قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى يېڭى مەۋسۇملۇق ئوقۇشنى باشلىدى

0:00 / 0:00

بۇ يىلى 2-سېنتەبىردە يېڭى 2017- ۋە 2018-ئوقۇش يىلىنىڭ باشلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستاننىڭ بارلىق ئومۇمىي ئوتتۇرا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلىرىدە «بىرىنچى قوڭغۇراق» مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى بىلىم باشقارمىسىنىڭ مەخسۇس بۇيرۇقى بىلەن بۇ كۈنى قازاق، رۇس، ئۆزبېك، ئۇيغۇر ۋە تاجىك تىللىرىدىكى مەكتەپلەر مەمۇرىيىتى يەرلىك بىلىم بېرىش بۆلۈملىرى بىلەن بىرلىكتە تەنتەنىلىك يىغىنلار ئۇيۇشتۇردى. مۇنداق يىغىنلار قازاقىستاندىكى ئوقۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەردىمۇ داغدۇغىلىق ئۆتتى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق، سۇلتانقورغان، زاريا ۋوستوكا مەھەللىلىرىدە، شۇنداقلا ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر، ئەمگەكچىقازاق، ئۇيغۇر ۋە پانفىلوف ناھىيىلىرىدە جايلاشقان بولۇپ، جەمئىي 15 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى ئانا تىلىدا بىلىم ئالىدۇ. ھازىر مەملىكەتتە تازا ئۇيغۇر تىللىق ۋە ئارىلاش، يەنى ئوقۇش قازاق، رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي سانى 60تىن ئاشىدۇ. بۇ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت غەمخورلۇقى ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئانا تىلىدىكى ئوقۇش قوراللىرى، شۇنداقلا زامانىۋى تەلەپلەرگە لايىق جابدۇقلانغان بىنالار بىلەن تەمىنلەنگەن.
2-سېنتەبىردە ئالماتا ۋىلايىتى پانفىلوف ناھىيىسىنىڭ مەركىزى ياركەنت شەھىرىدە ئورۇنلاشقان خېلىل ھەمرايېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە يېڭى ئوقۇش يىلى يېڭى مەكتەپ بىناسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن باشلاندى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىمى سەنەم ھەمرايېۋا بۇ مۇراسىم ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇ يىلى بىز، ئۇستازلار، ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ناھىيە خەلقى ئۈچۈنمۇ ئۇنتۇلماس ۋەقە بولۇۋاتىدۇ، سەۋەبى خېلىل ھەمرايېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇستازلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن 300 ئورۇنلۇق زامانىۋى مەكتەپ بىناسى سېلىنىپ، پايدىلىنىشقا بېرىلدى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، بۇ ئىش ئېلىمىز رەھبەرلىكى ئىلگىرى سۈرگەن "نۇرلۇق يول" دۆلەت پروگراممىسى دائىرىسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. مەكتەپ بۈگۈنكى كۈننىڭ تەلەپلىرىگە لايىق سېلىنغان. تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يۈرگۈزۈش ئۈچۈن مەكتەپ تەن-ھەرىكەت زالى، 100 ئورۇنلۇق ئاشخانا، كۇتۇپخانا، مەجلىس زاللىرى، مەخسۇس بۆلمىلەر بىلەن تەمىنلەنگەن. مەلۇمكى، خېلىل ھەمرايېف مەكتىپى جۇمھۇرىيەت دائىرىسىدىكى بىلىم مەزمۇنىنى يېڭىلاشقا قاتنىشىۋاتقان ئوتتۇز سىناق مەكتەپلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ئاخىرقى ئۈچ يىل داۋامىدا بىزنىڭ باشلانغۇچ سىنىپ مۇئەللىملىرى ناھىيە بويىچە باشلانغۇچ سىنىپ مۇئەللىملىرىگە زامانىۋى يېڭى بىلىمگە ئوقۇتۇپ ۋە ئۆگىتىپ كەلمەكتە. مەكتەپ مۇدىرى زۇلفىيە مەشۈروۋا رەھبەرلىكىدە پېداگوگىكا كوللېكتىپى زور ئىجادىي ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى. ئاتاپ ئېيتقاندا، جۇمھۇرىيەت دائىرىسىدە ئوتتۇز سىناق مەكتەپلىرى ئىچىدىن، سەككىز ئىلغارلار تەركىبىدىن تىلغا ئېلىندى».

س. ھەمرايېۋا شۇنداقلا مەكتەپنىڭ يېڭى بىناسىنى ئېچىش مۇراسىمىدا ناھىيە ھاكىمى بېرداۋلېت ئابدۇلدايېفنىڭ تەنتەنە قاتناشقۇچىلىرىنى قازاقىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنى ھەم بىلىم كۈنى، شۇنداقلا قۇربان ھېيت بايرىمى بىلەن قىزغىن تەبرىكلەپ، مەملىكەتتە سىياسىي تۇراقلىقنى، جەمئىيەتلىك رازىمەنلىكنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆپلىگەن ئىشلارنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مەكتەپنى سالغان «ئالماتا مەدەنىي-تۇرمۇش قۇرۇلۇشى» جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشچىلىرىغا، ئەخمەتجان شەردىنوف، ئاسىمجان زلاۋدىنوف، ئارۇپجان جۇماخۇنوف، ناھىيىلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى دىلشات ناسىروف ۋە باشقىلارغا پۈتكۈل مەكتەپ كوللېكتىپى نامىدىن مىننەتدارلىقىنى ئىزھار قىلدى.
بۇ يىلى مەكتەپ بوسۇغىسىنى يېڭىدىن ئاتلىغان ئالتە ياشلىق بالىلار تەييارلىق، يەنى 0-سىنىپقا ۋە 1-سىنىپقا ئېلىندى. بىز شەھەردىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئىگىلىدۇق. ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەسىدە بەش 0-سىنىپ ئېچىلىپ، ئۇنىڭغا 99 بالا، بەش 1-سىنىپقا 129 بالا، سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى مەسىم ياقۇپوف نامىدىكى 101-مەكتەپ-گىمنازىيەسىدە ئىككى 0-سىنىپقا 47 بالا، تۆت 1-سىنىپقا 117 بالا، زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدىكى مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىككى 0-سىنىپقا 34 بالا، ئىككى 1-سىنىپقا 24 بالا كەلگەن.

كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە بالا توپلاش قازاقىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى، زىيالىيلار ۋە جەمئىيەت بىرلەشمىلىرىنى كۆپ ئويلاندۇرىدىغان جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بەزى مەكتەپلەردە بالىلار سانى ئوتتۇرا ھېسابتا ئۆسۈۋاتقان بولسىمۇ، ئامما ئومۇمەن ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرگە كېلىدىغان بالىلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئازايماقتا. ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك تەۋەسىگە قاراشلىق غەيرەت يېزىسىدىكى ئىسمائىل ساتتاروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قازاق تىلى مۇئەللىمى ئابدۇلجان ئازنىباقىيېفنىڭ ئېيتىشىچە، كۆپلىگەن يېزىلار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلسىمۇ، كۆپچىلىكنىڭ بالىلىرىنى رۇس تىللىق مەكتەپلەرگە بېرىشى داۋام قىلماقتا. ئۇ ئۆزى ئىستىقامەت قىلىۋاتقان غەيرەت يېزىسىدىكى ئەھۋالغا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يىلقى ئوقۇش يىلىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئىسمائىل ساتتاروف نامىدىكى مەكتەپنىڭ تەييارلىق سىنىپىغا 20، 1-سىنىپىغا 16 ئوقۇغۇچى كەلدى. بۇ، ئەلۋەتتە، قانائەتلىنەرلىك ئەمەس، سەۋەبى يېزىدا ئۇنىڭدىن كۆپ بالا بار. لېكىن ئاتا-ئانىلىرىمىز پەرزەنتلىرىنى ئۆزگە تىلىدا ئوقۇتۇشنى ئەۋزەل كۆرۈۋاتىدۇ. راست، ھەر كىمنىڭ ئۆز خاھىشى بار. لېكىن، مىللىي غۇرۇر تەرەپتىن ئېلىپ قارىغاندا ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. بۇ مەسىلىگە سىنىپ رەھبەرلىرى، يۇرت جانكۆيەرلىرى ئاكتىپ ئارىلىشىۋاتسىمۇ، بەزى بىر قېرىنداشلىرىمىز رايىدىن قايتار ئەمەس. باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىگە مۇمكىنچىلىك-شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. شۇنى توغرا پايدىلانمايۋاتىمىز. كېلەچەكتە بۇ كەمچىلىكلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە سەمىمىي چۈشىنىشلىك بىلەن تەرغىبات ئىشلىرى يۈرگۈزۈلۈپ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ پائالىيىتى جانلىنىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىمەن».

ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىز بويىچە، ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ بايسېيىت يېزىسىدىكى ئىسمائىل تايىروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە 50 بالا 0-سىنىپقا، 53 بالا 1-سىنىپقا، ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ چونجا يېزىسىدىكى ئىلىيا-بەختىيا نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە 37 بالا 0-سىنىپقا، 56 بالا 1-سىنىپقا، پانفىلوف ناھىيىسىنىڭ ياركەنت شەھىرىدىكى خېلىل ھەمرايېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە 36 بالا 0-سىنىپقا، 44 بالا 1-سىنىپقا، بىلال نازىم نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە 15 بالا 0-سىنىپقا، 100 بالا 1-سىنىپقا كىرگەن.