مىللىي مائارىپسىز ئەدەبىيات ۋە سەنئەتنىڭ راۋاجلىنىشى مۇمكىنمۇ؟

0:00 / 0:00

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنى بۈگۈنكى كۈندە ئويلاندۇرىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى مىللىي مائارىپ تەقدىرىدۇر. چۈنكى مىللىي مائارىپ ھەر قانداق بىر مىللەت مەۋجۇتلۇقىنى تەمىنلەيدىغان ئامىل ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە. بۇ جەرياندا قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتى، سەنئىتى، مەتبۇئاتى، مەنىۋى بايلىقى ئەنە شۇ مائارىپنىڭ راۋاجلىنىشىغا، ئۇنىڭ بۈگۈنكى ۋە ئەتىكى تەقدىرىگە باغلىق بولۇۋاتىدۇ. بۇنى كۆپىنچە ئالمۇتا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى، ئۇيغۇر تىلىدىكى گېزىت - ژۇرناللار، كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان ئەدەبىياتىنىڭ ئاجرالماس قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مىسالىدا كۆرۈشكە بولىدۇ.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «مېكتېپ» نەشرىياتى ئۇيغۇر رېداكسىيەسىنىڭ باشلىقى رەخمەتجان غوجامبەردىيېف مائارىپنىڭ مىللەتنى مىللەت سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىشنىڭ باش ئامىلى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:«مائارىپسىز ئەدەبىيات ۋە سەنئەتنىلا ئەمەس، شۇنداقلا ئىلىم - پەن، مەتبۇئات، نەشرىيات، مەتبەئەچىلىك ۋە باشقا ساھەلەرنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. چۈنكى مىللىي مەۋجۇتلۇقنى ئوبرازلىق ئېيتقاندا، مەزمۇت چىنارغا قىياس قىلساق، يۇقىرىدا ئاتالغان ساھەلەر ئۇنىڭ بۈك - باراقسان شاخلىرى، ئەمدى مىللىي مائارىپ بولسا، ئۇنىڭ غول - ئاساسى، تېخىمۇ چوڭقۇرراق چۆكسەك تومۇر - يىلتىزىدۇر. ئەمدى ئاشۇ ئاساس - ئۇلىمىزنىڭ، ئېنىقراقى، مەۋجۇتلۇق تومۇرىمىزنىڭ سوغۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقى كۆپچىلىك ئاممىنى خاۋاتىرلاندۇرۇپ، ئەپسۇسلاندۇرىدىغان سەلبىي ھادىسىلا ئەمەس، بەلكى مىللىي پاجىئەنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ چېلىنىۋاتقان تەشۋىش قوڭغۇرىقىدۇر. مىللىي ئۆرلەش ھەرتەرەپلىمە ئەۋج ئالغان ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 - ۋە 80 - يىللىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆپ ساھەلەر بويىچە ئارقىغا چېكىنىپ كەتكىنىمىز، ئاچچىق بولسىمۇ - ھەقىقەت. بۇنى پەقەت مىللىيلىكتىن بەزگەن ماڭقۇرتلارنىڭ كور كۆزى كۆرمەسلىكى، پاڭ قۇلىقى ئاڭلىماسلىقى مۇمكىن. سابىق كېڭەش ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىچىدە مىللىي راۋاجلىنىشتا ‹كارۋان بېشى› ئاتالغان قازاقىستانلىق مىللىي ئەدەبىيات ۋە سەنئىتىمىزدە ئاخىرقى يىللاردا يېڭى ئەسەر ۋە سەھنە ئەسەرلەرنىڭ ئاز ياكى يوقلۇقى بۇنىڭ يارقىن ئىسپاتى. ھەقىقەت يۈزىدىن تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغان نەرسە - بۇ يۆنىلىشتە مەيلى تېخى ئاز ھەم ئاجىز بولسىمۇ، شۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا بولغان ئىنتىلىش ۋە ئىزدىنىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى راست. مۇشۇ مۇھىم يۆنىلىشتە روھىنى چۈشۈرمەي، مىللىي تەرەققىياتقا زەررىچە بولسىمۇ ھەسسە قوشۇشقا تىرىشىپ، شۇ يولدا تەر تۆكۈۋاتقان، ھەسرەت چېكىۋاتقان ئىجادكارلىرىمىزغا، ئالىملىرىمىزغا، جانكۆيەرلىرىمىزگە ئاپىرىن! كۆپچىلىك بولۇپ ئۇلارنى دائىم قوللاپ، مەدەت بېرىپ تۇرۇشىمىز كېرەك.»

رەھمەتجان غوجامبەردىيېف ئانا تىلىدا بىلىم ۋە تەربىيە بېرىدىغان ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ، يەنى مىللىي مائارىپنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ زور ئۇتۇقى ۋە ئامىتى دەپ كۆرسەتتى ھەم مىللىي مائارىپنىڭ ئۆزلۈكىدىنلا، تاسادىپىي ھالدا پەيدا بولماي، ئۇنى تىكلەش، بەرپا قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كەسكىن كۈرەشنىڭ يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى ھەم بۇنىڭدا بولۇپمۇ ئابدۇللا روزىباقىيېف، سوپى زەرۋاتوف، ئىسمائىل تايىروف، ئايشەم شەمىيېۋا قاتارلىق ئۇيغۇر ئەربابلىرى، ئالىملىرى ۋە ئەدىبلىرىنىڭ قىلغان جاپالىق ئەمگىكىنى ھەرگىز ئۇنتۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

غوجامبەردىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئاساسى سېلىنغان سوۋېت دەۋرىدىمۇ، ھازىرقى مۇستەقىل قازاقىستان دەۋرىدىمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئانا تىللىق مەكتەپلەر زور، ھەرتەرەپلىمە قوللاپ - قۇۋۋەتلەشكە ئىگە بولماقتا.

ئالمۇتا ۋىلايىتى ياركەنت گۇمانىتارلىق - تېخنىكىلىق تېخنىكومىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شائىر مولۇتجان توختاخۇنوفنىڭ پىكرىچە، مىللىي مەكتەپلەردە ۋە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى سانىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىمۇ مىللىي مائارىپ ۋە ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئۆزىنىڭ سەلبىي تەسىرىنى يەتكۈزمەكتە.

ئۇ مۇنداق دېدى:«يوشۇرىدىغىنى يوقكى، ئاخىرقى ئون يىل ئىچىدە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ، ئۇيغۇر تاماشىبىنلىرىمىزنىڭ، قازاق مىللىي پېداگوگىكىلىق ئۇنىۋېرسىتېتى يېنىدىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ، شۇنداقلا مىللىي نەشرىياتىمىز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى ئازىيىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىردىن - بىر سەۋەبى، ئانا تىلىمىزدا ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ مىللىي مەكتەپكە قەدەم بېسىشىنىڭ ئازىيىشى دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئانا تىلى مىللەتنىڭ تۈپ يىلتىزىدۇر. دېمەك، ئانا تىلىمىزدا ئوقۇغۇچىلار مەكتەپلەردە ئاز بولىدىكەن، دېمەك، تىياتىرىمىزغىمۇ تاماشىبىنلارنىڭ، ئەدەبىياتىمىزغا قىزىققۇچىلارنىڭ سانى ئاز بولىدۇ. مىللىي مەكتەپتە ئانا تىلىدا ئوقۇمىغان بالىنىڭ چوڭ بولغاندا ئۆزى ھەم بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قىزىقىشى ناتايىن.»

مولۇتجان توختاخۇنوف شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان بەزى ئەھۋاللارنىمۇ ئاتاپ كۆرسىتىپ، ئۇلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاماللىرىنىڭمۇ يوق ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مولۇتجان توختاخۇنوف مۇنداق دېدى: «ئاخىرقى ۋاقىتلاردا تور ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئاقساپ مېڭىش يوللىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈۋاتىدۇ. ياش ھەۋەسكارلىرىمىزنىڭ توردا ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي بەتلىرى بولغانلىقتىن شۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ مەيلى قاملاشسۇن، مەيلى قاملاشمىسۇن شېئىرلىرىنىڭ ھېچ بىر تەھرىرسىز، مۇھەررىرنىڭ ياردىمىسىز ئېلان قىلىدىغان بولدى. بۇ، ئەلۋەتتە، ھېچ قانداق بىر قانۇن - قائىدىلەرگە جاۋاب بەرمەيدىغان شېئىرلارنىڭ تورلاردا ئېلان قىلىنىشى ئەدەبىياتىمىزنىڭ چېكىنىش تەرەققىياتىنى ئېلىپ ماڭىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش يوللىرى بار. مەسىلەن جاي - جايلاردا مەدەنىي مەركەزلەر، باشقىمۇ جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلار بار. شۇلارنىڭ يېنىدا ئەدەبىيات ئۇيۇشمىلىرىنى قۇرۇپ، شۇ يەرگە ھەۋەسكار بالىلارنىڭ يىغىپ، ئۇلار شۇ يەرلەردە ئۆگەنسە سالماقلىق يازىدىغان شائىر - يازغۇچىلىرىمىز يېتىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن. خۇلاسىلەپ، ئېيتقاندا، ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ يولى بار. ئۇنىڭ پەقەت ئامالىنى قىلىش كېرەك ھەم كۈرەش قىلىش كېرەك. ئانا تىلىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ھېچ قاچان قايتمايلى. ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەشتە، تەرغىب ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈشنىڭ ئالدىدا بولايلى. ئانا تىلىمىزنى ساقلايدىكەنمىز كېلەچەك ئۈمىدىمىز چوقۇم روناق تاپىدۇ، كېلەچىكىمىز پارلاق بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردە، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلىرىدە، نەزىر - چىراغ ۋە توي - تۆكۈنلەردە ئانا تىلىدا بىلىم ئالىدىغان بالىلارنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنىڭ كېلەچەكتە شۇ تىلدىكى ئەدەبىيات، مەتبۇئات، سەنئەت ئوقۇرمەنلىرىنىڭ، مۇخلىسلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە پات - پاتلا ئېيتىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن تاشقىرى، بەدىئىي ئەسەرلەر ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، ئوقۇرمەنلەرنى قىزىقتۇرىدىغان ماۋزۇلار دائىرىسىنىڭ تارىيىپ كېتىشى ۋە باشقىمۇ سەۋەبلەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇتلىكاشاڭ بولماقتا.

رەخمەتجان غوجامبەردىيېف بۇنى مۇنداق چۈشەندۈردى: «ئۆز مەبلىغى ھېسابىغا يورۇق كۆرۈۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى ھەققىدە سۆز قوزغاش ئۆز ئالدىغا چوڭ بىر ماۋزۇ. ئاساسلىقى، شەخسىي مەبلىغى ھېسابىغا ئەسىرىنى نەشر قىلدۇرغان ئەدىپ - ئىجادكارلىرىمىز ئۇلارنى ئۆتكۈزەلمەي سەرگەردان بولۇپ، ھەم ماددىي چىقىم، ھەم مەنىۋى ئازابلىنىشتىن قىينالماقتا. ھازىر، ئومۇمەن، كىتاب ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى جىددىي قىسقىرىپ كەتكەنلىكى سىر ئەمەس. بۇنىڭغا ئۆتكەن ئەسىردە، دەسلەپ غەرب ئەللىرىدە پەيدا بولۇپ، كېيىن سابىق كېڭەش كەڭلىكىگىمۇ بۆسۈپ كىرگەن، ئەرزان، تېز قوليېتىملىك ۋە تېز ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان ‹ئاممىۋى مەدەنىيەت› دەپ ئاتالمىش مەزمۇن - سۇژىتى تۇتامسىز، بىراق دەررۇ قىزىقتۇرۇۋالىدىغان كىتاب، كىنو - فىلىم، سەھنە ئەسەرلىرى ۋەھاكازا) ئىجتىمائىي - مەدەنىي ھادىسە) سەۋەبچى بولدى. كىتاب ئوقۇش مەدەنىيىتىنى قايتا تىكلەش كۈن تەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇشقا تېگىش. بۇ مەسىلىدىكى ئەڭ زور ئېغىرچىلىق ۋە مەسئۇلىيەت يەنىلا ئانا تىللىق مەكتەپلىرىمىزنىڭ زىممىسىگە، تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتساق، بىرىنچى نۆۋەتتە، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى پەنلىرىنىڭ مۇئەللىملىرىگە يۈكلىنىدۇ. ئەمدى ئاتا - ئانىلار بىلەن كەڭ جامائەتچىلىك ۋەكىللىرىنىڭ مۇشۇ مۇھىم يۆنىلىشتە ئۇلارنى ئەتراپلىق قوللىشى، ھەمدەم بولۇشى، شەخسىي ئۈلگە كۆرسىتىشكە تېگىشلىكى - تالاشسىز مەسىلە. سۆز نۆۋىتى كەلگەندە ئېيتماي بولمايدىغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە، بۇ - ئىجادكارلارنىڭ ئۆز ئوقۇرمەن - كىتابخانلىرى، تاماشىبىن - مۇخلىسلىرى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت، جاۋابكارلىق مەسىلىسىدۇر.»

رەخمەتجان غوجامبەردىيېف بۇ يەردە دىت مەسىلىسىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئۇچۇر - ئاخبارات ئەسىرى بولغان ھازىرقى زاماندا ئەرزىمەس نەرسىلەرنى يېزىپ، ئۇنى ئوقۇرمەنگە تېڭىش نەتىجىسىدە ئوقۇمايدۇ، دەپ كۆپچىلىكنى ئەيىبلەش ئوخشاش مەنتىقىگە سىغمايدىغان ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى يوشۇرمىدى. بۈگۈنكى ئالەمشۇمۇل زامانىدا ئۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ كىتابخاننىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالىدىغان، ئۇلارنى ئويلاندۇرىدىغان ماۋزۇلارنى تاللاپ ئېلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى، ياخشى ئەسەرنىڭ دائىم ئۆز ئوقۇرمىنىنى تاپىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.