26-ئاپرېلدا ئالماتا شەھىرىدىكى ئەۋېزوف ناھىيىسىنىڭ ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-گىمنازىيىسىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىملىرىنىڭ 2-رايونلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.
جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت مەركىزى، ئالماتا شەھەرلىك ۋە ئالماتا ۋىلايەتلىك بىلىم بېرىش باشقارمىلىرى ۋە جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت مەركىزى قارمىقىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئۆتكەن «ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى پەنلىرىنى ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى» ناملىق مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى شەھىمەردان نۇرۇموف «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاتالغۇ مەسىلىلىرى»، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتور نامزاتى رۇسلان ئارزىيېف «دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىشتە ئانا تىلىنىڭ رولى»، پېداگوگىكا پەنلىرىنىڭ دوكتورى مۇنەۋۋەر يۇنۇسوۋا «كۆپ تىللىق بىلىم بېرىشتا ئانا تىلىنىڭ رولى»، تىلشۇناس زەھىدەم ئىۋۇللائېۋا «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا مەسىلىلىرى»، 153-گىمنازىيە مۇئەللىمى رانىگۈل ئىلىيېۋا «ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى پەنلىرىنى ئوقۇتۇش بويىچە بەزى مۇھىم مەسىلىلەر» دېگەن تېمىلاردا دوكلاتلار ئوقۇدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان 153-گىمنازىيىسى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى كافېدراسىنىڭ باشلىقى رانىگۈل ئىلىيېۋا مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مەقسەت ۋە ۋەزىپىلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئاساسىي مەقسەت بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىۋاتقان مەكتەپلەردە ئانا تىلىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى، ئوقۇتۇلۇشىدۇر. شۇ مەقسەت بىلەن بارلىق ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىملىرى كېلىپ ئولتۇرىدۇ. مۇئەللىملەر ئاساسەن شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى، شۇنداقلا تالغىر، ئۇيغۇر، پانفىلوف، ئەمگەكچىقازاق ناھىيىلىرىدىكى مەكتەپلەردىن كەلدى. ۋەزىپىلىرىمىز شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، مەكتەپلىرىمىزدە ئەمەلگە ئاشمايۋاتقان كۆپ ئىشلىرىمىز بارغۇ، مەسىلەن، ئاساسەن ئەڭ كېرەك بولۇۋاتقان ئېلېكترونلۇق دەرسلىكلەر، كۆرسەتمە قوراللار، مانا شۇلارنى تەييارلاش ئىشلىرىنى قولغا ئېلىش، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى ھەر قانداق ئىلمىي-ئەمەلىي كۆۋرۈكلەرگە قاتناشتۇرۇش، مۇئەللىملەرنىڭ ئىشلىرىنى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىش. بۈگۈن ئاتالغۇلار لۇغىتى توغرىلىق قايتا-قايتا ئېيتىلدى. ئۇ ئەڭ كېرەكلىك قورال بولۇۋاتىدۇ، سەۋەبى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي تىللاردا سىناق تاپشۇرۇش پەيتىدە ئاتالغۇلار لۇغىتى ھاۋادەك كېرەك بولۇپ تۇرماقتا. لېكىن لۇغەت نەشردىن چىقمايۋاتىدۇ. ئاساسەن مانا مۇشۇ ئىشلارنى قولغا ئېلىش ھەققىدە گەپ بولدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە بولۇپمۇ ناھىيە مۇئەللىملىرىگە سىناق يازما ئىشلىرى، ئىزاھاتلار توپلاملىرى يېتىشمەيۋاتىدۇ. مانا مۇشۇلارنى توپلاپ، نەشرگە ئۆتكۈزۈش.»
يىغىندا يېڭى تېخنولوگىيىلەر بويىچە تەجرىبە دەرسلىرى مەسىلىسى بويىچە يۇمىلاق ئۈستەل ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇنىڭدا يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى. ئەنجۇماندا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەييارلىشىدا كونسېرت پروگراممىسى كۆرسىتىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالماتا ۋىلايىتى پانفىلوف ناھىيىسىگە قاراشلىق ياركەنت شەھىرىنىڭ خېلىل ھەمرايېف نامىدىكى مەكتىپىنىڭ مۇئەللىمى بەخىتجان رازىيېف مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدىن ئالغان تەسىراتىنى مۇنداق دەپ بىلدۈردى:
«ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىملىرىنىڭ 2-رايونلۇق ئەنجۇمانى چوڭ ۋە تەسىرلىك ئۆتتى. 1-رايونلۇق ئەنجۇمان سۇس دەرىجىدە ئۆتكەن بولسا، بۇنىڭ قانچىلىك زور تەييارلىق بىلەن قولغا كەلگەنلىكىنىڭ گۇۋاھچىسى بولدۇق. مۇشۇ ئالماتا شەھىرىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيە مۇدىرى شاۋكەت نىياز ئوغلىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا قانچىلىك دەرىجىدە كۆيگەنلىكىنى كۆردۇق، ئۇنىڭ كېلەچەكتە بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ ساپالىق بىلىم ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشۈشىگە تۈرتكە بولدى، شۇنىڭغا ئۆز ھەسسىسىنى قوشتى، دەپ ئېيتساق ئارتۇق كەتمەيدۇ، چۈنكى مۇشۇ ئەنجۇمان ئارقىلىق بىز بالىلىرىمىزغا ساپالىق بىلىم بېرىپ، ئۇلارنى زور ئىجادىي ئىزدىنىشكە تەربىيىلىشىمىز كېرەك، شۇ ئاساسىدا مەكتىپىمىزدىكى ساپانى كۆتىرىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىملىرىنىڭ ھازىرقى ئاساسىي مەسىلىلىرىنىڭ بىرى ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى ئىجادىي ئىزدىنىشكە، كۆۋرۈكلەرگە تەييارلاشتا كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتىمىز. شۇلار بويىچە بىز ھەمكارلىشىپ، بىرلىشىپ ئىش قىلساق نۇر ئۈستىگە نۇر بولار ئىدى. بىز بۇ يەردە قوشۇمچە ماتېرىياللار بىلەن بىر قاتار دىكتانتلار توپلىمىنى چىقىرىشتىمۇ ئالىملىرىمىزغا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىر سىناق يازما ئىشلىرى توپلىمىنى چىقارساق ياخشى بولاتتى. بىز بۇ ئەنجۇماندىن كۆپلىگەن تەسىراتلارنى ئالدۇق، چۈنكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەنىڭ ئىش-تەجرىبىسى ئارقىسىدا بىزمۇ كېمبرىدج تېخنولوگىيىسىدىن پايدىلىنىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەندۇق. مەن ئۆزۈممۇ 3-دەرىجىلىك كېمبرىدج تېخنولوگىيىسىنى ئۆگەنگەن بىلەن مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئۇستازى رانو ئىلىيېۋانىڭ دەرسىگە قاتنىشىپ، شۇ كېمبرىدج تېخنولوگىيىسىنى بالىلاردا قوللىنىشتا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئىش-تەجرىبىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنىڭ گۇۋاھچىسى بولدۇق. مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئىشىغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.»