ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارغا ئومۇميۈزلۈك مۇقىملىق، بىخەتەرلىك ئۈچۈن نۆۋەتچىلىك قىلىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن. ئىنكاسلاردىن مەلۇمكى، نۆۋەتلىك ۋەزىپىسىنى بېجىرەلمىگەن ھەر قانداق ئوقۇتقۇچى ماددىي ۋە مەمۇرىي جازاغا تارتىلىدۇ. مەكتەپلەردىكى ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلانغان بۇ تۈزۈم، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەكتىكەن. مەزكۈر مەسىلىگە دىققەت قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلار «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كېچىلىك نۆۋەتچىلىككە قويۇلۇشىغا ئوخشاش مائارىپتىكى خاتا تەدبىرلەر يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى نۇرغۇن سەۋەبلەرنىڭ بىرى» دەپ مۇلاھىزە قىلماقتا.
ئىنكاسلارغا قارىغاندا، «مۇقىملىق» باھانىسىدە ھەر ساھە، ھەر ئورگان، ھەر جايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇش تۈزۈمىدىن ئوقۇتقۇچىلارمۇ قېچىپ قۇتۇلمىغان. نەچچە يىلدىن بېرى دائىرىلەر مەكتەپ ئامانلىقىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش مەقسىتىدە، ئوقۇتقۇچىلارنى كېچىلىك ۋە كۈندۈزلۈك نۆۋەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۈزۈملەشتۈرۈپ كەلمەكتە.
ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا مەكتەپلەردە كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە ئامانلىق خادىمىدىن باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ماسلىشىپ نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇشى تەلەپ قىلىنسا، ھازىرقىدەك چاغان ۋە ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىدىغان جىددىي ۋەزىيەتتە مەكتەپنىڭ كېچىلىك ۋە كۈندۈزلۈك نۆۋەتچىلىكى ئاساسەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىپ قالىدىكەن. بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ھازىرقى چاغانلىق كېچىلىك نۆۋەتچىلىكىدە تۇرۇۋاتقان ئايال ئوقۇتقۇچىسى، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئادەتتىكى ۋاقىتتىن باشقا بايرام ۋە تەتىل ۋاقىتلىرىدىمۇ ئوخشاشلا بۇ خىل نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ خىل ۋەزىپە سىياسىي تۈس ئالغان بولۇپ، كىمكى كېلەلمىسە ماددىي ۋە مەمۇرىي جەھەتتىن تېگىشلىك جازاغا تارتىلماقتا ئىكەن.
ھازىر بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر رايونىدىكى مەكتەپلەردە ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلانغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىدىن ئۆتمىگەن ئىش نارازىلىق قوزغاپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەكتە ئىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر قايسى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، بەزى مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مەخسۇس تەتىل مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك، مۇقىملىق مەسئۇلىيەتنامىلىرىنى ئىمزالىغان. نۆۋەتچىلىك قىلىپ كېچىچە ئۇخلىمىغان ئوقۇتقۇچىلار، ياخشى ئارام ئالماي، دەرسكە پۇختا تەييارلىق كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا ئەتىسى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتىشى كېرەك ئىكەن. زىيادە چارچىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ روھىي ھالىتى دەرس سۈپىتىگە، ئاخىرى بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسنى ئۆزلەشتۈرۈشىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىسىمۇ چاغان باشلانغاندىن بۇيان كېچىچە مەكتەپتە نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەتىل بولسىمۇ كۈندە مەكتەپكە كېلىپ يوقلىما قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قاتتىق چارچىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، مەكتەپلەردە قاتتىق يولغا قويۇلۇۋاتقان نۆۋەتچىلىك تۈزۈمى مەكتەپ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىماقتا، بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاڭلىغانلىرىغا قارىغاندا،«ئوقۇتقۇچىلارنى نۆۋەتچىلىكتىن ئازاد قىلى»" پىكرى يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر ۋەكىلى تەرىپىدىن بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا مائارىپتىكى خاتالىقلار سۈپىتىدە تەكلىپ سۇنۇلغان. قارىغاندا بۇ ئىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق بىر قىسىم ئەمەلدارلار ھە دېسىلا ئىشلارنىڭ خاراكتېرىنى سىياسىيغا بۇراپ يۇقىرىغا باش ئاغرىقى تېپىپ بېرىشتىن ئۆزىنى تارتىپ مەسىلىنى باستۇرۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇيغۇر رايونىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئوقۇتقۇچى ۋە پېشقەدەم پىداگوكلارنىڭ ئورتاق پىكرى شۇكى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت نورمىسى ئالاھىدە ئېغىر. ئەمەلىيەتتە پەقەت مەكتەپلەرنىڭ ئامانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان بولسا، بۇ مەسىلىنى مەكتەپنىڭ ئامانلىق خادىملىرىنى كۆپەيتىش ئارقىلىقلا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردا ئاتالمىش قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ كۈچەيتىلىشى بىلەن تەڭ، قارا قويۇق يولغا قويۇلۇۋاتقان مۇقىملىق تەدبىرلىرى بىلەن مەكتەپتە مۇناسىۋەتسىز خىزمەتلەرنىڭ تۈرى كۆپىيىپ كەتكەچكە تەلىم - تەربىيە، ئىلمىي ئوقۇتۇشقا سەل قارايدىغان خاھىش كېلىپ چىققان. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپلەردە بۇ خىل تۈزۈملەرنىڭ كۆپىنچىسى جازالاشنى ئاساس قىلغاچقا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ روھىي بېسىملىرى ئارتىپ ئۆز كەسپىگە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەي نەتىجىدە ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچى بولغان، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆزىنىڭمۇ ئىلگىرى تۈگىمەس سىياسىي ئۆگىىنىشلەردىن بىزار بولغانلىقىنى سۆزلەپ، بۈگۈنكى كۈندە بولسا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېسىمىنىڭ ھەسسىلەپ ئارتقاننىڭ ئۈستىگە، ئارام كۈنلىرىمۇ نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇشقا مەجبۇرلىنىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى، ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپ ھاشا تۈسىنى ئالغان بىر قىلمىش دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ بۇ قەدەر دەپسەندە قىلىنىشىنى چەتئەللەردە تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدىغانلىقى، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىگە خىلاپ، زېھنى ۋە جىسمانىيىتىگە دەخلى يەتكۈزگەن بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئېلشات ھەسەن ئەپەندى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئادەم تەربىيىلەشتەك ئاساسلىق خىزمىتىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بۇ خىل سىياسىي شەكىلۋازلىقنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى چەكلەپ، خىزمەت قىزغىنلىقىنى سۇسلاشتۇرۇشتىن باشقا، ئىدىيەسىنى زەھەرلەيدىغان بىر تۈزۈم ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ ھازىر ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان مائارىپتىكى ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېلشات ئەپەندى يەنە، «بۈگۈنكىدەك ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىدە يەنى، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىدىغان، مەدەنىيەت تارقىتىدىغان ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن، داۋاملىق ئۆگەنمىسە، كەسپىي جەھەتتىن داۋاملىق تەربىيەلىنىپ سەۋىيىسىنى، ماھارىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ تۇرمىسا، نۆۋەتتىكى ئوقۇتۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايدىغان بىر رىقابەت دەۋرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن يىراقلاشتۇرۇشى، ئۇلارنىڭ زېھنىنى ھېچقانداق ئىلمىي، ئەمەلىي قىممىتى بولمىغان بىھۇدە ئىشلارغا ئىسراپ قىلىشى، بۇ ئوقۇتقۇچىلارنى مۇقەددەس كەسپىدىن زېرىكتۈرۈش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇر مىللي مائارىپىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان» دەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
0:00 / 0:00