1895-يىلى نوبېل مۇكاپاتى شىۋېتسىيەدە تەسىس قىلىنىپ تارقىتىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، 1949-يىلىدىن باشلاپ ياپونلار بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە باشلىغان. 2014-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ياپونلاردىن جەمئىي يىگىرمە ئىككى كىشى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
بۇنىڭ ئىچىدە فىزىكا پەنلىرى بويىچە 10 كىشى، خىمىيەدە يەتتە كىشى، ئەدەبىياتتا ئىككى كىشى، دورىگەرلىكتە ئىككى كىشى، تىنچلىق مۇكاپاتىغا بىر كىشى ئېرىشكەن.
بۇ يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا بولسا ئۈچ نەپەر ياپون بىرلا ۋاقىتتا ئېرىشىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىدە جۈملىدىن ياپونىيە جەمئىيىتىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
كۆپلىگەن كىشىلەر ياپونلارنىڭ ئىجادكارلىقىغا قايىل بولۇش بىلەن بىرگە، كىچىككىنە بىر ئارال دۆلىتىدە ئالەمشۇمۇل ئالىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىۋاتقانلىقىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئىلىم-پەنگە قوشۇۋاتقان تۆھپىلىرىگە ئوخشىمىغان قاراشلاردا باھا بەردى.
مائارىپ ساھەسىدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچىلاردىن نورىكو خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-مېنىڭچە، ياپونلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجادكارلىق ئېڭى تولىمۇ كۈچلۈك، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى، تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ھارماي تىرىشىشى، كۆپلەپ تەجرىبە ئېلىپ بېرىشى شۇنداقلا تەتقىقاتلاردا مەغلۇبىيەتلەرگە باش ئەگمەسلىكىدىن دەپ ئويلايمەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان توكيودىكى مەلۇم بىر تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچىسى يۇدا ياپونلارنىڭ كۆپلەپ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
-بۇ قېتىمقى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئۈچ نەپەر ياپونىيەلىكنىڭ ئېرىشىشى، ئەلۋەتتە ياپون مائارىپىنىڭ نەتىجىسى. ياپونىيەدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئۆتۈش ۋە شۇنداقلا ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانلىرىنىڭ قاتتىق بولۇشىدىن ئىبارەت بۇ خىل ئۆزگىچە مائارىپ تۈزۈمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقىنى، ئىجادكارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىزدىنىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ. ياپونىيەدە شۇنداقلا تەبىئىي پەنگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىنىدۇ دەپ قارايمەن.
بىز ياپونلارنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىدىكى بەزى سەۋەبلەر شۇنداقلا يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلاردىنمۇ بۇ مۇكاپاتقا لايىق ساھىبلارنىڭ چىقىش مۇمكىنچىلىكلىرى ھەققىدە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى مۇختەرجان ئابدۇراھمان بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.