مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئانا تىل ئۆگىتىشتە رەسىم، ئۇسسۇل ۋە ئاغزاكى سەنئەت

0:00 / 0:00

ئاۋسترالىيە، شىۋېتسىيە، گېرمانىيە ۋە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل كۇرسلىرى ھەققىدە قىلىنغان زىيارەت داۋامىدا رەسىم، ئۇسۇل ۋە ئۇيغۇر ئاغزاكى سەنئىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئانا تىلغا جەلپ قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ياۋروپادا شىۋېتسىيەدىكى رەسسام يارقىن ئەپەندى دەرس بېرىۋاتقان ئانا تىل كۇرسى، گېرمانىيەدە خالىسە ئابدۇللا ئاچقان ئۇيغۇر ئۇسسۇل كۇرسى، مەرۋايىت ھاپىز ئاچقان رەسىم كۇرسى، گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرنىسا ئىسمائىل ئاچقان چۆچەك-قوشاقلار ئارقىلىق ئانا تىل ئۆگىتىش كۇرسى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

خالىسە ئابدۇللا ئاچقان ئۇيغۇر ئۇسسۇل كۇرسى ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر بالىلارغا ئانا تىلىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىپلا قالماي ئۇلارغا ئۆملۈك، جامائەتچىلىك ۋە ئۇيغۇرلۇق روھىنى سىڭدۈرۈشتە مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خالىسە خانىم ئاچقان بۇ ئۇيغۇر ئۇسسۇل كۇرسى گېرمانىيەدە مەدەنىيەتلىك بىر ئۇيغۇر ئوبرازىنىڭ شەكىللىنىشىدە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تونۇلۇشىدا ۋە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

گېرمانىيەدە ياشايدىغان يازغۇچى ئابرال ئەپەندى، ئۇسسۇل كۇرسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋام قىلىشىدا مۇھىم ئامىللاردىن ئوقۇغۇچىنىڭ قىزغىنلىقى، ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپى ساپاسى بولغاندىن باشقا ھەقلىق بولۇشىنىڭمۇ تەسىرى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان رەسسام يارقىن ئەپەندى، رەسىم ئاتا قىلغان ئىپادىلەش ئەركىنلىكى، تەسەۋۋۇر دۇنياسى ۋە گۈزەللىكنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قىزىقتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭچە، مۇھاجىرەتتىكى بالىلار يات تىلدا سىڭگەن، يات تىل ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان رېئاللىقنى ئاتا-ئانىلىرىغا ئانا تىلدا بايان قىلالمايدىغان بولغاچقا ئۇلار بىلەن رەسىم ئارقىلىق ھېسسىيات ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇلارنى ئانا تىل دۇنياسىغا باشلاشنىڭ مۇقەددىمىسى ھېسابلىنىدىكەن.

گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرنىسا ئىسمائىل خانىم گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇشىدا نۇقساننىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ئوقۇتقۇچى مەسىلىسىدىن باشقا ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا ئورتاق مەسىلىنىڭ بالىلارنى چۈشەنمەسلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭچە، بالىلارنىڭ بەزلىرى ئۇيغۇرچىنى پەقەتلا بىلمەيدىكەن. شۇڭا قىلىنىدىغان ئىش ئانا تىل ئۆگىتىش ئەمەس، بەلكى ئانا تىل تىرىلدۈرۈش، ھەتتا ئانا تىلنى ئىككىنچى بىر تىل سۈپىتىدە ئۆگىتىش مەسىلىسى ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئارام ئېلىش كۈنىدىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى مەكتەپ، كۇرس دېمەي بىر ئويۇن، بىر پائالىيەت ياكى بىر كۆڭۈل ئېچىش سۈپىتىدە بالىلارغا چۈشەندۈرۈش بەكرەك مۇۋاپىق ئىكەن.

نۇرنىسا خانىم 2014-يىلدىن باشلاپ ميۇنخېن شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە قاراشلىق جەمئىيەت مەمۇرىيىتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئانا تىل ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ، 2018-يىلدىن باشلاپ كۆچمەنلەر مەجلىسىنىڭ بەش يىللىق ياردىمىگە ئېرىشكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئانا تىل ئوقۇتۇشىدا رەسىم، ئۇسسۇل ۋە ئۇيغۇر ئاغزاكى سەنئىتىدىن پايدىلىنىشنىڭ گېرمانىيە، شىۋېتسىيە ۋە ئاۋسترالىيەدىكى مۇۋەپپەقىيىتى بۇ ئۇسۇلنىڭ مۇھىملىقىنى ئىسپات قىلماقتا ئىكەن.

بۇندىن باشقا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئانا تىلدىن ساۋاتسىز ئەمەس، بەلكى بىخەۋەر قالغانلىقى، پەرزەنتلەرگە ئانا تىلنى يۇقىرىقىدەك ئۇسسۇل، رەسىم ۋە تۈرلۈك ئاغزاكى سەنئەت ئارقىلىق ئۆگەتمەيمۇ ئامالنىڭ يوقلۇقىنى ئاشكارىلىماقتا ئىكەن. نورۋېگىيە، كانادا، ئەنگلىيە قاتارلىق ئەللەردىكى ئانا تىل كۇرسلىرىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا، ئۇيغۇرچە تىلى چىقمىغان بالىلارنىڭ سانى خېلىلا كۆپ بولۇپ ئوقۇتقۇچىلارغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ يىل سېنتەبىردىن باشلاپ كانادادىكى ئانا تىل كۇرسىغا 40 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى يىغىلغان بولۇپ، بىر قىسمىنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغانلىقى ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى پەيدا قىلىپ ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان ئىكەن. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كانادا ۋە ئەنگلىيەدىكى ئاتا ئانىلار ۋە ئانا تىل ئىخلاسمەنلىرى ئانا تىلغا دائىر كىتابلارنىڭ ئۇيغۇرچىلا ئەمەس، ئۇيغۇرچە ئىنگلىزچە ئىككى تىللىق چىقىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلىشماقتا ئىكەن.