قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر يېڭى ئوقۇش يىلىنى باشلىدى
2015.09.03
1-سېنتەبىردە بارلىق قازاقىستان مەكتەپلىرى يېڭى 2015-ۋە 2016-ئوقۇش يىلىنى باشلىدى. ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «بىلىم كۈنى» دەپ رەسمىي جاكارلانغان بۇ كۈنى مەكتەپلەردە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەنتەنىلىك يىغىنلار ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىگە ئايلانغان.
ئۇنىڭغا مۇئەللىملەر ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن تاشقىرى مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، ئاتا-ئانىلار، يۇرت-جامائەتچىلىك ۋە باشقىلار قاتناشماقتا. قازاق، رۇس، ئۆزبېك، تاجىك تىلىدىكى مەكتەپلەر بىلەن بىر قاتاردا، بولۇپمۇ ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىدە ئورۇنلاشقان ساپ ئۇيغۇر ۋە ئارىلاش تىللىق مەكتەپلەردە بىلىم ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ يېڭى ئوقۇش يىلىنى مۇناسىپ قارشى ئالدى.
بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنى بىئارام قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ئومۇمەن ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ بارغانسېرى كېمىيىپ كېتىپ بارغانلىقىدۇر. بىز ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ بەزى مەكتەپلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئىگىلىدۇق.
ئالماتا شەھىرى دوستلۇق مەھەللىسى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەدە 164 بالا 1-سىنىپقا، 105 بالا تەييارلىق سىنىپىغا، سۇلتان قورغان مەھەللىسى مەسىم ياقۇپوف نامىدىكى 101-مەكتەپ-گىمنازىيەدە 135 بالا 1-سىنىپقا، 80 بالا تەييارلىق سىنىپىغا، زاريا ۋوستوكا مەھەللىسى مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150-مەكتەپتە 36 بالا 1-سىنىپقا، 35 بالا تەييارلىق سىنىپىغا كەلگەن بولسا، ئەمدى ئالماتا ۋىلايىتى پانفىلوف ناھىيىسىنىڭ ياركەنت شەھىرى خېلىل ھەمرايېف نامىدىكى مەكتەپتە 42 بالا 1-سىنىپقا، 15 بالا تەييارلىق سىنىپىغا، بىلال نازىم نامىدىكى مەكتەپتە 132 بالا 1-سىنىپقا، 35 بالا تەييارلىق سىنىپىغا، ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ غالجات ئوتتۇرا مەكتىپىدە 36 بالا 1-سىنىپقا، 12 بالا تەييارلىق سىنىپىغا، چونجا يېزىسى ئىلىيا بەختىيا نامىدىكى مەكتەپتە 50 بالا 1-سىنىپقا، 40 بالا تەييارلىق سىنىپىغا، ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ بايسېيىت يېزىسى ئىسمائىل تايىروف نامىدىكى مەكتەپتە 72 بالا 1-سىنىپقا، 40 بالا تەييارلىق سىنىپىغا، قارىتورۇق دوستلۇق مەھەللىسى ئوتتۇرا مەكتىپىدە 41 بالا 1-سىنىپقا، 32 بالا تەييارلىق سىنىپىغا، تالغىر ناھىيىسىنىڭ بېساغاش يېزىسى 29-مەكتەپتە 16 بالا 1-سىنىپقا، 28-مەكتەپتە 12 بالا 1-سىنىپقا كەلگەن.
ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقىلار قاتارىدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم. مەسىلەن، ئالماتا شەھىرى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيە مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن ئوقۇش يىلى يەكۈنى ھەققىدە مۇنداق دېدى:
ئۆتكەن ئوقۇش يىلىنىڭ نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى. مەكتەپنى 31 ئۇچۇمكار پۈتتۈرگەن. بىر تۇتۇش ئىمتىھانغا بېرىپ، بىز 105.7 نومۇر ئېلىپ، ئەۋېزوف ناھىيىسى بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىدۇق، يەنى ئانا تىلىمىزدا ئوقۇپ، ئىمتىھانلارنى قازاق ۋە رۇس تىللىرىدا تاپشۇرۇپ، بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەش بۇ ناھايىتى چوڭ ئۇتۇق، شۇ 31 بالىدىن 28 بالىمىز ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشتى، ئۇلارنىڭ ئونى ھەقسىز، يەنى گرانت ھېسابىغا، قالغان 18 ئى ھەر خىل ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشتى. چۈشكەن ئوقۇش ئورۇنلىرى ساپلا دۆلەتلىك، خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتلار. بىزنىڭ بالىلىرىمىز ياخشى كەسىپلەرنى تاللىدى. بالىلىرىمىزنىڭ 90 پىرسەنتى ئوقۇشقا چۈشۈۋاتىدۇ. بۇ قازاقىستان بويىچىمۇ، مىللىي مەكتەپلەر بويىچىمۇ چوڭ كۆرسەتكۈچ. بۇ، ئەلۋەتتە، بىزنىڭ ئۇتۇقىمىز. بۈگۈنكى كۈندە بىز مىللىي كادىرغا موھتاج. شۇ بالىلىرىمىز كېلەچەكتە ھەر بىر ساھەلەردە ۋەتىنىمىز قازاقىستان دىيارىغا، دۇنيا مىقياسىدا خەلقىمىزگە خىزمەت قىلىدىغان ئوغۇل-قىزلاردىن بولۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭغا بىز ناھايىتى خۇشال.
ش. ئۆمەروف شۇنداقلا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە بالا توپلاش مەسىلىسىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پۈتكۈل مەھەللە يۇرت-جامائەتچىلىكىنىڭ، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەرنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ پەقەت ساپالىق بىلىم ۋە ياخشى نەتىجىلەر ئارقىلىق بالىلارنى ۋە ئاتا-ئانىلارنى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرگە جەلپ قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ، يەنە مۇنداق دېدى:
بىز 2008-يىلى 5 سىنىپ، 4 تەييارلىق سىنىپىنى ئاچتۇق. 2008، 2009، 2010 ئۈچ يىل بەش بىرىنچى سىنىپنى ۋە تۆت تەييارلىق سىنىپلىرىنى ئاچتۇق. 2011، 2012، 2013 ۋە 2014-يىللىرى بىز ئالتە سىنىپتىن ئېچىۋاتىمىز، بىراق ئالتە سىنىپتا بالىلارنىڭ سانى 155 ئەتراپىدا ئىدى. بۇ يىلى ھەقىقەتەنمۇ 170 كە يېقىن بالا بىرىنچى سىنىپقا، تەييارلىق سىنىپىغا 105 بالا كەلدى. بۇ مەكتەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە بىلىم بېرىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى ۋە يىل ئاخىرىدىكى نەتىجىگە باغلىق، يەنى قانچە بالا ئوقۇشقا چۈشۈۋاتىدۇ. بۇرۇن يىگىت باشلىرىمىز، ناھىيەلىك مەدەنىيەت مەركەزلىرىمىز كوچىمۇ-كوچا مېڭىپ، تەشۋىقات ئىشلىرىنى يۈرگۈزگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بىز تەشۋىقات ئىشلىرىنى يۈرگۈزمىدۇق. تەشۋىقاتنى ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى ئۇلارنىڭ بىلىمى ئارقىلىق، مەكتەپنىڭ ئۇلارغا بولغان كۆزقارىشى ئارقىلىق تەشۋىقات قىلىۋاتىدۇ. ئەڭ يۇقىرى تەشۋىقات بۇ بىلىمنىڭ ساپاسى ۋە كۆرسەتكۈچ، نەتىجە. نەتىجە كۆتۈرۈلسە ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى ئېلىپ كېلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە مەكتىپىمىزگە ئاقبۇلاق، ئالغاباس، زاريا ۋوستوكا، گورنىي گىگانت، كالىنىن ۋە باشقا يەرلەردىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان بالىلىرىمىز ناھايىتى نۇرغۇن. ئۆز ۋاقتىدا بىر تارىخىي شەخسنىڭ «ھەممىنى كادىرلار ھەل قىلىدۇ» دەپ ئېيتقان سۆزى بار. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھەممىنى كادىرلار يېشىدۇ. مۇئەللىمنىڭ سالاھىيىتى قانچە يۇقىرى بولسا، قانچە ياخشى بىلىم بېرەلىسە، قانچە ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى كۆرەلىسە، شۇ ئۆزىنىڭ ئىشى تۈپەيلى مەكتەپنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆز ئۈلۈشىنى قوشۇپ، شۇ پائالىيىتى ئارقىلىق تەشۋىقات ئىشلىرىنى يۈرگۈزىدۇ. مەكتىپىمىزدە 120 مۇئەللىم بار. شۇلارنىڭ دەرىجىسى كۆتىرىلگەنلىكتىن مۇئەللىملەرنىڭ، بالىلارنىڭ ساپاسىمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇ يىلى ئوقۇش يىلىنى 1400 ئوقۇغۇچى بىلەن باشلىدۇق.