قازاقىستاندا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزا ۋە مەھەلىلەر كۆپلەپ سانىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسىدا دېگۈدەك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى، يىگىت بېشى، ئاقساقاللار كېڭىشى، ياشلار كومىتېتى، خانىم قىزلار كومىتېتى ئوخشاش ئۇيۇملار بولۇپ، ئۇلار مەدەنىيەت مەركىزى ئەتراپىدا بىرلىشىپ، بۇ يەردە بولۇۋاتقان ھەر قانداق مەدەنىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. ئۇلار شۇ جايدىكى ھاكىمچىلىق، مەكتەپ، مەسچىت قەۋمى، يۇرت - جامائەتچىلىك ۋە باشقىلار بىلەن ئالاقە باغلايدۇ. بۇ جەھەتتە يەرلىك مەدەنىيەت مەركىزى ناھىيەلىك مەدەنىيەت مەركىزىگە، ئۇ بولسا شەھەرلىك ۋە ۋىلايەتلىككە، ئۇلار ئۆز نۆۋىتىدە ئالماتا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنومەدەنىيەت مەركىزىگە بېقىنىدۇ. جۇمھۇرىيەتلىك مەركەز قازاقىستان خەلقى ئاسسامبىلېيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە ئىش ئېلىپ بارىدۇ. ھازىر ھەر خىل يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تۈرلۈك مەسىلىلەردە شۇلارغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.
ئالماتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدە بولسا، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سۇلتانقورغان جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسى ئىشلەپ كەلمەكتە. ئىلگىرى، يەنى بولۇپمۇ ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 90 - يىللارنىڭ باشلىرىدا جاي - جايلاردا جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر قۇرۇلۇشقا باشلىغان ئىدى. سۇلتانقورغان مەھەللىسى تارىخى كىتابىنىڭ ئاپتورى ئىمەرجان قادىروفنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن بىرىنچىلەردىن بولۇپ سۇلتانقورغانلىقلار ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنى قۇرۇپ، 1989 - يىلى ئۇيغۇر تىياتىرى بېناسىدا بىرىنچى قۇرۇلتىيىنى ئۆتكۈزگەن. ئەنە شۇ مەزگىلدە يەنە «سۇلتانقورغان ئۆزىنى باشقۇرۇش كومىتېتى» مۇ مەيدانغا چىققان ئىدى. بۇ بىرلەشمىلەر يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئۆز ۋەكىللىرىنى تەۋسىيە قىلىش، ئۇيغۇر مەكتىپىنى قوللاپ - قۇۋەتلەش، مەھەللە قەبرىستانلىقىنى تەرتىپكە كەلتۈرۈش، مەسچىت سېلىش، شۇنداقلا قازاقىستان پرېزىدېنتىنى سايلاش ۋە باشقىمۇ ئىشلارغا پائال ئارىلىشىدۇ.
بىز سۇلتانقورغان جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نىزام گارايېف بىلەن بىرلەشمىنىڭ بۈگۈنكى پائالىيىتى ھەققىدە سۆھبەت يۈرگۈزدۇق:
- سۇلتانقورغان جەمىيەتلىك بىرلەشمىسى قاچان قۇرۇلغان؟ ئۇنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبلىرى؟ تەركىپىي قىسمى نېمىلەردىن ئىبارەت؟
- سۇلتانقورغان جەمئىيەلىك بىرلەشمىسى 1996 - يىلى پىرمۇھەممەت ھاجىم قۇزىيېفنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېچىلغان. قۇرۇلۇشنىڭ سەۋەبى پۈتكۈل ئەلنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆملەشتۈرۈش، مەسچىتلەرنى ئاۋاتلاشتۇرۇش، ئادەملەرنى بىر يەرگە توپلاش، مەھەللە يىگىت باشلىرىنى قۇرۇش. بۇ ھەممە تەرەپتىن ئۆزىنى - ئۆزى باشقۇرۇش كومىتېتى. ئۇنىڭ قۇرامىدا يۈزگە يېقىن ئادەم بار، يەنى 36 يىگىت بېشى، 36 خانىم قىز، شۇنداقلا مەسچىت قەۋملىرى.
- بۇلارنىڭ ئاساسىي قىلىدىغان ئىشلىرى ھەققىدە ئېيتىپ كەتسىڭىز؟
- بۇلارنىڭ قىلىدىغان ئاساسىي ئىشلىرى ئۆزىمىزگە خاس ئىش - پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش. مەسىلەن، تىياتىرنىڭ بىلەتلىرىنى تارقىتىش، «ئۇيغۇر ئاۋازى»، «ئاسىيا بۈگۈن»گېزىتلىرىغا يېزىلىش، ئۆز مىللىتىمىزگە خاس ئىشلارنى ئېلىپ مېڭىش. جۇمھۇرىيەتلىك، شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركەزلىرى ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ئىشلەش. ئالدىمىزغا قويغان ئاساسىي مەسىلە، بىرىنچى، بالىلارنى ئانا تىلىدا ئوقۇتۇش، ئىككىنچى، ئانا تىلىدا چىقىۋاتقان گېزىت - ژۇرناللارنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش، ئۈچىنچى، تىياتىرىمىزنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش، تۆرتىنچى، بالىلارنى ئوقۇتۇش. شۇنداقلا بىزدە ئىككى قەبرىستانلىق بار، شۇلارنى گۈللەش، كۈتۈش. دىلمۇرات قۇزىيېفنىڭ رەھبەرلىكىدە قەبرىستانلىقلارنى رەتكە كەلتۈرۈش. ھازىر ئالماتا شەھىرى بويىچە بىزنىڭ مەسچىتىمىز ئەڭ چىرايلىق مەسچىت دېگەن مۇكاپاتنى ئالدۇق.
- بۇ بىرلەشمىنىڭ يەنە قانداق ۋەزىپىلىرى بار؟
- بولۇپمۇ د. قۇزىيېف باشچىلىقىدا يىلىدا بىر قېتىم روزا ئېيىدا يىتىم - يېسىرلارغا قاراپ، قولىدا يوقلارغا ياردەم بېرىش. دىلمۇرات ئاكا يىلىغا بىر مىليون ئاخچا شەخسەن ئۆزى چىقىرىدۇ. شۇنى بىز مەھەللىمىزدىكى ناكالارغا تارقىتىمىز. ئۇنىڭدىن سىرت مەكتەپتە ئەلا ئوقۇۋاتقان ئۈچ بالىغا، ئىككى مۇئەللىمگە سوغا برىمىز، يەتتە - سەككىز مەكتەپكە شۇنداق سوغا قىلىمىز. بىراق بۇنى بېرىشتىن بۇرۇن بىزنىڭ جەمئىيەتلىك بىرلەشمىنىڭ مەسلىھىتىنى ئېلىپ، بىز تىزىمنى بەرگەندىن كېيىن، شۇ ياردەملەرنى تا بۈگۈنكى كۈنگىچە قىلىۋاتىمىز.
- بۇ پىكىرلىرىڭىزگە يەنە قوشارىڭىز بارمۇ؟
- جەمئىيەتلىك بىرلەشمىنىڭ ئالدىغا قويغان يەنە بىر ۋەزىپىسى، ئۆزىمىزنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى، ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش. بىز ھەر قانداق جەمئىيەتلەر بىلەن، ھاكىمچىلىق، مەكتەپلەر بىلەن بىللە ئىشلەيمىز. مىللەتلەر ئارا دوستلۇقنى ساقلاش، ھېچقانداق بىر سىياسەتكە ئارىلاشماي ئىش ئېلىپ بېرىش.
0:00 / 0:00