پارىژ شەھىرىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل مەسىلىسى مۇھاكىمە يىغىنى» باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

0:00 / 0:00


2014 - يىلى 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تەرىپىدىن دۇنيا ئانا تىلى كۈنى دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 15 يىللىق خاتىرە كۈنى.

مەركىزى پارىژ شەھىرىدىكى ب د ت مائارىپ، ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى بۇ ئەھمىيەتلىك كۈننى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا زور داغدۇغا بىلەن تەبرىكلەشكە ھازىرلىنىۋاتقاندا پارىژ شەھىرىدە ئۇيغۇر تىلى دۇچار بولىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشقا قەدەم بېسىلدى. بۈگۈن، يەنى 20 - فېۋرال كۈنى ئاخشام بۇ يىغىندا سۆزلەيدىغان مۇتەخەسسىسلەر ۋە تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار پارىژدىكى «تىم» مېھمانخانىسىغا يىغىلىشقا باشلىدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئەتىكى پائالىيەتنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەرنى كۈتمەكتە.

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە ئابدۇرېشىت تۇردى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

دولقۇن ئەيسا، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئىسپانىيە، لىتۋانىيە، ئىتالىيە، تۈركىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن تىل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل ھوقۇقى توغرىسىدا قىممەتلىك كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىل ھەرىكىتىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ب د ت مائارىپ، ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن 1999 - يىلىدىن ئېتىبارەن ھەر يىلى 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنىنى «دۇنيا ئانا تىلى كۈنى» دەپ بېكىتىش قارار قىلىنغان ئىدى.

د ئۇ ق بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، پارىژ شەھىرىدە، مەخسۇس خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە پۈتۈن ياۋروپادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتنىشىشىدا كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزمەكچى.