قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

25-مايدا قازاقىستاندىكى بارلىق ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەردە ئاخىرقى ئوقۇش پۈتتۈرۈش يەنى قوڭغۇراق مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. شۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدىكى 400 بالا ئوقۇۋاتقان مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150-مەكتەپتۇر.

ئۇنىڭدا ئۆتكەن ئاخىرقى قوڭغۇراق مۇراسىمىغا زىيالىيلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى، يۇرت-جامائەت ۋە ئاكتىپلار، ئاتا-ئانىلار قاتناشتى. تەبرىك سۆزى بىلەن چىققان ئالاتاۋ ناھىيىسىنىڭ ھۆكۈمەت مەمۇرىيىتى ۋەكىلى بېكتاس سەبىتوف، پېشقەدەم ئۇستاز گالىنا گرىشېنكو، يۇرت جانكۆيەرلىرى تۇرسۇن ھاجىم زايىتوف، ئىسھاق لوقمەنوف، مەكتەپ مۇدىرى مۇنىرەم زىياموۋا ۋە باشقىلار مەكتەپ ئالدىدا تۇرغان مۇھىم ۋەزىپىلەر ھەم مەكتەپنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى، ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇراسىم داۋامىدا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان كونسېرت پروگراممىسى كۆرسىتىلدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بىلىم بويىچە ئورۇنباسارى مامۇھەممەتوۋا مەكتەپنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ئۈستىدە توختالدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.