10-سېنتەبىر خىتايدا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى بولۇپ، بۇ بايرامدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئوخشاشلا بايرام تەنتەنىسى قىلىدۇ.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بايرامدا تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ،ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك بۇرچىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ.
بۇ يىل 9-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر مائارىپ سېپىدىكى پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار ۋە ياش پېداگوكلار يىغىلىپ 31-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان.
پائالىيەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ كەلگۈسى ۋە شۇنداقلا ياش ئەۋلادلارنى قانداق تەربىيىلەشتىن ئىبارەت ئۇيغۇر مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە مائارىپ سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان ياش ئوقۇتقۇچىلار ۋە دەم ئېلىشقا چىققان پىشقەدەملەر ئۆز-ئارا ھەم سۆھبەتتە بولغان.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان، ئىلگىرى قەشقەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ۋە شۇنداقلا ئۈرۈمچىدە ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ھازىر دەم ئېلىشتىكى پېشقەدەم مائارىپچى تاڭنۇر خانىم بىلەن مەزكۇر خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدە ۋە ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00