دائىرىلەر قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 4 پروفېسسورنىڭ جازالانغانلىقىنى ئاخباراتتىن يوشۇرماقتا
2018.09.10
خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 4 نەپەر پروفېسسورى ۋە مۇدىرلىرىدىن بولغان ئەركىن ئۆمەر، قۇربان ئوسمان، گۈلنار ئوبۇل ۋە مۇختەر ئابدوغوپۇر قاتارلىق 4 كىشىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتىدە خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن جازالانغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. مۇخبىرىمىز بۈگۈن «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغانلىقى ئالدىنقى كۈنى دەلىللەنگەن بۇ تۆت نەپەر پروفېسسورنىڭ نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن مەلۇمات ئىگىلىدى. يەرلىك دائىرىلەر بۇ ئەھۋالنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.
قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تور بېتىدە 2-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان مەكتەپ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەردە مەزكۇر تۆت نەپەر ئۇيغۇر پروفېسسورنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشقانلىقى ئۇقتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ«ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.
ھالبۇكى، بىزنىڭ ئالدىنقى جۈمە كۈنىدىكى ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ بىر خادىمى مەزكۇر 4 ئۇيغۇرنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» خاتالىقى ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە شۇ سەۋەبتىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئۇنىۋېرسىتېت تورىدىكى مەزكۇر خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە2-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، تەشكىلات بۆلۈمى، مائارىپ نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار يىغىنى چاقىرىپ، يۇقىرىقى 4 ئۇيغۇر پروفېسسورنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش قارارىنىڭ ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ۋە چوڭقۇر ئويلىنىشتىن كېيىن بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلغان.
بىز مەزكۇر تۆت پروفېسسورنىڭ ئىشخانىسىدىكى خادىملاردىن مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا قايتا تېلېفون قىلدۇق. ئۆزىنى ئۇنىۋېرسىتېت قوماندانلىق مەركىزىنىڭ خادىمى دەپ تونۇشتۇرغان بىر كىشى گۈلنار ئوبۇل قاتارلىق پروفېسسورلارنىڭ ئىشخانا نومۇرلىرىنى دەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ ئۇچۇرنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار ئورگانلاردىن سورىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئۇنىۋېرسىتېت تور بېتىدىكى مەزكۇر خەۋەردە تۆت نەپەر ئۇيغۇر پروفېسسورنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش قارارنىڭ چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېت خىزمەتلىرىدىكى نەتىجىنى بېكىتىشتە «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» نى ئاساسى ئۆلچەم قىلىپ بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنغان. يەنى خەۋەردە ئۇلارنىڭ سىياسىي مەيدانىدا مەسىلە چىققانلىقى ئىشارەتلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما كونكرېت نېمە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇلارغا باشقا خىزمەت بېرىلگەن ياكى مەكتەپتىن ھەيدەلگەنلىكى ئۈستىدىمۇ توختالمىغان. ئۆتكەن ھەپتە رادىيومىزغا ئۇچۇر يەتكۈزگەن ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر كىشى مەزكۇر تۆت پروفېسسورنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ خەۋەرسىزلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.
قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بۇ تۆت پروفېسسورنىڭ نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى. خىتاي توربەتلىرىدە ئۆچۈرۈلمەي قالغان بەزى خەۋەرلەردە پروفېسسور گۈلنار ئوبۇلنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت پارتكومىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە بىرلىكسەپ بۆلۈم باشلىقى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. شۇڭا بىز ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ۋىلايەتلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىدىنمۇ مەلۇمات سورىدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىممۇ بۇ تېما ھەققىدە گەپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى بۇ تۆت پروفېسسور ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قالپىقى كىيدۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. بىز شۇڭا قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش بۆلۈمىگىمۇ تېلېفون قىلدۇق. بۇ خادىممۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. قەشقەر شەھەرلىك سىياسىي-قانۇنى كومىتېتىنىڭ بىر خادىمى گۈلنار ئوبۇل قاتارلىق بۇ 4 پروفېسسورنىڭ نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ئىكەنلىكى ۋە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا قەشقەردىكى مەلۇم بىر ئىدارە خادىمى پروفېسسور گۈلنار ئوبۇلنىڭ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بىر ژۇرنالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغانلىقى، ئەينى ۋاقىتتا ئالقىشلانغان ئۇ پىكىرلەرنىڭ ئەمدىلىكتە «ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە ئاستىرتىن قارشى تۇرۇش» دەپ قارالغانلىقى ۋە مۇشۇ سەۋەبتىن «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما ئۇ مەزكۇر ماقالىنىڭ ئېنىق مەنبەسىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىدى.