مەلۇمكى، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئالدىدا تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى مىللىي مائارىپ تەقدىرى بولۇپ، ئۇنىڭ كېلەچىكى، يەنى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە بالا توپلاش، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى ساپالىق ۋە زامان تەلىپىگە لايىق ئوقۇش قوراللىرى ۋە تەجرىبىلىك مۇتەخەسسىسلەر بىلەن تەمىنلەش ۋە باشقىلار كۆپچىلىكنى قاتتىق ئويلاندۇرماقتا.
ئىگىلىشىمىزچە، ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيىلەردىكى ئۇيغۇر تىللىق، ئارىلاش تىللىق، يەنى ئۇيغۇر، قازاق ۋە رۇس تىللىق مەكتەپلەردە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى پېنى بويىچە 1980 - يىلى ئالمۇتا شەھىرىگە ئورۇنلاشقان ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىدا ئېچىلغان رۇس - ئۇيغۇر بۆلۈمىدە بىلىم ئالغان مۇئەللىملەر ئىشلىمەكتە.
ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەر يىلى 25 بالا، بەزى يىللىرى ھەتتا 30 بالا قوبۇل قىلغان بولسا، ئاخىرقى يىللىرى ئۇنىڭغا كەلگۈچىلەرنىڭ سانى خېلى قىسقىرىپ، ھازىر ئۇنىڭغا ھەر يىلى بەش ئورۇن ئاجرىتىلماقتا.
ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئېچىلىشىغا نېمە سەۋەب بولدى؟ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى ئەھمىيىتى نېمىدە؟ ئۇنىڭ ئىشىنى ياخشىلاشنىڭ قانداق يوللىرى مەۋجۇت ئىدى؟ كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولار؟
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۆز ۋاقتىدا تاشكەنت شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاماملىغان پېشقەدەم ئۇستاز، تىلشۇناس ئالىم ئۆكتەبىر جامالدىنوف قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ھەمدە ئانا تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلار سانىنىڭ كۆپىيىش سەۋەبىدىن 1980 - يىلى بىرىنچى نۆۋەتتە تىل ۋە ئەدەبىيات پەنلىرى مۇئەللىملىرىنى تەييارلاش زۆرۈرلۈكى تۇغۇلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەنمۇ كادىر تەييارلاشقا، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە، ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم ئېلىشقا كەڭ يول ئېچىلدى. ھازىرغىچە شۇ بۆلۈمنى تۈگەتكەنلەر ئىشلىمەكتە. ئېچىنارلىق يېرى شۇكى، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تارىخى ئۆتۈلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەدەنىيەت مەركەزلىرى، زىيالىيلار شۇنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.»
ئۆكتەبىر جامالدىنوفنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇر بۆلۈمى تىل ۋە ئەدەبىياتتىن تاشقىرى يەنە قوشۇمچە تارىخ، باشلانغۇچ سىنىپ، پسىخولوگىيە، قازاق تىلى، ئىنگلىز تىلى قاتارلىق پەنلەردىنمۇ مۇتەخەسسىسلەرنى تەييارلىغان ئىدى. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش توغرىلىق ئىلتىماس قىلغانلىقىنى ئەسلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مېنىڭ پىكرىمچە، بىر بەش يىللىقنى تىل ۋە ئەدەبىيات، يەنە بىرىنى تىل - ئەدەبىيات ۋە تارىخ، شۇنداقلا خىمىيە ۋە بىئولوگىيە، فىزىكا ۋە ماتېماتىكا پەنلىرىدىن مۇئەللىملەرنى يېتىشتۈرۈپ بەرسە، ئۇيغۇرلاردا باشقا پەندىن مۇئەللىم يوق، دېگەن گەپ چىقمايتتى.»
ئۆكتەبىر جامالدىنوف ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىغا ھەم ئۇلارنى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن تەييارلاش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈنمەيدىغان بولسا، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكىنىڭ ئېغىر بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
م. ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، ئەدەبىياتشۇناس دوكتور ئالىمجان ھەمرايېف ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئېچىلىشىنى قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ھاياتىدىكى چوڭ مەدەنىي ۋەقە بولغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ تارىخىي يىلتىزىنى چۈشەندۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «80 - يىللىرى ئۇيغۇرلار مائارىپتا خېلى چوڭ ئۇتۇقلارغا يەتكەن دەۋر بولدى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ زور قوشۇنى پەيدا بولۇپ، قايسى ساھە بولمىسۇن، ئىلگىرىلەشكە باشلىغان بىر دەۋر ئىدى. مۇنداق بىر دەۋردە ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئېچىلىشى شۇ دەۋرگە مۇۋاپىق بىر كۆرۈنۈشتۇر. ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ئىلغار ئۇيغۇر ياشلىرى قوبۇل قىلىندى. بۇ ۋاقىتتا مېنىڭدىمۇ بۇ يەرگە چۈشۈش ئارمىنى بار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە شۇ بالىلار ھەر خىل ساھەلەردە ئىشلىمەكتە.»
ئالىمجان ھەمرايېف ئوقۇشنى تاماملىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تۇغۇلغان يۇرتلىرىغا بېرىپ، مىللىي مائارىپنى كۆتۈرۈشكە پائال ئارىلاشقانلىقىنى، مۇنداق ۋەقەنىڭ ھېچقاچان بولۇپ كۆرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇنچىلىك ئارزۇ - ئارمانلار بىلەن ئاچقان بۆلۈم بۈگۈن ئېغىر ئەھۋالدا. بۇنىڭدا ھەممىمىزنىڭ ئەيىبى بار. ھازىرقى تاڭدا مىللىي زىيالىيلارنى تەييارلايدىغان ئورۇنلار ناھايىتى كېمىيىپ كەتكەن پەيتتە بۇ ئەھۋال كۆزىمىزگە سۆرۈن كۆرۈنىدۇ. ئامما ۋاقىت ئۆتۈپ، بۇنى ئۆز ئەينىگە كەلتۈرۈش، شۇنداق دەۋرىنى ھاسىل قىلىش بۈگۈنكى كۈننىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنىڭ بىرى.»
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر بۆلۈمى ئۇچۇمكارلىرىنىڭ بىرى، «مېكتېپ» نەشرىياتى ئۇيغۇر رېداكسىيەسىنىڭ خادىمى سەلىمەم بالىنوۋا ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى سۈپىتىدە ئۆزىنى بەختلىك ھېسابلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «شۇ يەردە بىلىم بەرگەن غوجئەخمەت سەدۋاقاسوف، ئۆكتەبىر جامالدىنوف، مەخمۇت ئابدۇراخمانوف، ساۋۇت موللاۋۇتوف، داۋۇت ئىسىيېف ئوخشاش ئۇستازلىرىمنىڭ ئارقىسىدا بىلىم ۋە تەربىيە ئېلىپ، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە مىللىتىمنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشۇۋاتىمەن، دەپ ئويلايمەن. مەن بۆلۈم ئېچىلىپ، ئىككىنچى يىلى، يەنى 1981 - يىلى ئوقۇشقا چۈشۈپ، ئۇنى 1986 - يىلى تاماملىدىم. مەن بىللە ئوقۇغان كۇرسداشلىرىمنىڭ كۆپى ھازىر ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئىشلەۋاتىدۇ. كۇرسداشلىرىمنىڭ ئىچىدىن شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىگە ئېرىشكەن ئۇستازلار، ئالىملار ۋە يازغۇچىلار يېتىلىپ چىقتى.
سەلىمەم بالىنوۋا شۇنداقلا ئۇيغۇر بۆلۈمىنى تاماملىغان ھەم مىللىي مائارىپقا بىپەرۋا قارىمايدىغان بارلىق يۇرتداشلارنىڭ، ۋەتەنداشلارنىڭ، كەسىپداشلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئالدىدا تۇرغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر مىللەت بولۇپ ساقلىنىشى ئۈچۈن بار كۈچىنى ئىشقا سېلىش ھاجەتلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
0:00 / 0:00