قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تارىخى ئوقۇتۇلامدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016-05-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
قازاقىستان زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدىكى مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150-مەكتەپنىڭ ياش سەنئەتكارلىرى. 2013-يىلى 25-ماي.
قازاقىستان زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدىكى مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150-مەكتەپنىڭ ياش سەنئەتكارلىرى. 2013-يىلى 25-ماي.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، مەملىكەتتىكى ئومۇمىي بىلىم بېرىدىغان بارلىق مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىنىڭ مەزمۇنى ئۆزگەرتىلگەن ئىدى. شۇ جۈملىدىن 15 مىڭدىن ئوشۇق ئوقۇغۇچى بىلىم ئالىدىغان ساپ ئۇيغۇر ۋە ئارىلاش تىللىق مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى پەنلەرنى ئانا تىلىدا ئوقۇش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولدى. بۇ جەھەتتە ئۇلار شۇنداقلا «ئۇيغۇر تىلى» پەنى ئارقىلىق ئانا تىلىنى ئۆگىنىش ۋە چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» پەنى ئارقىلىق بولسا، كۆپ ئەسىرلىك ئېغىز ۋە يازما ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىنى ئالدى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ھەر بىر خەلق، شۇ جۈملىدىن 300 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇرلارمۇ، ئۆز تىلىنى ساقلاش، تارىخىنى ئۆگىنىش، مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ھوقۇقلىرىغا ئىگە.

بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلىرى ئۆز خەلقىنىڭ ئۆتمۈشىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆتكەن ئەسىرلەردە يۈز بەرگەن تارىخىي ۋەقەلەرنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى ئوقۇپ بىلىۋاتامدۇ؟

ئالماتادىكى «مېكتېپ» نەشرىياتى ئۇيغۇر رېداكسىيىسىنىڭ خادىمى سەلىمەم بالىنوۋانىڭ پىكرىچە، ھەر قانداق بىر دەۋرنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆز خەلقىنىڭ تارىخىنى ۋە مەدەنىيىتىنى بىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئۇ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىكى ئەھۋال ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتنى ئېيتقاندا، ھازىرقى ۋاقىتتا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى قازاقىستان بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى بېكىتكەن ئوقۇش پروگراممىسىغا بىنائەن دۇنيا تارىخى ۋە قازاقىستان تارىخى پەنلىرىنى مەجبۇرىي پەنلەر سۈپىتىدە ئوقۇيدۇ. ئىلگىرى، يەنى سوۋېت دەۋرىدە ئومۇمىي بىلىم بېرىدىغان قازاقىستاننىڭ رۇس، قازاق، ئۆزبېك، ئۇيغۇر ۋە تاجىك تىللىق مەكتەپلىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى تارىخى ئوقۇتۇلغان بولسا، مۇستەقىللىقتىن كېيىن بۇ مەكتەپلەردە قازاقىستان تارىخى ئوقۇتۇلىدىغان بولدى. بۇ، ئەلۋەتتە، تەبىئىي نەرسە، چۈنكى بىزنىڭ بالىلىرىمىز مۇشۇ مەملىكەتنىڭ پۇقرالىرى بولغانلىقتىن، شۇ مەملىكەتنىڭ ۋە شۇ مەملىكەتنى قۇرغۇچى قازاق خەلقىنىڭ تارىخىنى كەڭ دائىرىدە بىلىشى شەرت. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، يۇقىرى ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چىقىش ئۈچۈن تاپشۇرىدىغان ئومۇمىي مىللىي ئىمتىھانغا كىرگۈزۈلگەن پەنلەر ئىچىدە قازاقىستان تارىخىمۇ بار.»

س. بالىنوۋا ئۇيغۇر تارىخى پەنى مەملىكەتلىك بىلىم بېرىش ھۆججەتلىرى تىزىمىدىن ئورۇن ئالمىغانلىقتىن، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مەخسۇس پەن سۈپىتىدە ئوقۇتۇلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە تامامەن بىلىم ئىگىلىيەلمەيدۇ دېگەن خۇلاسە كېلىپ چىقمايدۇ. ياخشى مەلۇمكى، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى دەرسلىكلىرىدە بۇ ھەقتە مەلۇم دەرىجىدە مەلۇماتلار بېرىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئاساسەن بىزنىڭ، مەسىلەن، 8-سىنىپتىن 11-سىنىپقىچە ئوقۇش قوراللىرى تەييارلىنىدىغان «مېكتېپ» نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر رېداكسىيەسى ئالىملارنى، مۇئەللىملەرنى جەلپ قىلغان ھالدا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە دەرسلىكلەرنى ھەم ئۇنىڭغا قوشۇمچە قوراللارنى تەييارلاۋاتىدۇ. بۇ ئوقۇش قوراللىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلىرى بىۋاسىتە ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىدىن تاشقىرى، ئۆز خەلقىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە ئاز بولسىمۇ مەلۇماتقا ئىگە بولۇپ چىقىدۇ. ئوقۇغۇچىلار، مەسىلەن، مەخمۇت قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىب ئىجادىنى ئوقۇغاندا قاراخانىيلار مەملىكىتىنىڭ تارىخى، ياكى بولمىسا ئابدۇرېھىم نىزارى، بىلال نازىم ۋە باشقىمۇ كلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ ئىجادى بىلەن تونۇشقاندا 19-ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت، شۇ دەۋرنىڭ تارىخىي ۋەزىيىتى، تارىخىي شەخسلىرى ھەققىدە چوڭقۇر مەلۇمات ئىگىلىمىسىمۇ، ئامما مەلۇم دەرىجىدە تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولالايدۇ.»

ئىلگىرى، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈم سۈرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تارىخىنى پەن سۈپىتىدە ئوقۇتۇش مەسىلىسى كۈن تەرتىپكە قويۇلغانمۇ؟ كېيىنكى يىللاردا بۇ يۆنىلىشتە قانداق ئىشلار قىلىندى؟

شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئىلمىي خادىمى، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى زۇلفىيە كەرىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر تارىخىنى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە مەخسۇس ئوقۇتۇش مەسىلىسى سوۋېت دەۋرىدە رەسمىي قارالمىغان. پەقەت قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ يۆنىلىشتە بەزى ئۇتۇقلار قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىدى. ئۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بەزى يوللىرىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە خەلقىمىزنىڭ تارىخىنى پەن سۈپىتىدە ئوقۇتۇش مەسىلىسى ھەققىدە بولۇپمۇ زىيالىيلىرىمىز ئارىسىدا مۇستەقىللىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرى كۆپ مۇھاكىمە قىلىنغان ئىدى. ئاتاقلىق ئالىم، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى مەرھۇم داۋۇت ئىسىيېف ئۆز ۋاقتىدا، يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا بۇ مەسىلە بويىچە خېلى ھەرىكەت قىلغان. شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ 5- ۋە 8-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن «ئۇيغۇر تارىخى» دەرسلىكىنى ئىشلەپ چىقىپ، يورۇققا چىقاردى. بىلىشىمچە، دەرسلىك شۇ ۋاقىتتا د. ئىسىيېفنىڭ ئائىلىسى ۋە بەزى مىللىتىمىز جانكۆيەرلىرىنىڭ خىراجىتى بىلەن نەشر قىلىنغان ئىدى. دەرسلىك ئومۇمىي مەلۇمات بېرىدىغان پەنلەرنىڭ ئىلمىي-مېتودىكىلىق مۇقىملاشتۇرۇش مەركىزى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بويىچە ئوقۇش مېتودىكىلىق كېڭىشى ۋە غ. سەدۋاقاسوف نامىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي كېڭىشى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، ئىككى قېتىم نەشر قىلىنغان. ئاخىرقى قېتىم 1996-يىلى چىقتى. «ئۇيغۇر تارىخى» كۆپلىگەن مەكتەپلىرىمىزدە ئاساسىي پەن ۋە قوشۇمچە پەن سۈپىتىدە ئوقۇتۇلۇپ كەلدى. كېيىنكى يىللاردا ئۇ بارا-بارا كۈچىدىن قالدى. ھازىر ئەمدى بۇنى ئورنىغا كەلتۈرۈش قىيىن بولسىمۇ، ئەلۋەتتە، بىرەر ئاماللىرىنى قاراشتۇرۇشقا بولىدۇ.»

ز. كەرىموۋا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ قازاقىستان تارىخى بىلەن بىر قاتاردا ئۆز خەلقىنىڭ تارىخىنى قوشۇمچە پەن سۈپىتىدە بولسىمۇ ئوقۇشىنى توغرا كۆرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بولۇپمۇ بارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ باش قوشۇشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت