19-ئۆكتەبىردە ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەتلىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا يىغىلىپ، قازاقىستاننىڭ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى.
قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر يىغىنغا ئالىملار، يازغۇچىلار، سەنئەتكارلار، مەتبۇئات-نەشرىيات ۋە جەمئىيەتلەر ۋەكىللىرى شۇنداقلا مۇئەللىملەر قاتناشتى.
يىغىننى ئاچقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى ۋە دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرى دۆلەت رەھبىرى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ «كېلەچەككە نىشان: مەنىۋى يېڭىلىنىش» ماقالىسىدە قازاق تىلىنىڭ لاتىن ھەرپىگە ئۆتۈشى تەشەببۇسىنىڭ قازاقىستانلىقلار تەرىپىدىن جىددىي مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، دۆلەت تىلىنىڭ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈشى بويىچە تەۋسىيە قىلىنىۋاتقان لايىھىلەرنىڭ كۆپلىگەن تالاش-تارتىشلار تۇغدۇرۇۋاتقانلىقىنى، لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈشنىڭ قازاقىستان ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ ئېيتىشىچە، قازاق تىلىنىڭ لاتىن ئېلىپبەسىدىكى بىر پۈتۈن ئۈلگىلەرنى جارى قىلىش مەسىلىسى قارىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاندا ياشاۋاتقان باشقا خەلقلەرنىڭمۇ يېزىق مەسىلىسى ۋە كېلەچەك يۈزلىنىشى كۆپچىلىكنى ئويلاندۇرماقتىكەن. قازاقىستان پرېزىدېنتى قازاقىستاندىكى باشقا خەلقلەرنىڭمۇ لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈشىگە قارىتا مۇمكىنچىلىكلەرنىڭ يارىتىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئەخمەتجان ھاشىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشتە بىر نەچچە يېزىقلاردا مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1930-يىلىدىن 1946-يىلىغىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا بولسا 1965-يىلىدىن 1982-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
يىغىندا سۆزگە چىققان تىلشۇناس رۇسلان ئارزىيېفنىڭ تەكىتلىشىچە، لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش سىياسىي مەسىلە بولۇپ، دۆلەت تىلىنىڭ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈشى بويىچە بىر نەچچە لايىھە تۈزۈلگەن بولۇپ، ئاخىرقىسى مەملىكەت رەھبىرىگە تەۋسىيە قىلىنغان ئىكەن.
رۇسلان ئارزىيېفنىڭ دېيىشىچە، ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلار قوللىنىۋاتقان لاتىن يېزىقىمۇ تالاش-تارتىشلار تۇغدۇرماقتىكەن. ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئويلىغان تەقدىردە قازاقىستاندا رەسمىي قوبۇل قىلىنغان لاتىن يېزىقى ئاساسىدا ئۇيغۇر يېزىقىنى يېزىپ چىقىش زۆرۈر ئىكەن. ئۇ، ئۇيغۇر ۋە قازاق ئېلىپبەسىدىكى بەزى كىچىك پەرقلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا بۇ ئىككى قېرىنداش خەلقنىڭ ئېلىپبە سىستېمىسىدا چوڭ پەرقلەرنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە رۇسلان ئارزىيېفنىڭ «لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش-بىزنىڭ ئومۇمىي ۋەزىپىمىز» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ماقالىدا مەملىكەت پرېزىدېنتىغا تەۋسىيە قىلىنغان 32 ھەرىپتىن ئىبارەت لايىھەنىڭ ئىلگىرىكىلەرگە قارىغاندا ئىخچام ھەم ئىنگلىزچە ھېرىپ تاختىسىغا ماس كېلىدىغان قۇلايلىق يېزىق ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. رۇسلان ئەپەندى، مۇبادا كېلەچەكتە مەزكۇر لايىھە دۆلەت يېزىقى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان تەقدىردە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ شۇنىڭغا ئاساسلىنىپ، لاتىن ھەرپلىرىگە ئاساسلانغان يېزىقىنى ئىشلەپ چىقىش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇختار ئەۋەزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ھەمرايېف يۈز يىل مابەينىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدا كىرىل يېزىقىدا كۆپلىگەن نادىر ئەسەرلەر يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بارلىقىنىڭ كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيىنىڭ قاتتىق تەسىرىدە «تاسقىلىپ» ۋە «سۈزۈلۈپ» يارىتىلغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ سىياسىي تەسىردىن قۇتۇلۇش پۇرسىتىنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى، بەزى تاۋۇشلارنى ئىككى ھەرپ بىلەن يېزىشنى، ئەمما ھەرپلەرگە بەلگىلەر قويۇشقا قارشى ئىكەنلىكىنى، رۇسلان ئارزىيېفنىڭ لايىھىسىنى قىسمەن قوللايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تارىخچى مۇنىر ئېرزىن سوۋېت ئىتتىپاقىدا كىرىل يېزىقىدىن لاتىن يېزىقىغا، لاتىن يېزىقىدىن كىرىل يېزىقىغا كۆچۈشى جەريانىدا پەقەت بەزى لاۋازىملىق شەخسلەردىن تاشقىرى، ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ پىكىرلىرىنىڭ ھېسابقا ئېلىنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، قازاق زىيالىيلىرىنىڭ شۇ ۋاقىتلاردا لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈش جەريانىدا كۆپلىگەن ئاسارە-ئەتىقىلىرىدىن ئايرىلىش خەۋپى تۇغۇلۇشى ھەققىدە جار سالغانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر بۇ مەسىلە كەڭ تۈردە مۇھاكىمە قىلىنىۋاتىدۇ. قازاق قېرىنداشلار بىلەن بىللە ئۇيغۇرلارمۇ بۇ مەسىلىگە يېقىندىن ئارىلىشىۋاتىدۇ. 30-يىللاردا چىققان ئالىملىرىمىز مۇشۇ مەسىلىلەرنى قارىغان ۋاقىتتا لاتىن يېزىقىنى قانداق دەرىجىدە پايدىلانغان. بۇ نەرسىمۇ ئېتىبارغا ئېلىنسا دېگەن پىكرىم بار. ۋەتەندىمۇ لاتىن ئېلىپبەسى 50-يىللاردا قوزغالدى. ئۇلارنىڭمۇ ئۆز تەجرىبىلىرى يوق ئەمەس».
مۇنىر ئېرزىن ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش نۇقتىلارنى ھېسابقا ئالغان ھالدا، لاتىن يېزىقىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنىڭ توغرا لايىھىسىنى ئىشلەپ چىقىدىغىنىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پېشقەدەم ئۇستاز قاسىم ئىسمايىلوف مۇنداق يىغىنغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن سۆزلىگۈچىلەر ناھايىتى ئورۇنلۇق گەپنى قىلدى. ئەدەبىيات مۇئەللىمى سۈپىتىدە مۇنداق دېمەكچىمەن: بىرىنچىدىن، بىز لايىھىنى قوبۇل قىلىۋاتمايمىز، ئۇ ئالدىمىزدا تېخى. بۇ ئۇزۇن جەريان. قازاق خەلقى بىلەن يېقىن بولغانلىقىمىز ئۈچۈن قازاق ئېلىپبەسى بىلەنمۇ يېقىن بۆلىشىمىز توغرا دەپ ئويلايمەن. بىراق قازاق تىلى بىلەن قانچە يېقىن بولغان بىلەنمۇ بەرىبىر بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكلىرى بار».
«ئاتامۇرا» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مالىك مۇھەممىدىنوف كومىسسىيىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى لاتىن ئېلىپبەسىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ھەرپلەرگە قويۇلىدىغان بەلگىلەرنىڭ ئىمكان قەدەر ئاز بولۇش لازىملىقىنى تەكىتلەپ، ئېلىپبەنى ئاسانلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى، كومىسسىيە تەركىبىدە سۆزسىز مەكتەپ مۇئەللىملىرىنىڭمۇ بولۇشى لازىملىقىنى ئىزھار قىلدى.
ئۇيغۇرلار مىللىي بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ھاكىمجان مەمەتوف، لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈشتە ھېچقانداق سىياسەتنىڭ يوقلۇقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا لاتىن يېزىقىغا ئۆتۈش توغرىلىق سۆز بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداق بولغان تەقدىردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن ھەم باشقىمۇ خەلقلەر بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىشىشىغا پۇرسەت تۇغۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىن ئاخىرىدا قاتناشقۇچىلار قازاقىستان دۆلىتىنىڭ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈشىنى تولۇق قۇۋۋەتلەپ، بۇ مەسىلىدە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدا مەخسۇس كومىسسىيە قۇرۇشنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكى توغرىلىق قارار ئالدى.