نورۋېگىيەدە مۇقىم ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىغا ئىگە ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپى قۇرۇپ چىقىلدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامى ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپ مائارىپىدىن ئۇيغۇر تىلىنى سىقىپ چىقىرىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ئانا تىلنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ جانلىنىشىغا سەۋەب بولماقتا. يەنى «ئىش ئۆملۈكتە كۈچ بىرلىكتە» دېگەندەك ئامېرىكا، تۈركىيە، كانادا، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، قاتارلىق ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە پىداكار ئوقۇتقۇچى زىيالىيلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئانا تىل كۇرسلىرى، ھەتتا مۇقىم مەكتەپلەر تۇشمۇ-تۇشتىن ئېچىلماقتا.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى 2018-يىلىنى نورۋېگىيەدە «ئۇيغۇر ئانا تىل يىلى» قىلىپ بېكىتكەن ئىدى. نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش ئۈمىدىگە ئاساسەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى بىلەن نورۋېگىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ھەمكارلىقىدا، ئەسلىدە بار بولغان ئانا تىل سىنىپىنى، ئىككى سىنىپلىق، مۇقىم ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىغا ئىگە ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىققان. بۇ ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى شۇ جاي ۋاقتى، 1-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 11دە باشلانغان بولۇپ، مۇراسىم 30 دىن ئارتۇق، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە مىللىي كىيىملىرى بىلەن مەكتەپكە كەلگەن ئوماق ئۇيغۇر بالىلىرى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار بولۇپ 50 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بايرام كەيپىياتىدا ئىنتايىن ھاياجانلىق ئۆتكەن.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى 2003-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بەختىيار ئۆمەر رەئىسلىكىدىكى يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 2017-يىلىدىن بۇيان نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا، ئەمەلىي ئىشلار ئارقىلىق مۇلازىمەت قىلىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. باشلىنىش مۇراسىم سۆزىنى تاماملىغاندىن كېيىن تېلېفون ئارقىلىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى، كومىتېتنىڭ جامائەت رايىغا ئەگىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئوسلو شەھىرى ۋە ئوسلو ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن راي سىناش ئارقىلىق ئانا تىل تەربىيىسىنى كۈچەيتىش تەلىپىنىڭ ھەممىدىن تەقەززالىق مەسىلە ئىكەنلىكى گەۋدىلەنگەنلىكى ئۈچۈن، 10 يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ گاھىدا ئۈزۈلۈپ، گاھىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئانا تىل سىنىپىنى ئاتا-ئانىلار رازى بولغۇدەك، ئانا تىل مەكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى كومىتېتنىڭ بۇ يىللىق بىرىنچى پىلانىغا كىرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىدىن ئانا تىل مەكتىپىنىڭ كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا، مەكتەپ يېشىغا توشمىغان بالىلارغىمۇ ئايرىم سىنىپ ئېچىش، كەلگۈسىدە يەنە ئوسلودىن باشقا شەھەرلەردىمۇ مەكتەپنىڭ شۆبىلىرىنى قۇرۇش پىلانى بارلىقى، ئەمما ئەڭ زور قىيىنچىلىقنىڭ باغچە مائارىپىدا، مۆل تەجرىبىگە ئىگە ۋە پىداكار ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

نورۋېگىيە ئان تىل مەكتىپىنىڭ مۇقىم ئوقۇتقۇچىلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، دىلنۇر خانىم، 10 يىلدىن بۇيان ئوسلودىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىل تەربىيەسىگە ئىزچىل ئەجىر سىڭدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، دىلنۇر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپتىن سىقىپ چىقارغان بۇ ۋاقىتلاردا بۇنىڭغا قارشى نورۋېگىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئانا تىل مەكتىپىنى قۇرۇپ چىقىشى ئانا تىلنى قوغداشقا ئاتلانغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ مەكتەپتە ئانا تىل، ئىسلام دىنى، ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەتلىرىنى ئۆگىتىش ئارقىلىق، كەلگۈسى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قىلىشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گۈلنار خانىم ئوسلودىكى ئانا تىل سىنىپىدا يىللاردىن بۇيان خالىس ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقاندىن سىرت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «تاشئالما ئانا تىل تور دەرسخانىسى» نى قۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلى ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل تەربىيەسىگە كۈچ چىقىرىپ، ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ بالىلارغا قارىتا ئانا تىل ئوقۇتۇشى ئېلىپ بېرىشتىكى مول تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، چەتئەللەردە كۆلەملەشكەن ئانا تىل مەكتىپىنى قۇرۇش رىقابەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، «ھەر بىر ئاتا ئانا، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى بولۇش كېرەك، ھەر بىر ئائىلە بىر ئانا تىل مەكتىپى بولۇش كېرەك، دېگەن بىر ئىدىيە بىرلىكىدە، خىزمەت ئېلىپ بارغاندا، ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىشتەك گۈزەل چۈشىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز» دېگەن بايانلىرى بىلەن ئاتا-ئانىلارغا ئىلھام بەردى.

مۇراسىمدا، تەشكىلات رەھبەرلىرى، مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئانا تىل مەكتىپىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، كېڭەيتىش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى پىلانلىرىنى تەقدىم قىلدى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ تەلەپ-تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىنىپ يېتىلگەن كارامەتلىرىنى بەس-بەستە كۆرسىتىشىپ، ئۆز ئانا تىلىدا دوستلىشىپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئاتا-ئانىلارمۇ ئىنتايىن خۇشال بولدى.

نورۋېگىيە ئانا تىل مەكتىپىنىڭ مۇدىرلىقىنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سابىق رەھبىرى سەمەت ئابلا ئەپەندى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، سەمەت ئابلا ئەپەندىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، گەرچە ئانا تىل سىنىپى 2007-يىللىرىدىن باشلاپ ئوسلودا بىر قانچە قېتىم ئېچىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە سەۋەبلەر بىلەن مۇنتىزىم داۋاملىشىپ كېلەلمىگەن. بۇ مەسىلە باشقا ئەللەردىكى ئانا تىل مەكتەپلىرىمۇ ئورتاق ئۇچراۋاتقان مەۋجۇت قىيىنچىلىق ئىكەن. سەمەت ئەپەندى، رەسمىي ئورۇن ۋە مۇنتىزىم ئوقۇتقۇچىلارغا ئىگە مەكتەپ بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، باشقا ئەللەردە ئېچىلغان ئانا تىل مەكتەپلىرى بىلەنمۇ ھەمكارلىشىپ، ئوقۇتۇش پروگرامما ۋە ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئانا تىل مائارىپىنى كۆپ خىل شەكىل، مول مەزمۇنلۇق ئېلىپ بارالايدىغانلىقىغا ئىشەنچى بارلىقىنى بىلدۈردى. سەمەت ئەپەندى بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلاردىكى ئالاھىدە قىزغىنلىقتىن بەكمۇ ئۈمىدكە تولغان بولۇپ، ئانا تىل كۇرسى ياكى مەكتەپلەرنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىدا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ماسلىشىشى مۇھىم ئامىل دەپ قارايدىكەن.