قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى: ئالىي بىلىم يۇرتىمۇ ياكى سىياسىي لاگېرمۇ!؟

0:00 / 0:00

ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بىر ئۇيغۇر ستۇدېنتنىڭ بايانلىرى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ بىر ئۇنىۋېرسىتېتقا خاس ئىلمىي كەيپىياتىنى ئەمەس، بەلكى مەكتەپ مۇھىتىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان قويۇق سىياسىي ئاتموسفېرانى ئاشكارا قىلماقتا.

دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ ئالىي بىلىم يۇرتى ھېسابلانغان قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت ھاياتى قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ؟ ئىلىم-پەن روھى، ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ۋە ئەركىن پىكىرلەرنىڭ بۆشۈكى دەپ قارالغان ئۇنىۋېرسىتېت ھاياتى ئۇلارغا ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرنى بېرىۋاتامدۇ؟

قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى شۈ يۋەنجى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مائارىپ يىغىنىدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نى ئەسلىتىدىغان بىر جۈملە سۆزنى جاكارلىغان: «ئەگەردە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سىياسىي جەھەتتىن لاياقەتلىك بولمىسا، ئۇلارنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈشىگە ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ!»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مەلۇم بىر ئوقۇغۇچىسى مەكتەپ سېكرېتارى شۈ يۋەنجى تەكىتلىگەن «سىياسىي ئۆلچەم» نىڭ نۆۋەتتە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا كۈچ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «يېقىندىن بۇيان ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ھەرقايسى جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەكتىپىمىزنىڭ ئىلمىي كەيپىياتىغا سىياسىي تەشۋىقاتلار ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بولدى. بولۇپمۇ رامىزان كىرگەندىن بۇيان مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۈتىشى ۋە باشقا دىنىي ئىبادەتلەردە بۆلىشىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە كونترول قىلىنىۋاتىدۇ. ئادەتتىكى سىنىپ يىغىنلىرىدا ياكى كەچلىك تەكرار ۋاقىتلىرىدا فاكۇلتېت رەھبەرلىرى بىلەن سىياسىي يېتەكچىلەر كىرىپ بىزدىن ئاپتونوم رايونىمىزدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم ۋەقەلىرى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرۈشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن بىزگە قانداق سۆز-جۈملىلەرنى ئىشلىتىپ ئىپادە بىلدۈرۈشىمىزنى ئۆگىتىدۇ. ئاندىن ئۆزلىرى ئۆگەتكەن سۆز-جۈملىلەر بويىچە كوللېكتىپ سورۇندا ئىپادە بىلدۈرۈشىمىزنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئادەتتە نېمە دېيىش ۋە قانداق سۆزلەش جەھەتتە بىزنىڭ ئۆز ئالدىغا ئەركىنلىكىمىز يوق. بىز پەقەتلا سىياسىي تەشۋىقاتنىڭ كانىيى بولۇپ بېرىمىز، خالاس.»

«يېقىندىن بۇيان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يانفون بىلەن شەخسىي كومپيۇتېرلىرى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلىدىغان بولدى. بەزىدە سىنىپتا ياكى ياتاقتا ئۆگىنىش قىلىپ ئولتۇرساق تۇيۇقسىزلا سىياسىي يېتەكچىلەر كىرىپ تېلېفونىمىزدىكى ئۇچۇرلارنى، كيۇ-كيۇ ۋە ئۈندىداردا كىملەر بىلەن ئالاقە قىلغانلىقىمىز ھەمدە قانداق ئۇچۇرلارنى دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىغانلىقىمىزنى تەكشۈرىدۇ. ئەگەردە دىنىي مەزمۇندىكى ياكى سىياسىي جەھەتتىن سەزگۈررەك بولغان بىرەر ئۇچۇرنى بايقاپ قالسا بالاغا قالغىنىمىز شۇ!... ئىشقىلىپ، بېسىم ئىچىدە ھەرۋاقىت قورقۇنۇچنى ھېس قىلىپ ياشايمىز.»

«كېيىنكى مەۋسۈمدىن باشلاپ مەكتىپىمىزدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ياتاقلارغا بۆلىدىكەن. بۇنى ئۇقتۇرۇپ بولدى. چۈنكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاقتا ئۆز ئالدىغا قانداق گەپلەرنى قىلىدىغانلىقى، نېمىلەرگە قىزىقىپ، نېمىلەرنى ئويلايدىغانلىقى شۇنداقلا دىنىي جەھەتتىكى خاھىشى قاتارلىق شەخسىي تەرەپلىرىمىزنى مەكتەپنىڭ بىلىپ تۇرغۇسى بار ئىكەن. خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئارىلاش ياتساق، بىزنى كونترول قىلىش ئاسان دەپ ئويلىغان ئوخشايدۇ. ئۇنىڭسىزمۇ ئىلگىرىلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاقلىرىدا مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان "قۇلاق" لار بار ئىدى. بالىلار ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى نازارەت قىلىپ تۇراتتى…»

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.