مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف ناھىيىسىدىكى ياركەنت شەھىرى ۋە يېزىلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق ۋە تالغىر ناھىيىلىرىگە قاراشلىق يېزىلاردا ئورۇنلاشقان تازا ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋە ئۇيغۇر، قازاق ھەم رۇس تىللىرىدىكى ئارىلاش مەكتەپلەردە بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى 2015- ۋە 2016-ئوقۇش يىلىنى تاماملاپ، 25-مايدا «ئاخىرقى قوڭغۇراق» يىغىنىغا قاتناشتى. مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇئەللىملەر، يۇرت-جامائەتچىلىك، زىيالىيلار، بىلىم بېرىش ئىدارىلىرى، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ھەم ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى ۋە باشقىلار قاتناشقان بۇ مۇراسىمدا ئەلا ئوقۇغان ۋە مەكتەپنىڭ جەمئىيەتلىك ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئارىلاشقان ئوقۇغۇچىلار، شۇنداقلا ئۈنۈملۈك ئىشلىگەن ئۇستازلار پەخرىي يارلىقلار ۋە باھالىق سوغىلار بىلەن تەقدىرلەندى.
شۇ جۈملىدىن ئالماتا شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان دوستلۇق مەھەللىسىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەدە بۇ يىلى 29 ئوقۇغۇچى مەكتەپنى تاماملىدى، كېيىنكى ئوقۇش يىلىدا بولسا، 70 تىن ئوشۇق قىز-يىگىت مەكتەپنى تاماملىماقچى. مۇراسىمدا سۆزگە چىققان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئېرشات ئەسمەتوف، پېشقەدەم زىيالىيلار زېرىپ مولوتوف، رابىك ئىسمايىلوف ۋە باشقىلار يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى ئوقۇش يىلىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشى بىلەن، شۇنداقلا گىمنازىيە مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروفنىڭ يېقىندا ئالماتا شەھەرلىك مەسلىھەت ئەزاسىغا سايلىنىشى بىلەن قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە گىمنازىيە كوللېكتىپى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا چوڭ ئۇتۇقلار تىلىدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئا. روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيە مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى ئائىدەم ئاسقاروۋانىڭ تەكىتلىشىچە، بىلىم بېرىش جەريانىدا كىرگۈزۈلۈۋاتقان يېڭى پروگراممىلارنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ قانداق ئوقۇش كېرەكلىكىگە دىققەت بۆلۈپ ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئويلىرى بىلەن دەلىللىرىنى ئېنىق يەتكۈزەلەيدىغان، ھەم يازمىچە، ھەم ئەركىن بەدىئىي تەسۋىرگە ماھىر، بىر نەچچە تىلنى ئۆزلەشتۈرگەن، رىقابەتكە قابىل، ھەر تەرەپلىمىلىك شەخسلەرنى تەربىيىلەشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇ مۇنداق دېدى: «گىمنازىيەمىز مۇشۇ ئاتالغان يۆنىلىشلەردە 2015-ۋە 2016-ئوقۇش يىلىدا ئېغىز تولدۇرۇپ ئېيتارلىق ئۇتۇقلارغا يەتتى. بىزنىڭ ئۈچ ئايلىق كۇرسلاردىن ئۆتكەن مۇئەللىملىرىمىزنىڭ سانى بۈگۈنكى كۈندە 49غا يەتكەن بولسا، يىل بويى 42 مۇئەللىمىمىز قايتا تەييارلاش كۇرسلىرىدىن ئۆتتى. بۇ يىلى كۆپ تىللىق پروگراممىسىنى كىرگۈزۈش بويىچە ئالماتا شەھىرىدە بىرىنچى ئورۇنغا ئىگە بولدۇق، ئوقۇغۇچىلىرىمىزمۇ قازاق تىلى بويىچە يۇقىرى كۆرسەتكۈچلەرگە ئىگە بولدى.» ئا. ئاسقاروۋا بۇ يەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۈتۈنلەي مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «يارقىن كېلەچەك»، «مەملىكەتلىك تىل مېنىڭ تىلىم» دېگەنگە ئوخشاش جۇمھۇرىيەتلىك، شەھەرلىك مۇسابىقىلەرنىڭ غالىبى ئاتالغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىلى شۇنداقلا، مەسىلەن، ئالماتا شەھىرىنىڭ زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدىكى مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150-مەكتەپنى 22 ئوقۇغۇچى، سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى مەسىم ياقۇپوف نامىدىكى 101-مەكتەپ-گىمنازىيەنى 18، ئەمدى پانفىلوف ناھىيىسىنىڭ ياركەنت شەھىرىدىكى خېلىل ھەمرايېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى 24، بىلال نازىم نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى 35 ئوقۇغۇچى تاماملىغان.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150-مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوقۇش ئىشلىرى بويىچە ئورۇنباسارى رېھىمبۈۋى مۇھەممەتوۋا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاتاقلىق ئالىم مۇرات ھەمرايېفنىڭ 80 يىللىقىغا بېغىشلانغان ۋە «تىرەكىمىز مۇستەقىللىق، تىلىكىمىز تۇراقلىق، بىلىكىمىز بىرلىك» تېمىسىدىكى بىلىم فېستىۋاللىرىدا، شۇنداقلا ھەر خىل پەنلەر بويىچە ناھىيە ۋە شەھەر مىقياسىدا ئۆتۈلگەن مۇسابىقىلەردە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «بىزدە شەھەرلىك ئىنشالار بويىچە ئۆتكەن ‹ۋەتەننى قوغدىغۇچىلار›، ‹مېنىڭ مۇستەقىل قازاقىستانىم›، ‹رەھمەت، ئانىجان›، ‹مۇستەقىل قازاقىستان مېنىڭ كېلەچىكىم› ناملىق بىلىم كۆۋرۈكلىرىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلىرىمىز دائىم مۇكاپاتلىق ئورۇنلارغا ئېرىشىدۇ. بىزدە بالىلىرىمىز پەقەت بىلىم تەرەپتىنلا ئەمەس، تەنھەرىكەت ھەم سەنئەت تەرىپىدىنمۇ يۇقىرى ئورۇنلارغا ئىگە بولدى.»
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئالماتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق پەنجىم، ئالتۆي، چۇلۇقاي، سادىر، غالجات، چوڭ ۋە كىچىك ئاقسۇ، كېڭەش، داردامتۇ، كەتمەن، ئاۋات، مالىۋاي، قورام، چېلەك، قاراتۇرۇق، تاشتىقارا، بېساغاش، تۇزدىباستاۋ ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن يېزىلاردىكى ئارىلاش مەكتەپلەر بولۇپ، بارلىقىدا ھازىر 15 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇر بالىلىرى بىلىم ئالماقتا. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى تەشۋىشلەندۈرۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلار سانىنىڭ كېمىيىپ كېتىۋاتقىنى بولۇپ، بۇ ئەھۋال بولۇپمۇ يېزا يەرلىرىدە بايقالماقتا.