قازاقىستاندا بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر مائارىپىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىشكە باشلىدى. بۇ يۆنىلىشتە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يېتىلىپ چىققان دۆلەت، مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت ئەربابلىرى كۆپ كۈچ چىقاردى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا دەسلەپكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى، تىل قائىدىلىرى ۋە ئەدەبىياتىنى ئوقۇتۇش پروگراممىلىرى ئىشلەپ چىقىلدى، كېيىنچىرەك بۇلارنىڭ ئاساسىدا مەخسۇس ئوقۇش قوراللىرى تەييارلىنىشقا باشلىدى. بۇ ئىشلار ئاساسىي جەھەتتە سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدىن كېيىن، بىر تۈركۈم كادىرلار يېتىلىپ چىققاندىن كېيىن خېلى راۋاجلاندى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رابىك ئىسمايىلوف بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «20-يىللىرىدىن باشلاپ بىزنىڭ ئارىمىزدىن دۆلەت مىقىياسىدىكى ئەربابلار، داڭلىق يازغۇچىلار، ئالىملار توپى شەكىللىنىپ، تەرەققىي ئېتىشكە باشلىدى. چۈنكى مائارىپقا باغلىق ھەممە يەرلەردە مەكتەپلەر ئېچىلدى، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈندى. شۇنىڭ نەتىجىسىدە بىزدە ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمائىل تايىروف، ياقۇپ ئىسىيېف ئوخشاش دۆلەت ئەربابلىرى يېتىلىپ چىقتى. ئابدۇلھەي مۇھەممەدى شائىر بولغىنى بىلەن دەسلەپ ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى يازغان، ئۇيغۇر ئىملا قائىدىلىرىنى ئىشلەپ چىققان ئادەم. نۇر ئىسرايىلوف بولسا، ئۇيغۇر خەلق ئىجادىيىتى ماۋزۇسىنى ئالغان. بىزدە بىردىن-بىر پروفېسسور بولغان بۇرھان قاسىموف دېگەن ئالىم يېتىلىپ چىققان. ئۇرۇشتىن كېيىن پۈتكۈل ساھەلەر بويىچە داڭلىق ئەربابلار ۋە باشقىلار يېتىلىپ چىقتى.»
ر. ئىسمايىلوف كېيىنكى يىللىرى ئايشەم شەمىيېۋا، مۇرات ھەمرايېف، غوجاخمەت سەدۋاقاسوف، بۈۋىخان ئەلاخۇنوۋا ۋە شۇلارغا ئوخشاش باشقىمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن ساپالىق ۋە مەزمۇنلۇق ئوقۇش قوراللىرىنى تەييارلاشتا ھەم ئۇلارنى نەشر قىلىشتا ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىشىنى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ئەدەبىياتىنى، سەنئىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆگىنىشتە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىكلىرى مۇھىم رول ئوينىماقتا. قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋەتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى شائىر، يازغۇچىلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئومۇمەن زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولۇشىنى، ئەدەبىيات ئارقىلىق ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى، بۈگۈنكى تۇرمۇش تىرىكچىلىكى بىلەن يېقىندىن تونۇشىنى تەمىنلىدى. ھازىر قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان ئاتمىشتىن ئوشۇق ساپ مىللىي ۋە ئارىلاش تىللىق مەكتەپلەردە بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى تارىخىي ۋەتىنىدىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن ئوقۇماقتا. بۇنىڭدا بولۇپمۇ «ئاتامۇرا» ۋە «مېكتېپ» نەشرىياتلىرى ئالاھىدە پائالىيەت كۆرسىتىۋاتىدۇ.
ئالماتادىكى «ئاتامۇرا» نەشرىياتى باشلانغۇچ سىنىپلار ھەم 5-ۋە 7-سىنىپلار ئۈچۈن ئوقۇش دەرسلىكلىرىنى تەييارلاش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يەردە مالىك مەھەمدىنوف باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر تەھرىراتى نەشر قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە ئوقۇش قوراللىرىدا ھاجى ئەھمەت، تېيىپجان ئېلىيېف، تۇرغۇن ئالماس، ئەختەم ئۆمەر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، قۇربان بارات ئوخشاش ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تونۇلغان شائىر ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ئورۇن ئالغان.
ئەمدى «مېكتېپ» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ مۇھەررىرى سېلىمەم بالىنوۋا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇلىدىغان 8-سىنىپتىن 11-سىنىپقىچە بولغان ئارىلىقتىكى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دەرسلىكىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنىدىكى بىر قاتار شائىر، يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتىنى ئوقۇشنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەكتىپىنى تاماملاۋاتقان بالىلىرىمىز ئومۇمەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولۇشى شەرت. ئەلۋەتتە، بىز ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلىدىغان ماتېرىياللارنى بالىلارنىڭ ياش ئۆزگىچىلىكىنى ھېسابقا ئالغان ھالدا تاللايمىز. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەم پروزا، ھەم پوئېزىيە، ھەم دراما ئەسەرلىرى بار. ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن ماتېرىياللار بولۇپمۇ 10- ۋە 11-سىنىپلارغا كەلگەندە بىر قەدەر مۇرەككەپلىشىدۇ. بۇ سىنىپلاردا بالىلار قازاقىستاننىڭ بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى تەستىقلىغان ئىككى يۆنىلىشتە، يەنى جەمئىيەتلىك-گۇمانىتارلىق ۋە تەبىئىي-ماتېماتىكىلىق يۆنىلىشلىرىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىدۇ. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى پروگراممىسىنىڭ قائىدىسى بويىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىكى تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كلاسسىك دەۋرىدىن تاشقىرى يەنە يېقىنقى زامان دەۋرى، يەنى 20- ۋە 21-ئەسىرلەردىكى تەرەققىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەلۋەتتە، شائىر، يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تاللاش ۋە دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈش جەريانىدا بۇ ئەسەرلەرنىڭ تەربىيەۋىي ئەھمىيىتىگە ئالاھىدە دىققەت بۆلۈنىدۇ. بىز قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىز ئوخشاش خەلقلەرگە بەرگەن ئەركىنلىكلىرىدىن پايدىلانغان ھالدا، ئۆز ئەۋلادلىرىمىزنى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھتا تەربىيىلەشكە، ئۇلاردا ئانا تىلىغا، مىللىي مەدەنىيەتكە بولغان مۇھەببەت سېزىملىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە تىرىشىۋاتىمىز. بىز شۇنداقلا ھەر دەۋر ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيىتىنى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۆز خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخىنى، ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن يۈرگۈزگەن مۇقەددەس كۈرىشىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈشنىمۇ كۆزدە تۇتىمىز. بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئۆز خەلقىنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى قانچىلىك كەڭ دائىرىدە ئۆگەنسە، بىلسە، دېمەك باشقا خەلقلەرنىمۇ شۇنچىلىك ھۆرمەتلەيدۇ، قىممەتلەيدۇ دېگەن سۆز.»
س. بالىنوۋانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سىنىپلاردا ئوقۇغۇچىلار، مەسىلەن، زۇنۇن قادىرىنىڭ «غۇنچەم» درامىسى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» رومانى، بوغدا ئابدۇللانىڭ لىرىكىلىق ئەسەرلىرى، تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ شېئىرلىرى، زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» رومانى، شۇنداقلا ئابدۇراخمان قاھار، قۇربان بارات، مەمتىمىن ھوشۇر ئوخشاش يېقىنقى ۋە بۈگۈنكى زاماننىڭ كۆرنەكلىك ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشالايدۇ.