ئانا تىل تەربىيىسى ھازىرقى دۇنيادىمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ جىددىي قاراشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە بولۇپ، ئانا تىل تەربىيىسىگە سەل قارىغانلىق، باشقا تەربىيىلەرگە ھەم سەل قارىغانلىق بولىدۇ.
پەرزەنتلەرنىڭ بوۋاق چېغىدا چىققان تۇنجى «ئانا» سۆزى ئانا تىل مۇقەددەسلىكى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كېتىدۇ. شۇ تۇنجى سادادىن كېيىن ئۇيغۇر ئانىلىرى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ تۇنجى ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالىدۇ. ئانىنىڭ بۇ ھەقتە سىڭدۈرگەن ئەجرى پەرزەنتلەرنىڭ تىلىنىڭ راۋان بولۇشى، تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چوڭقۇر ئاساس سالىدۇ. چۈنكى تىلنىڭ راۋانلىقى، ئېنىقلىقى ۋە ئىپادە قىلىش كۈچى پەرزەنتلەرنىڭ پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. تىلى بالدۇر چىققان بالىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتى بىلەن تىلى كېيىن چىققان بالىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتى روشەن پەرقلىنىدۇ. بالىلارنىڭ تىلىنىڭ تېز ۋە راۋان چىقىشى كۆپ مەشىقلەندۇرۇش، كۆپ سۆزلىتىش، كۆپ گەپ قىلىپ بېرىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
مۇھاجىرەتتكى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنى تىلى چىقىشقا باشلىغاندىن تارتىپ ئېنىق، توغرا تەلەپپۇز بىلەن راۋان سۆزلەشكە ئادەتلەندۈرۈش، بالىلارغا گەپ قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان چاغدىلا گەپ قىلىپلا قالماستىن بەلكى زۆرۈرىيەتسىز چاغلاردىمۇ بالىلاردىن كۆپرەك نەرسىلەرنى سوراش يولى بىلەن بالىلارنى ئانا تىلدا سۆزلىتىپ، ئۇلار بىلەن ئوينىغان، كىتاب ئوقۇغان، تېلېۋىزور كۆرگەن ۋاقىتلاردىمۇ ئۇقۇشتىكى تەسىراتلىرىنى، كۆرگەن فىلىم ياكى كارتونلارنىڭ ۋەقەلىكىنى سۆزلىتىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنى، نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولسا بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنازىرىلىشىپ تۇرۇشمۇ بالىلارنىڭ پىكرىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ، ئانا تىلىنى راۋان قىلىش جەرياننى ئاتا-ئانىلار ئىزچىل داۋاملاشتۇرسا بالىلارنىڭ ئانا تىلىنى چىقىرىشتا كۆرۈنەرلىك ئۇنۇم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

دىققىتىڭلار شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقىنىغا 9 يىل بولغان، 4 پەرزەنتنىڭ دادىسى تۇرغۇنجان ھىمىت ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولسۇن.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.