مەلۇمكى، بولۇپمۇ، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئالىي بىلىم دەرگاھلىرى ھەر ساھەلەر بويىچە ئۇيغۇر كادىرلىرىنى تەييارلاشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن ئىدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ھازىرقى ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخ ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تەركىبىدە ئۇيغۇر بۆلۈمى دەسلەپكى قېتىم 1955-يىلى ئېچىلدى. ئامما بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇ يېپىلىپ، پەقەت 1980-يىلى ئۇنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىدا ئۇيغۇر بۆلۈمى تەكرار ئېچىلدى. بۇ ۋاقىتتا مەزكۇر ئالىي ئوقۇش ئورنى ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى دەپ ئاتىلاتتى. مەزكۇر بۆلۈم دەسلەپتە رۇس تىلى ۋە ئەدەبىياتى ھەم ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىملىرىنى تەييارلاش يۆنىلىشىدە ئىش ئېلىپ بارغان بولسا، كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇتەخەسسىسلىكى بويىچە بىر قاتاردا باشلانغۇچ ئوقۇتۇشىنىڭ پېداگوگىكىسى ۋە مېتودىكىسى، تارىخ، قازاق تىلى، ئىنگلىز تىلى ساھەلىرى بويىچە كادىرلارنىمۇ تەييارلىدى.
بۇ يىلى مەزكۇر ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئېچىلغىنىغا 35 يىل تولۇپتۇ. ئۇنىڭ ئۇچۇمكارلىرى ھەم پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بۇ تارىخىي ۋەقەنى ھېچ قاچان ئۇنتۇمايدۇ، چۈنكى مەزكۇر بۆلۈم تەييارلىغان مۇتەخەسسىسلەر مىللىي مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسلىق تۆھپىلىرىنى قوشۇپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئېچىلىش سەۋەبلىرى ھەم ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە شۇ بۆلۈمنىڭ ئېچىلىشى ھەم كېيىنكى پائالىيەتلىرىگە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشقان ئالىم ۋە ئۇستاز، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى ئۆكتەبىر جامالدىنوف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى:
«ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇتۇش مەجبۇرىيىتى تۇغۇلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئۇ ۋاقىتتا ئوقۇش مىنىستىرلىقى دەپ ئاتىلاتتى، شۇ يەرگە بېرىپ، مىنىستىرلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇيغۇر بۆلۈمىنى ئاچمىساق بولمايدىكەن، مۇئەللىم، كادىر كېرەك بولدى، زۆرۈرىيەت تۇغۇلدى دېگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر بۆلۈمى 1980-يىلى سېنتەبىر ئېيىدا ئېچىلدى. دەسلەپ ئۇ 25 بالا قوبۇل قىلغان. دەسلەپكى ۋاقىتتا بۇنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ دېگەن سوئال تۇغۇلغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا بىز، شەخسەن مەن، فاكۇلتېتلار ئارا ئۇيغۇر بۆلۈمىنى ئاچسا ياخشى بولاتتى، يەنى 5 يىل ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئوقۇتىدىغان، ئاندىن ئۇنىڭ قېشىغا رۇس تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئوقۇتىدىغان، ئاندىن ئۇنى تەبىئىي-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىغا، ئاندىن تارىخ ۋە ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئايلاندۇرىدىغان، ئىش قىلىپ تۆت يىلدا ئايلىنىپ كېلىدىغان ئۇيغۇر بۆلۈمىنى يېپىلماي قىلىپ ئاچسا ياخشى بولامدىكىن، دېگەن پىكىرلەر بولغان. بىراق كەلگۈسىدە ئۇنداق بولمىدى. ئاساسەن شۇ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى، رۇس تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا توختالدى. ئۇيغۇر بۆلۈمى مىللىي كادىرلارنى تەييارلاشتا ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا بولغان ئېھتىياج قاندۇرۇلدى. ھاقىقەتەنمۇ، ھازىرمۇ ئۇ يەردىن بالىلار ئوقۇپ چىقسا، مىللىي كادىرلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدا چوڭ رول ئوينايدۇ ۋە ئوينىشى چوقۇم».
زىيارىمىتىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئۇيغۇر بۆلۈمى ئۇچۇمكارى، «ئاتامۇرا» نەشرىياتى ئۇيغۇر رېداكسىيىسىنىڭ باشلىقى مالىك مەھەمدىنوف ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تۇتقان ئورنىنى مۇنداق باھالىدى:
«ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتى يېنىدا ئۇيغۇر بۆلۈمى ئېچىلىپ، خېلى يىللار پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئىدى. بۇ ئالىي بىلىم دەرگاھىنى تۈگەتكەن كادىرلار يالغۇز مائارىپتا ئەمەس، ئەدەبىياتتا، ئىلىم-پەندە، ئىگىلىك ۋە پارتىيە ئورگانلىرىدا ئىشلەپ، نۇرغۇنلىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئىدى. كېيىن مەزكۇر ئۇيغۇر بۆلۈمى يېپىلىپ قالدى، ئاندىن ئىككىنچى قېتىم قايتىدىن تىكلەندى. 80-يىلى ھېلى مەرھۇم ئاكادېمىك غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ ئەجرى تۈپەيلى يەنىلا شۇ قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتى يېنىدا ئۇيغۇر بۆلۈمى ئېچىلىپ، تا بۈگۈنكى كۈنگىچە پائالىيەت كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. مەزكۇر بىلىم دەرگاھىنى تۈگەتكەن نۇرغۇنلىغان ياشلار ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات، سەنئەت، مائارىپ، مەتبۇئات ساھەلىرىدە ئۈنۈملۈك ئەمگەك قىلىپ كېلىۋاتماقتا. مەن ئىشەنچلىك ئېيتالايمەنكى، بۈگۈنكى تاڭدا خەلقىمىزنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن غوللۇق زىيالىيلىرى ئەنە شۇ بىلىم دەرگاھىنى تاماملىغان يىگىت-قىزلار. ئاتاپ ئېيتساق ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىگە زور تۆھپە قوشقان شېرىۋاخۇن باراتوف، ھېلىھەم تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان رۇسلان ئارزىيېف، گۈلنارا ئاۋۇتوۋا، پاتىگۈل مەخسەتوۋا، زاھىدەم ھېۋۇللايېۋاغا ئوخشاش ناھايىتى نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز ئىلىم-پەن چوققىلىرىدا چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسا، ئەدەبىياتىمىز گۈلزارىغا بۆسۈپ كىرىپ، چوڭ ۋە يىرىك ئەسەرلىرىنى مەيدانغا ئاتقان يازغۇچى-شائىرلىرىمىزمۇ شۇ بىلىم دەرگاھىنىڭ ئۇچۇمكارلىرى. شۇ جۈملىدىن، تېلمان نۇراخۇنوف ھازىر خېلى زور ھوسۇللۇق قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان ھەم نەسرىي ھەم نەزمىي زھانىردا يېزىۋاتقان ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرى. يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان يەنە شۇ گ. ئاۋۇتوۋا، پ. مەخسەتوۋا قاتارلىق يازغۇچى-شائىرلىرىمىزنى تىلغا ئالالايمىز. مەتبۇئات ساھەسىدىمۇ خېلى كۆپ ياشلىرىمىز غوللۇق كادىرلاردىن بولۇپ يېتىلىپ چىقتى. غوجەخمەت سەدۋاقاسوفنىڭ ئىنىسى غەينىدىن سەدۋاقاسوف، مىنەمجان ئابدۇراخمانوف شۇ بۆلۈمنى تۈگەتكەن ژۇرنالىستلار بولغان بولسا، كېيىن ئۇلارنىڭ ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان شۆھرەت مەسىموف ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كادىرلار خېلى يېتەرلىك. ئەنە شۇ ئۇچۇمكارلارنىڭ كۆپ قىسمى مائارىپتا ئۆزنىڭ كەسپى بويىچە ئىشلىدى ھەم بۈگۈنكى تاڭدىمۇ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ تەربىيىلىگەن، بىلىم بەرگەن شاگىرتلىرى بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە ئۆزىنىڭ مۇناسىپ ئورنىنى ئېلىپ، ياراملىق كادىرلاردىن، ياخشى مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇپ يېتىلىپ چىقتى».