0:00 / 0:00
قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاجرالماس قىسمى بولۇپ كەلگەن بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ بىر نەچچە باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى مەلۇم. قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان ئومۇمەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەرەققىياتىدا سۇسلىشىش ئەھۋالى بايقىلىشقا باشلىدى.
بۇنىڭغا، بىرىنچى نۆۋەتتە، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى سېپىنىڭ بارا-بارا شالاڭلىشىشقا يۈزلەنگەنلىكى شۇنداقلا يازغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن رىغبەتلەندۈرۈلۈشىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكى سەۋەب بولدى.
بۈگۈنكى كۈندە بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ بۇ ئەدەبىياتقا قانداق تەلەپلەر قويۇلۇۋاتىدۇ؟ نەشر قىلىنىۋاتقان ئەسەرلەر ۋاقىت تەلىپىگە جاۋاب بېرەلەمدۇ؟ بۇ ھەقتە بىز يازغۇچى ئاۋۇت مەسىموف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مەزكۇر سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاڭلايسىلەر.