ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخىدا ئۆتكەن نامايەندىلەر كۆپلەپ سانىلىدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى 19-ئەسىردە ياشىغان كلاسسىك شائىر بىلال نازىمدۇر.
بىلال نازىم ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىرى تەرىپىدىن كۆپ تەتقىق قىلىنغان بولۇپ، ھەتتا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە تولۇق كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرگۈچە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئاساسەن دېگۈدەك تونۇشۇپ بولىدىكەن.
بىلال نازىمنىڭ نامى قازاقىستاندا سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىلا ئەبەدىيلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بىر قانچە مەكتەپ ۋە كوچىلارغا ئۇنىڭ ئىسمى قويۇلغان ئىدى.
ئالماتادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئويغان بىلال نازىم ئەسەرلىرىنىڭ تەتقىق قىلىنىش ۋە ئوقۇتۇلۇش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ.
19-ئەسىردە بىلال نازىمدىن باشقا يەنە ئابدۇرېھىم نىزارى، تۇردى غەرىبى، نورۇزاخۇن زىيائى، موللا شاكىر، سېيىت مۇھەممەت قاشى قاتارلىق كۆپلىگەن شائىرلار ياشىغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن بېيىتىشقا سالماقلىق تۆھپە قوشتى. بىلال نازىم «غەزەلىيات»، «غازات دەر مۈلكى چىن»، «نۇزۇگۇم»، «چاڭموزا يۈسۈپخان» ئوخشاش ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورىدۇر. ئەدىب 1825-يىلى غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ، 1900-يىلى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىدە 75 يېشىدا ۋاپات بولغان.
شائىر بىلال نازىمنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى قازاقىستاندا كىملەر تەرىپىدىن تەتقىق قىلىندى؟ بۇ ھەقتە قانداق ئەمگەكلەر يېزىلدى؟ ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنى ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىدىغان مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش مەسىلىسى؟ ئەدىبنىڭ ئىسمىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن نېمىلەر قىلىندى؟
بىلال نازىمنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادى ھازىر قازاقىستاندىكى ئاتمىشتىن ئوشۇق ئۇيغۇر ۋە ئارىلاش تىللاردا ئوقۇتۇلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىرىدە ئوقۇتۇلىدۇ. قازاقىستاندا ئەدەبىيات پېنىنىڭ ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشتىكى رولىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنۈپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت شەھىرىدە ئورۇنلاشقان خېلىل ھەمرايېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىمى بەخىتجان رازىيېف مۇنداق دېدى:
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك كلاسسىك شائىرى بىلال نازىمنىڭ ئىجادى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئاساسەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى پېنىدە 6-سىنىپتىن باشلاپ ئوقۇتۇلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار 6-سىنىپتا «نۇزۇگۇم» قىسسىسى، 8-سىنىپتا شائىرنىڭ غەزەللىرى، 9-سىنىپتا «غازات دەر مۈلكى چىن» داستانى، 11-سىنىپتا «غەزەلىيات»، «غازات دەر مۈلكى چىن»، «چاڭموزا يۈسۈپخان» داستانلىرى بىلەن تونۇشىدۇ. بىلال نازىم ئىجادىيىتىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار خەلقىمىزنىڭ تارىخىنى، تارىخىي شەخسلەرنىڭ ھاياتىنى ھەرتەرەپلىمە تونۇپ بىلىدۇ. بۈيۈك كلاسسىك بىلال نازىمنىڭ «نۇزۇگۇم» قىسسىسى ئارقىلىق بىزنىڭ ياش غۇنچىلىرىمىز ئەرلىككە، قورقۇمسىزلىققا، ۋەتەنپەرۋەرلىككە تەربىيىلىنىدۇ.
قازاقىستاندىكى ياركەنت گۇمانىتارلىق تېخنىكومىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ھاكىمجان ھەمرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، بىلال نازىم ئەسەرلىرىنى تەھلىل قىلىش، تەتقىق قىلىش ۋە نەشر قىلىش ئىشلىرى 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا رۇس شەرقشۇناس ئالىمى نىكولاي پانتۇسوف تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئالىملار ئوسمان مەمەتاخۇنوف، مۇرات ھەمرايېف، ساۋۇت موللائۇتوفلار تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلغان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى م. ھەمرايېف بىلال نازىم ئىجادىيىتىنى نەشرگە تەييارلاش بىلەن بىللە ئەدىب ئەسەرلىرىنى رۇس ۋە ئۆزبېك تىللىرىغا تەرجىمە قىلدى. ئالىمنىڭ «دەۋر سەھىپىلىرى»، «ھايات يالقۇنى» مونوگرافىيىلىرىدە، مەكتەپنىڭ 9-سىنىپىغا بېغىشلانغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىكلىرىدە بىلال نازىم ئىجادى ھەققىدە باھالىق پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا سالسا، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ئوسمان مەمەتاخۇنوف «بىلال نازىمنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادى» نامزاتلىق دىسسېرتاتسىيىسى دائىرىسىدە ھەرتەرەپلىمە تەتقىق قىلىنغان. بىلال نازىم ئىجادىيىتىنى ئۆگىنىشكە قىرىق يىلدىن ئوشۇق ئۆمرىنى بېغىشلىغان س. موللاۋۇتوف تۆت ئىلمىي كىتاب، 30دىن ئوشۇق ماقالىسىنى مەتبەئەدە ئېلان قىلغان. ئالىمنىڭ ئىزدىنىشلىرى ئارقىسىدا 1961-يىلى «تاللانما ئەسەرلەر»، 1976-يىلى «ئەسەرلەر»، شۇ يىلى يەنە «بىلال نازىمنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادى»، 1987-يىلى «ۋەتەن ئىشقىدا»، 2002-يىلى «ھايات داۋانلىرى» ناملىق مونوگرافىيە ۋە ماقالىلەر توپلاملىرى يورۇق كۆردى. س. موللاۋۇتوف پۈتكۈل ئۆمرى بويى بىلال نازىمنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى توپلاش، ئىزدەشتۈرۈش بىلەن بولغانلىقىنى بايقاشقا بولىدۇ.
مەلۇمكى، يەتتىسۇدا سوۋېت ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، دىنىي ئېتىقادلارنى چەكلەش، جاي-جايلاردىكى مەسچىتلەرنى يېپىش، كوممۇنىستىك ئىدىيىگە ماس كەلمەيدۇ دېگەن باھانە بىلەن قەدىمىي يادىكارلىقلارنى ئۇجۇقتۇرۇش ئىشلىرى كەڭ قانات يايغان ئىدى. مۇنداق ئىشلار بىلال نازىم كېيىنكى يىللىرى ياشىغان ياركەنت تەۋەسىدىمۇ يۈز بەردى. بۇ ھەقتە ھاكىمجان ھەمرايېف مۇنداق دېدى:
پانفىلوف ناھىيىسىنىڭ سادىر يېزىسىدا 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى كولخوزلاشتۇرۇش پەيتىدە مەدرىسىدىكى كىتابلارنى كۆيدۈرۈۋېتىش خەۋپى تۇغۇلغاندا ئادەمنى تاۋۇت بىلەن ئېلىپ چىققانغا ئوخشاش كىتابلارنى زاراتگاھلىققا ئېلىپ چىقىپ كۆمۈۋەتكەن ئىكەن. مۇشۇ ۋەقەدىن ئۇچۇر تاپقان س. موللاۋۇتوف شائىر خېلىل ھەمرايېف ئىككىسى 1959-يىلى سادىر يېزىسىغا كېلىپ، قەبرىدىكى كىتابلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققان. لېكىن كىتابلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە باغلىق ئۇپراپ، ئۇگۇلۇپ، پەقەت ئايرىم پارچىلىرىنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىنى كۆردى. ئەپسۇسكى، بىلال نازىم ئەسەرلىرى بۇ قەبرىدىن تېپىلمىدى. لېكىن ئالىم ساۋۇت موللائۇتوفنىڭ تەلىيىگە 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى شىنجاڭ-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئەۋەتىلگەن قازاقىستان ياشلار ۋەكىللىرى تەركىبىدە غۇلجادا بولۇپ، ئاتاقلىق دىنىي زات ئابدۇمۇتەللى خەلپەمدىن «غەزەلىيات» نىڭ قوليازمىسىنى تاپىدۇ. بۇ قوليازما ئالىمنىڭ 1961-يىلى بىلال نازىم تاللانما ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىشقا ئاساس بولىدۇ. ئالىم س. موللاۋۇتوفنىڭ ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى ئارقىسىدا بىلال نازىم ئەسەرلىرى مەكتەپ ئوقۇش قوراللىرىدا ئورۇن ئالدى. شۇنداقلا ئالىمنىڭ ئىزدىنىشلىرى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن يۇقىرى باھالىنىپ، 1992-يىلى فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ئىلمىي دەرىجىسىنى بەردى.
قازاقىستان ئۇيغۇر مەتبۇئاتى سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىلى بىلال نازىمنىڭ تۇغۇلغىنىغا 190 يىل ۋە ۋاپات بولغىنىغا 115 يىل تولغان بولسا، ياركەندتىكى بىلال نازىم نامىدىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپى ئىشىكىنىڭ ئېچىلغىنىغا ۋە مەزكۇر مەكتەپ يېنىدا شائىر ھەيكىلىنىڭ قەد كۆتۈرگىنىگە 22 يىل بولغان ئىكەن.
ئەدىب بىلال نازىمنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئىشلىرى سوۋېت دەۋرىدە باشلانغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئۆز ۋاقتىدا ھۆكۈمەت دائىرىسىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن ئىدى. بۇ ئىشقا بولۇپمۇ ئىگىلىك رەھبەرلىرى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە يۇرت-جامائەتچىلىك جىددىي ئارىلىشىپ، نەتىجىدە ياركەنت شەھىرىدە بىلال نازىم نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ بىناسى سېلىنىپ، شائىر يادىكارلىقى ئورنىتىلدى. بۇ جەرياندا قانداق ئىشلار ئېلىپ بېرىلدى؟ بىز ئەنە شۇنىڭغا يېقىندىن ئارىلاشقان شەخسلەرنىڭ بىرى، ئىلگىرىكى «كوممۇنىزم تۇغى»، ھازىرقى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ ياركەنت رايونى بويىچە سابىق مۇخبىرى، پېشقەدەم ژۇرنالىست ئابدۇكېرىم تۇدىياروف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇ بىلال نازىمنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئىشلىرىنىڭ 1980-يىللاردىلا ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.