قازاقىستاندىكى ئۈچ تىللىق بىلىم بېرىش سىياسىتى مۇلاھىزە قىلىنماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.01.20

مەلۇمكى، ئۆتكەن يىلى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف قازاقىستان خەلقى ئاسسامبىلېيىسىنىڭ 22-مەجلىسىدە بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى ھەم مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىغا ھەمكارلىقتا ئۈچ تىللىق بىلىم بېرىش بويىچە يول خەرىتىسىنى ئىشلەپ چىقىشنى تاپشۇرغان ئىدى.

بۇ لايىھە بويىچە بارلىق مەكتەپلەردە ۋە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا ئۈچ تىلدا، يەنى دۆلەت تىلى قازاق تىلىدا، مىللەتلەر ئارا تىل رۇس تىلىدا ۋە خەلقئارا تىل ئىنگلىز تىلىدا بىلىم بېرىش كۆزدە تۇتۇلماقتا. يېقىندا بولسا پرېزىدېنت ئوخشاشلىق ۋە بىرلىكنى كۈچەيتىش ھەم تەرەققىي ئەتكۈزۈش نەزەرىيىسىنى تەستىقلەش توغرىلىق پەرماننى ئىمزالاپ، ئۇنىڭدا تىللارنى راۋاجلاندۇرۇش، قوللىنىش، بىلىم بېرىش ۋە ئىلىم-پەننى تەرەققىي ئەتكۈزۈش بويىچە 2020-يىلغىچە بەلگىلەنگەن دۆلەت پروگراممىلىرى يېڭىلىنىدۇ، ئۈچ تىللىق بىلىم بېرىشنى ئىلگىرىلىتىش بويىچە ئاخبارات ساھەسىدىكى پائالىيەتلەر پىلانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. مەزكۇر نەزەرىيە 2015- ۋە 2020-يىللاردا ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقچى.
ئۈچ تىللىق بىلىم بېرىش سىياسىتى قازاقىستاندىكى مىللىي مەكتەپلەر ئالدىدا قانداق مەسىلىلەرنىڭ تۇغۇلۇشىغا ئېلىپ كېلىدۇ؟ بۇنىڭغا ئومۇمەن قازاقىستان مەكتەپلىرى تەييارمۇ؟

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان مائارىپىنىڭ پېشقەدەم ۋەكىللىرىنىڭ بىرى ئېمېليان ھوشۇروف ئۈچ تىللىق بىلىم بېرىش سىياسىتىدە ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆز پىكرىنى مۇنداق دەپ بىلدۈردى: «بىز بۇرۇن بىلىم ساھەسىدە ئىشلىگەنلىكتىن ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ جاغدىيى قانداق بولىدۇ، دەپ ئويلاشتۇرۇپ يۈرىمىز. 153-مەكتەپ گىمنازىيىدە ئون يىل بۇرۇن بۇ توغرىلىق مەسىلە كۆتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ مەسىلە بىر تۇتاش مىللىي ئىمتىھانغا باغلىق بولغانلىقتىن ئاساسىي پەنلەردىن فىزىكا، ماتېماتىكا، بىئولوگىيە پەنلىرىنى ئىنگلىز تىلىدا ئوقۇتۇش، تارىخ، جۇغراپىيە پەنلىرىنى قازاق تىلىدا، ئايرىم پەنلەرنى رۇس تىلىدا، ئومۇمىي ئوقۇش پىلانىدا 25 پەن بولسا، ئۇلارنىڭ سەككىزى باشقا تىلدا ئوقۇتۇلسا، قالغانلىرى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇلىدىغان بولسا، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىنى يوقاتمايمىز، ئەكسىچە، بالىلارنى مۇشۇ كۆپ تىللىق سىياسەتكە ئاستا-ئاستا ئۈگىتىمىز، دەپ ئۆزۈمنىڭ پىكرىنى ئېيتقان. ھازىر بىلىم مىنىستىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بارلىق مەكتەپلەر كۆپ تىللىق بىلىمگە كۆچۈۋاتقان ۋاقىتتا شۇ سىناق باشلانغان مەكتەپلەردە يېنىكچىلىك بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن، سەۋەبى ئۇلار ئون يىل بويى شۇ پەنلەرنى ئۈچ تىلدا ئوقۇتۇپ كەلدى. شۇنىڭ نەتىجىسىدە بالىلارنىڭ بىر تۇتاش مىللىي ئىمتىھانغا قاتنىشىش، يۇقىرى ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشۈش مەسىلىسى باشقا مەكتەپلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولغانلىقىنى مەتبۇئات يۈزىدە كۆرۈۋاتىمىز.»

ئې. ھوشۇروف ئۈچ تىللىق بىلىم سىياسىتىگە كۆچۈشنىڭ زامان تەلىپى بولغانلىقتىن مۇشۇنداق سىناقلارنى يېزا مەكتەپلىرىدىمۇ داۋاملاشتۇرۇش ھاجەتلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «سىناق ئەمەس، سىياسەت ئۆزى ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقىتتا ئالدىمىزدا مۇتەخەسسىسلەر مەسىلىسى تۇرىدۇ. يۇقىرىقى ئوقۇش ئورۇنلىرىدا ئەڭ ئالدى بىلەن ئەنە شۇ مۇتەخەسسىلەرنى تەييارلىمىساق، ئۇ مەكتەپنىڭ ئەھۋالى ئۇنچىلىك ياخشى بولمايدۇ. يۇقىرى ئوقۇش ئورۇنلىرىدىمۇ بۇ مەسىلە ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. بىراق ئەمدى بەزىدە ئاتا-ئانىلار، باشقىلار ئارىسىدا "بىز بۇ ۋاقىتتا ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلى مەسىلىسىنى ئاقسىتىپ قويمايمىزمۇ؟" دېگەن پىكىرلەرمۇ ئېيتىلىدۇ. مېنىڭچە، ئەگەر ئاساسىي پەنلەر بويىچە ئىنگلىز تىلىدا ئۇلار بىلىم ئالىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ باشقا ئوقۇش ئورۇنلىرىدا، باشقا مەملىكەتلەردە ئوقۇش مەسىلىسى ئوڭاي يېشىلىدۇ. ئانا تىلىمىزنى پۇختا بىلىپ، شۇ دەرىجىدە ئۆگىنىدىغان بولساق، بالىلارنىڭ كېلەچىكى يۇقىرى بولىدۇ، باشقا مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بىزغۇ ئۇلاردىن كەم ئەمەس، شۇ دەرىجىدە ئۆز تىلىمىزنى بىلىپ، بىر باش يۇقىرى يۈرىمىز.»

ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر قازاقىستاندا قازاق ۋە رۇس تىللىق مەكتەپلەردىن تاشقىرى يەنە ئۆزبېك، ئۇيغۇر ۋە تاجىك تىللىق مەكتەپلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئۈچ تىللىق بىلىم بېرىش سىياسىتى ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردە بۇ مىللىي مەكتەپلەرنىڭ بالىلىرى ئانا تىلىنى قوشقاندا تۆت تىلنى بىلىدىغان بولۇپ چىقىدىكەن.

ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى، دوكتور ئالىمجان ھەمرايېف ئۆزىنىڭ ئۈچ تىللىق بىلىم بېرىش سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ سىياسەتنى مەن ناھايىتى ئوبيېكتىف رېئاللىققا ئاساسلانغان سىياسەت، دەپ چۈشىنىمەن. بۇنى خەلقىمىزمۇ چۈشىنىدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇ سىياسەت ئاساسىدا بىلىم ساھەسىدىمۇ ئىسلاھاتلار يۈرگۈزۈلۈشى كېرەك. بۇ ئىسلاھاتلارمۇ شۇ جەرياندا كېتىپ بارىدۇ. ئاز سانلىق مىللىي مەكتەپلەر ئۈچۈن بۇ سىياسەت، ئەلۋەتتە، چوڭ، كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. مەن مۇشۇ تەرەپتىن ئەنسىرەيمەن. لېكىن بۇنى توغرا ئېلىپ ماڭىدىغان بولسا، بىزنىڭ مەكتەپلەر ئۇتتۇرمايتتى. بۇنىڭدا قانداق ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر، قانداق سەلبىي نەتىجىلەر بولىدۇ ھازىرغىچە بىر نېمە دەپ ئېيتىش قىيىن.»

ئا. ھەمرايېف ئۆز سۆزىدە قازاقىستاندا ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان كۆپ تىللىق بىلىم بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىنتايىن نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى، كۆپىنچە مۇنداق مەسىلىلەرنىڭ، بولۇپمۇ زىيالىيلار ئارىسىدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم دەرىجىسى ھەم ئاڭ سەۋىيىسى بۇنى قوبۇل قىلىشقا تەييارمۇ ياكى يوقمۇ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىنى تەكىتلەپ، يەنە شۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ پسىخىكىسى بۇنى قوبۇل قىلىشى ناھايىتى تەس. بۇ ھەقتە مەن ئالىم سۈپىتىدە بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كادىرلارنى شۇ سىياسەتكە ماسلاشتۇرۇش كېرەك، دەرسلىكلەرنى شۇنىڭغا ئاساسلانغان ھالدا ئۇسلۇبلىرىنى ئىشلەپ چىقىش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇنى خەلققە چۈشەندۈرگەن، ئۇنىڭ پىكرىنى ھېسابقا ئالغان ھالدا ئېلىپ ماڭسېكەن دېگەن ئۈمىدىم بار. مەن بۇ ھەقتە ئۆز پىكىرلىرىمنى ئاشكارا قويۇشقا تىرىشىۋاتىمەن، ئامما بىزنىڭ زىيالىيلار بۇ مەسىلىلەرنى تېخىچە دېگەندەك چۈشىنىپ يېتەلمىدى.»

كۆپ تىلنى بىلىش ھەم شۇ تىللاردا ئىجاد قىلىش، ئەمگەكلەرنى بەرپا قىلىش ئۆتمۈشتىن كېلىۋاتقان بىر ئەنئەنە بولۇپ، ئۇنىڭ مۇشۇ كۈنلەردىمۇ زۆرۈرلۈكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالماتا شەھەرلىك مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رۇسلان ئارزىيېف كۆپ تىللىق سىياسىتىنىڭ مىللەت تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ مۇھىملىقىنى، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاتاپ كېلىپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزمۇ بۇرۇندىن كۆپ تىللىق بولغان. كۆپ تىللىق بىز ئۈچۈن كېرەك. بۇنىڭ قازاقىستاندا ئوتتۇرىغانقويۇلۇشى دۇنيا بىلەن بىرلىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. پۈتكۈل دۇنيا ھازىر ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىشكە ئىنتىلىۋاتىدۇ، چۈنكى ئىنگلىز تىلى ھەم ئىلىم-پەننىڭ، ھەم تىجارەتنىڭ تىلى ھېسابلىنىدۇ. مەكتەپلەرنىڭ بۇ سىياسەتكە تەييارلىقى ھەر خىل بولۇشى مۇمكىن. ئامما ئاساسىي جەھەتتىن، مەكتەپلەر بۇنىڭغا تەييار ئەمەس. ئالدى بىلەن شۇ پەنلەر بويىچە مۇتەخەسسىسلەرنى تەييارلاش كېرەك، شۇ پەنلەرنى شۇ تىللاردا نەشرگە تەييارلاش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارمۇ بالىلار باغچىسىدىن باشلاپ تەييار بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ھەممىسى ئۇزاق ۋاقىتنى ئالىدۇ.»

ھازىر مەزكۇر مەسىلە ئەتراپىدا ھەر خىل پىكىر-قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، شۇلار ئىچىدە مىللىي مەكتەپلەرنىڭ، ئانا تىلىنىڭ تەقدىرى كېلەچەكتە قانداق بولىدۇ، دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنىڭمۇ پەيدا بولۇۋاتقانلىقى بايقالماقتا. بۇ ھەقتە ر. ئارزىيېف مۇنداق دېدى: «كۆپ تىللىق ئوقۇتۇشنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا زىيىنى بارمۇ دېگەندە، سۆزسىز زىيىنى بولىدۇ. تەبىئىي، جەمئىيەتلىك پەنلەر بويىچە تىلىمىزنىڭ قوللىنىش ئىمكانىيىتى چەكلىنىدۇ، ئاتالغۇلىرىمىز ئاستا-ئاستا قوللىنىشتىن قالىدۇ.. ئامما قانداقلا بولمىسۇن، تەرەققىياتنىڭ يولى مۇشۇ بولغانلىقتىن مۇشۇ يېڭى يولدا مېڭىشقا مەجبۇر. بىز ئانا تىلىمىزغا زىيان كەلمەيدىغان يوللارنى ئىزدىشىمىز كېرەك. مېنىڭچە، ئۇنىڭغا ۋاقىت بار ھەم ئۇنداق يوللارنىڭ تېپىلىشى مۇمكىن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.