭى خىزمەت مەركىزىدە ھازىرلانغان ئوقۇتۇش سىنىپىنىڭ تۇنجى قارارلىق ئوقۇغۇچىلىرى، يېشى ۋە سەۋىيىسىگە قاراپ 3 گۇرۇپپىغا ئايرىلدى. دەرس ھەر بىر گۇرۇپپىدا ئانا تىل، ئەخلاق ۋە دىنىي بىلىملەر، ھېكمەتلىك ھېكايىلەر بىلەن دەۋر قىلدى. دەرس ئارىلىقىدا ئارام ئېلىش، ناماز ۋە غىزالىنىش قاتارلىق پروگراممىلارمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
بالىلارنىڭ دەرس ۋاقتىدىكى قىزغىنلىق ۋە ئىنتىلىشلىرى، دەم ئېلىش ۋاقتىدىكى سەكرەپ-تاقلاشلىرى، تاماق ۋاقتىدىكى ھەمداستىخانلىقى ۋە سەپ-بولۇپ تىزىلىپ بىرگە ناماز ئوقۇشلىرى بالىلار ئۈچۈن تېپىلغۇسىز خۇشاللىق بەرگەندەك قىلاتتى. كىچىك بالىلارمۇ ئوماق ۋە چۈچۈك ئاۋازلىرى بىلەن ھېس قىلغان خۇشاللىقلىرىنى بىلدۈردى.
«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» ئەزالىرى، مىللىي كىملىكىنىڭ كېلەچىكى بولغان ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەشنىڭ جىددىيلىكىنى خىلىدىن بىرى ئەسكەرتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار ئىلگىرى ئائىلىلەرگە بېرىپ ۋە ياكى تور ئالاقە قوراللىرىدا دەرس ئۇيۇشتۇرۇپ تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۈنۈمى كۈتكەندەك بولماي «بالىلارنى جەزمەن بىر يەرگە يېغىپ مەكتەپ شەكلىدە تەربىيىلەش لازىم»، دېگەن قارارىغا كەلگەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىم يېڭى خىزمەت مەركىزى ھازىرلاپ، ئەڭ ئالدى بىلەن بالىلارنىڭ ئوقۇش ئىشىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئاتلانغانىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۇنجى دەرستىكى كەيپىياتنى ئەينەن بىلىش ئۈچۈن بارغان زىيارىتىمىزدە دىققىتىمىزنى ئەڭ بەك تارتقىنى، بالىلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن تامامەن دېگۈدەك گوللاندچە پاراڭلىشىشقا يۈزلىنىپ كېتىۋاتقانلىقى بولدى ۋە ئەۋلاد تەربىيىسىدىكى بۇ جىددىيەتنىڭ يەنىمۇ توغرىلىقىنى ھەممىمىز قايتىدىن ھېس قىلغان بولدۇق.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، بالىلىرىدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى ھېس قىلغان ئاتىلار: «بىز مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىمىزنى ساقلاشنىڭ غېمىدە يۈرۈپ، بالىلىرىمىز بۇ ھالغا كەپتۇ. بۇ مەسئۇلىيەتكە سەل قاراۋاتقانلارنىڭ بالىلىرى نېمە بولۇپ كەتكەندۇ؟» دەپ، ئەجەبلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
يىراق ھېلمون شەھىرىدىن ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ كەلگەن ئەيسا قارىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز تەسىراتىنى ئاڭلاتتى. ئۇ، كىملىكىنى پەرزەنتلىرىگە مىراس قالدۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.