قازاقىستاندىكى ئەخمەت يەسەۋىي ئۇنىۋېرسىتېتى رەھبەرلىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكچى

0:00 / 0:00

قازاقىستاندىكى ئەخمەت يەسەۋىي نامىدىكى قازاق-تۈرك خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيە بىلەن قازاقىستان بىرلىكتە ئاچقان ئالىي بىلىم يۇرتى بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېت يېقىندا چەتئەللەردىن كەلگەن ئالىم ۋە پىداگوكلارنى چاقىرىپ يىغىن ئۆتكۈزگەن. ئۇچرىشىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى مەكتەپ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش مەسىلىسىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ھەققىدە مەسلىھەتلەشكەن.

يېقىندا ئالماتا شەھىرىنىڭ «ئالىتاغ» مېھمانخانىسىدا قازاقىستاندىكى ئالدىنقى قاتارلىق ئالىي بىلىم دەرگاھلىرىنىڭ بىرى ئەخمەت يەسەۋىي نامىدىكى قازاق-تۈرك خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى خادىملىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن چوڭ ئۇچرىشىش بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەزەربەيجان، تەيۋەن، تۈركىيە ۋە قازاقىستان قاتارلىق مەملىكەتلەردىن بولۇپ 150كە يېقىن ئالىملار، ئوقۇتقۇچىلار، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى قاتناشتى. ئۇچرىشىشنى ئاچقان مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت پرېزىدېنتىنىڭ ياردەمچىسى نەۋزات شىمشەك ئۆز دوكلاتىدا ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، شۇنداقلا ئوقۇشقا كىرىش ۋە ئوقۇشنىڭ قائىدىلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇچرىشىشقا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، تۈرك خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي فوندى ۋە ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىكى قازاقىستان ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئالماتا شەھىرىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-ئۇيغۇر مەكتەپ-گىمنازىيىسىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف ۋە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللىي مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى زۇھرۇللام قۇرۋانباقىيېفلار بىلەن ئالاھىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

سۆھبەت داۋامىدا ش. ئۆمەروف 153-ئۇيغۇر مەكتەپ-گىمنازىيىسىنىڭ 2013-ۋە 2014-ئوقۇش يىللىرى قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئالدىدا تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ شۇنداقلا بۇ يىلى ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ «ئالتۇن بەلگە» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ز. قۇرۋانباقىيېف مەزكۇر ئۇچرىشىش ھەققىدە مۇنداق دېدى: «سۆز نۆۋىتىنى ئېلىپ، ئەسلى"مەن تۈركچە بىلمەيمەن، بىرەر تەرجىمان تېپىلىپ قالار، دەپ ئويلىۋېدىم، تەرجىمان كېرەك بولمىدى. بىز ئۇيغۇرچە، سىلەر تۈركچە سۆزلەۋاتىسىلەر، بىر-بىرىمىزنى ياخشى چۈشىنىۋاتىمىز، دېۋىدىم، ئەخمەت داغ دۇران سۆزگە ئارىلىشىپ، «ھەممىمىز ئۇيغۇر تۇرساق، نېمىشقا بىر-بىرىمىزنى چۈشەنمەيمىز» دەپ بارلىقىمىزنى كۈلدۈردى. مەن سۆزۈمنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەقىقەتەن مائارىپ ساھەسىگە كەلسەك، قازاقىستاندا يۇقىرىقى ئوقۇشلارغا كىرىپ، ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشتا ئايرىم قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش كېرەك. ئۇيغۇر بالىلىرى بۈگۈنكى كۈندە بارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇپ بىلىم ئېلىۋاتىدۇ. ئەپسۇس، شۇنىڭ ئۆزىدىمۇ بىر ئاز قىيىنچىلىقلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس. مەكتەپلەردە ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلىرىمىز بىر تۇتاش ئىمتىھان تاپشۇرغاندا سىناقتىن ئۆتۈپ، ئوقۇشقا كىرىش مۇمكىنچىلىكىگە ئېگە بولىدۇ. ھەر بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ھەقسىز ئوقۇش بەلگىلىمىسى 80 دەرىجىدىن يۇقىرى بولغانلىقتىن، بۇ بەلگىلەنگەن دەرىجىدىن تۆۋەن باھا ئالغان ئوقۇغۇچىلار پۇل تۆلەپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. ئەپسۇس ھازىرقى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق زامانىدا بىزنىڭ يېزىلاردىن كەلگەن قارا كۆزلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ جاغدىيى يار بەرمەيدۇ. ھۆرمەتلىك نەۋزات ئەپەندى، ئەگەر مۇمكىنچىلىك بولسا، ئوقۇسام دەپ كۆزىدىن ئوت يېنىپ تۇرغان ياشلىرىمىز ئاز ئەمەس. مىللىتىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس ھاۋادەك كېرەك بولۇۋاتقان نەرسە‏-ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىچىدىن ۋەتىنىمىز قازاقىستانغا، قازاقىستان خەلقىگە خىزمەت قىلىدىغان ياشلىرىمىزنى ئوقۇتساق، نۇر ئۈستىگە نۇر بولاتتى.» دېدىم.

ز. قۇرۋانباقىئېف مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەكتەپنى ئانا تىلىدا تاماملىغان بالىلارنىڭ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا كىرىشى ئۈچۈن بارلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، شۇ مەقسەتتە ئوقۇش ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىش ئېلىپ بېرىشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ، يەنە شۇنداق دېدى: «تۈرك خەلقلىرىنىڭ مەدەنىي فوندىنىڭ پرېزىدېنتى، پروفېسسور، ئەخمەت داغ دۇران: " دۇرۇس دەيسىز، ياشلارنى ئوقۇتۇش، مۇتەخەسسىسلەرنى تەييارلاش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى. بۇ مەسىلە بويىچە يەنە بىر قېتىم باش قوشايلى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۈركىيەدە ئوقۇتۇشقا قولىمىزدىن كەلگەن ياردەمنى ئايىمايمىز" دېدى. ئارىلىقتا ئۇنىۋېرسىتېت پرېزىدېنتىنىڭ ياردەمچىسى نەۋزات شىمشەك: "ئەگەردە سىلەر ئۇيغۇر ياشلىرىنى بىزنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتقا ئەۋەتسەڭلار، ئۇنىۋېرسىتېت ئۆزى بېكىتكەن دەرىجىدىن ئۆتسە، ياكى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئالغان سىناق دەرىجىگە ئېگە بولغان ياشلار ئۈچۈن بىر ئاز ئاسانلىقلارنى بەلگىلىدۇق. ئاتاپ ئېيتقاندا، ياتاق، تاماق، ئوقۇش ئۈچۈن ئايغا 150 ئامېرىكا دوللىرى مىقياسىدا ياردەم پۇل بېرىلىدۇ. ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىنگلىز، تۈرك، رۇس، قازاق تىللىرىدا ئوقۇش مۇمكىنچىلىكى يارىتىلغان" دەپ تولۇق چۈشەنچە بەردى. شۇ ئارىلىقتا بىزنىڭ سۆھبىتىمىزنى جاراڭلىق ئۇيغۇر مۇزىكىسى بۆلدى. رىياسەتچى ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل دەپ ئېلان قىلدى ۋە "ئىرادە" ئانسامبىلى ئوتتۇرىغا چىقتى. "دولان سەنىمى" چېلىنىپ، ئىككى ئوغۇل، ئىككى قىز ئۇيغۇرچە كىيىملەردە ئۇسسۇلغا چۈشۈۋېدى، زالدا ئولتۇرغان مېھمانلار ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، سۈرەتكە تارتتى ۋە گۈلدۈراس چاۋاكلار چېلىندى. شۇ ئارىلىقتا مەن، ئۇيغۇر مىللىتىنى پەقەت ئۆزىمىزلا ئەمەس، ھەر قانداق ئادەمنىڭ ياقتۇرۇپ تىڭشايدىغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم كۆز يەتكۈزدۈم.»

ئۇچرىشىش ئاخىرىدا، كېلەچەكتە قىلىنىدىغان ئىشلار قاتارىدا ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بىلەن پات يېقىندا يەنە كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.