قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى يېڭى ئوقۇش يىلىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

1-سېنتەبىردە قازاقىستاننىڭ بارلىق قازاق، رۇس، ئۇيغۇر، ئۆزبېك ۋە تاجىك تىللىق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە يېڭى 2016-ۋە 2017-ئوقۇش يىلىنى قارشى ئېلىش «بىرىنچى قوڭغۇراق» مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.

شۇ جۈملىدىن مەملىكەتنىڭ ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيىلەردە ئورۇنلاشقان ئاتمىشتىن ئوشۇق ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ۋە ئارىلاش، يەنى، ئۇيغۇر، قازاق ۋە رۇس تىللىرىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدىغان مەكتەپلەردىمۇ ئەنە شۇ مۇراسىمغا بېغىشلانغان تەنتەنىلىك يىغىنلار ئۇيۇشتۇرۇلدى.

ئالماتا شەھىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان دوستلۇق مەھەللىسىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ، سۇلتانقورغان مەھەللىسىدىكى مەسۇم ياقۇپوف نامىدىكى 101-مەكتەپ ۋە زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىدىكى مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرى بۇ بايرامنى داغدۇغىلىق قارشى ئالدى.

مۇنداق تەنتەنە ئالماتا شەھىرىنىڭ ئەۋېزوف ناھىيىسىگە قاراشلىق دوستلۇق مەھەللىسىدە ئالاھىدە كەيپىياتتا ئۆتتى. كۆپ ساندا ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلار، زىيالىيلار، جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى ۋە باشقىلار قاتناشقان مەزكۇر مۇراسىمدا سۆزگە چىققان فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رابىك ئىسمايىلوف، «ئىنايەت» جەمئىيەتلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئىقتىساد پەنلىرىنىڭ دوكتورى ھاكىمجان ئارۇپوف، ئەۋېزوف ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ باش يىگىت بېشى ئىنەمجان خۇدايبېردىيېف، ئالماتا ۋىلايەتلىك «ئۆرلېئۇ» ناملىق مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى رۇسلان ئارزىيېف ۋە باشقىلار قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى ھەم بىلىم كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆپچىلىكنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

ئۇلار ئانا تىلىدا ئوقۇشنىڭ ئەۋزەللىكلىرى، مەزكۇر گىمنازىيىنىڭ ئۆتكەن ئوقۇش يىلى ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرى، مەكتەپنىڭ يۇرت-جامائەتچىلىك، زىيالىيلار ۋە جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەمدە بۇ بىلىم دەرگاھىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.

مۇراسىمنىڭ ئاخىرىدا سۆز قىلغان گىمنازىيە مۇدىرى شاۋكەت ئۆمەروف قازاقىستان ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن باشقىمۇ مىللەتلەرگە يارىتىپ بەرگەن مۇمكىنچىلىكلىرى، دۆلەت پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف يۈرگۈزۈۋاتقان ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەت، مىللەتلەر ئارا دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق، ئۇستازلارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر ۋە باشقىمۇ مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، مەكتەپكە كەلگەن يىگىرمىدىن ئوشۇق ئۇيغۇر مۇئەللىملىرىنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇردى.

يېڭى ئوقۇش يىلىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان بايراملىق كونسېرت پروگراممىسى كۆپچىلىكنىڭ ئالاھىدە ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-گىمنازىيەنىڭ مۇدىرى، ئالماتا شەھەرلىك ھاكىمىيەتنىڭ ئەزاسى شاۋكەت ئۆمەروف ۋە ئالماتا ۋىلايەتلىك «ئۆرلېئۇ» مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ خادىمى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رۇسلان ئارزىيېف ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئويناۋاتقان روللىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.