مەلۇمكى، قازاقىستاندا ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تاماملىغان ياشلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش مەسىلىسى ئەنە شۇ مەكتەپلەرنىڭ، بىلىم بېرىش ئورگانلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان مۇرەككەپ مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپلەردە بالىلارنىڭ كەسىپ تاللىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەنە شۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە مەخسۇس يىغىنلار، ئۇچرىشىشلار، سۆھبەتلەر ۋە باشقىلار ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. ھازىر قازاقىستاندا خالىغۇچىلار بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى بېكىتكەن قائىدىلەر بويىچە ئالىي ۋە ئوتتۇرا دەرىجىدىكى مەكتەپلەردە دۆلەت ھېسابىغا ياكى ھەق تۆلەپ بىلىم ئالالايدۇ. مەكتەپ تاماملىغۇچىلار ئۈچۈن ھەر خىل ئاسانلىقلار، يوليورۇقلار، مەسلىھەتلەر تەييارلانغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە.
مۇشۇ ئوقۇش يىلى تاماملىنىشى بىلەن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنومەدەنىيەت مەركىزى، «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى ۋە مىللىي مائارىپقا كۆڭۈل بۆلىدىغان زىيالىيلار، جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى ۋە باشقىلار بىرلىشىپ، ئالىي، مەخسۇس ئوتتۇرا ۋە ئالىي ئوقۇشتىن كېيىنكى بىلىم ئېلىش مەسىلىلىرى بويىچە مەسلىھەت كېڭىشىنى قۇرغان ئىدى. مەزكۇر كېڭەش ئوقۇش ئارزۇسى بار بارلىق قىز، يىگىتلەرگە يېقىندىن ياردەم كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە كەسىپ تاللاش، ياشلارنىڭ بىلىمگە بولغان ئىنتىلىشىنى ۋە ئۇلارغا بولغان غەمخورلۇقنى كۈچەيتىش كېڭەش ئەزالىرى، ئۇستازلار ۋە ئاتا، ئانىلارنى كۆپرەك بىئارام قىلىدىغان مەسىلىلەردىن بولۇپ قالماقتا.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئالماتا شەھىرى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف ھازىرقى ياشلارنىڭ بىلىمگە بولغان قىزىقىشىنىڭ، ئىنتىلىشى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، ئامما ئاتا، ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە، ئۇلارنىڭ كەسىپ تاللاش جەريانىغا دېگەندەك ئېتىبار بەرمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەگەردە ئاتا، ئانىلىرىمىز بالىلىرىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ كىم بولۇشىنى نازارەت قىلىپ، ئارمىنىغا يار-يۆلەك بولۇپ، شۇ ئارمىنى بويىچە قوشۇمچە ئىشلارنى ئېلىپ بارغان بولسا، ياشلىرىمىز ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن كەسىپنى تاللىغان بولاتتى. بۈگۈنكى كۈندە بالىلىرىمىزنىڭ ئوقۇشقا كىرىش ئىمكانىيىتى نۇرغۇن. بالىلىرىمىز كەسىپ تاللاش ۋاقتىدا بىز كۆپلىگەن ئىشلارنى ماڭدۇرىمىز.»
ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر قازاقىستاننىڭ بىلىم بېرىش ساھەسىدە كۆپلىگەن ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇنى مىنىستىرلارنىڭ پات-پاتلا ئالمىشىپ تۇرغانلىقى ھەم ھەر قايسىنىڭ ئۆز يېڭىلىقلىرىنى كىرگۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقى بىلەن باغلاشتۇرماقتا.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت شەھىرىدىكى گۇمانىتارلىق-تېخنىكىلىق تېخنىكومنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مولۇتجان توختاخۇنوف ياشلارنىڭ بىلىمگە بولغان ئىنتىلىشى يۇقىرى دەرىجىدە بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا ياخشى ئىكەنلىكىنى، ياشلارنىڭ ئوقۇشتا يۇقىرى نەتىجىلەرنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «ئاخىرقى ۋاقىتتا ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكىنىڭ يۈكسىلىپ تەرەققىي ئېتىشى نەتىجىسىدە ياشلىرىمىزنىڭ كەسىپ تاللىشى سەل قىيىنىراق بولماقتا، چۈنكى زامان بىلەن تەڭ مېڭىشتىن قالدىمۇ ياكى جەمئىيەتتە بولۇۋاتقان ھەر تۈرلۈك نەرسىلەر تەسىر قىلدىمۇ، بالىلىرىمىز مۇقىم بىر كەسىپ تاللاشتا سەل ئىككىلىنىپ قالدى. مەسىلەن، ئۆز تالانتى بولسىمۇ، ئۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارايدىغان ياشلىرىمىز كۆپەيدى. شۇنداقلا مائارىپ ساھەسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئوقۇغۇچىلارنىلا ئەمەس، ئۇستازلارنىمۇ سەل قىيناپ قويدى.»
م. توختاخۇنوف شۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ساپاسىنىڭ بەزىدە تۆۋەنلەپ كېتىپ بارغانلىقىنى، ئامما شۇنىڭغا قارىماي، ئۇستازلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا كۆپلىگەن ئۇتۇقلارنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپ تاللاشتا، بولۇپمۇ ئاتا، ئانىلارنىڭ ياردىمىگە، شۇنداقلا شۇ كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ، ھەتتا بەزىدە پسىخولوگلارنىڭمۇ ياردىمىگە، مەسلىھەتىگە موھتاج بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. م. توختاخۇنوفنىڭ پىكرىچە، بۇ جەھەتتە ئاتا، ئانىلارمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ كېلەچىكىگە جاۋابكارلىق بىلەن قاراپ، ساۋاتلىق بولۇشى كېرەك، ھەر قانداق شارائىتتا بىلىم بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇشى لازىمدۇر.