جەنۇبىي قىرغىزىستاندىكى «ئۆزبېكلىشىپ كەتكەن» ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل قىزغىنلىقى قوزغالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2018.01.30
qirghizistan-yashlar-gruppisi.jpeg جالال-ئاباد شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر تىلى كۇرسىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2018-يىلى يانۋار. جالال-ئاباد، قىرغىزىستان.
RFA/Feruze

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئانا تىلىنى چەكلەش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە دىنىغا چەك قويۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەكسىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا «ئۇيغۇر ئانا تىلنى قوغداش» قىزغىنلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلمەكتە ئىكەن. مانا بۇنىڭ تەسىرىدە، نۆۋەتتە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جالال-ئاباد ۋىلايىتىدە 19-ئەسىرلەردە قەشقەرىيەدىن كۆچۈپ چىقىپ، ئىككى ئەسىر جەريانىدا ئاساسەن دېگۈدەك ئۆزبېكلىشىپ كەتكەن، ئەمما ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قالغان ئاز ساندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىدە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى قوزغالغان. بۇ جايدا ئۇيغۇر تىل كۇرسلىرى ئېچىلغان بولۇپ، بۇ كۇرسلارغا ئۇيغۇرلار كۆپلەپ ئىشتىراك قىلماقتا، شۇنىڭدەك يەنە ئوش ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىش تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم.

يانۋار ئېيىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جالال-ئاباد شەھىرىدە ئۇيغۇر تىل كۇرسلىرى ئېچىلدى. كۇرسلار قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىقىدا ۋە جالال-ئاباد شەھىرىدىكى مەزكۇر تەشكىلات شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئەلىشىر ناسىراخۇنوفنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن، شۇنداقلا قازاقىستاندىن كەلگەن ۋەتەنپەرۋەر مۇئەللىم ئابدۇغېنى ئەپەندىنىڭ پىداكارلىق قىلىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئانا تىل كۇرسلىرىغا جالال-ئاباد شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدىكى يېزىلاردىن كەلگەن ئوغۇل-قىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قاتناشماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، جالال-ئاباد ۋىلايىتىدە تەخمىنەن 700 ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلار بازار قورغان، نوئوكەن، قوچقار-ئاتا قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. بۇلاردىن باشقا يەنە ئوش ۋىلايىتىنىڭ قاراسۇ ناھىيىسى، قەشقەر-قىشلاق يېزىسى ۋە ئوش شەھىرىدىمۇ خېلى كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشىماقتا. «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف، كۇرسلارنىڭ ئېچىلىشى ۋە ئوقۇش قوراللىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «بىز ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى جالال-ئابادقا ‹ئىتتىپاق› گېزىتىنى كۆپرەك ئەۋەتەلمەيۋاتىمىز، چۈنكى جالال-ئابادتىكى كىشىلەر، بىز ئۇيغۇرچە ئوقۇيالمايمىز دەپ يۈرگەن، شۇڭا ئاشۇ يەردە بىر ئانا تىل كۇرسى ئېچىش كېرەك بولۇپ قالغان ئىدى. يېقىندا قازاقىستاندىن مېنىڭ ئابدۇغېنى ئىنىم كېلىپ، خەلقىم ئۈچۈن ياخشىراق بىر ئىش قىلسام بولاتتى، دېدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا ئۆزگەن، جالال-ئاباد، ئوش شەھەرلىرىگە بېرىپ ئۆز تىلىنى ئۇنتۇپ كەتكەن كىشىلەرگە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئوقۇتۇڭ دېسەم، ئۇ ماقۇل، دېدى. بىز ئۇنى ئارتىق ھاجى بىلەن ئۇچراشتۇردۇق ۋە ئارتىق ھاجىمنىڭ مۇناسىۋىتى بىلەن ئابدۇغېنىنى جالال-ئابادقا ئەۋەتتۇق. كىتابلارنى مەن بەردىم، ئۇ ۋەتەندە ئوقۇپ كەلگەن ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلىدىغان ئادەم ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۇيغۇر تىلنى ئوقۇتۇشنى باشلىدى.»

جالال-ئاباد ئۇيغۇر ئاھالىسى ئانا تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىغانلىقىغا ناھايىتى خۇشال بولۇپ، تىرىشچانلىق بىلەن كىرىلچە ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ۋە ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىر قانچە گۇرۇپپىغا ئايرىلدى، يەنى، قىزلار ۋە ئوغۇللار ئايرىم ئۆگىنىۋاتىدۇ. كۇرسلاردا پەقەت جالال-ئاباد شەھىرىدىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدىكى يېزىلاردىنمۇ ئوقۇغۇچىلار بار. ئۇيغۇر تىل ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى رابىيە ساڭىلوۋا ئۇيغۇر تىلى ۋە كونا يېزىقىنى ئۆگىنىشنىڭ ئۆزىنىڭ چوڭ بىر ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى ھەم جالال-ئاباد ئاھالىسى ئۇيغۇر تىل ئوقۇتقۇچىسىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇغېنى ئەپەندى پەقەت ئانا تىل ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنىمۇ جالال-ئاباد ئاھالىسىگە تونۇشتۇرماقتا. ئۇ، ئۇيغۇر تىلى ئۆگەنگۈچىلەرگە ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم شېئىرلار ۋە ناخشىلارنى ئوقۇپ بېرىشنىمۇ ئۆز پروگراممىسىغا كىرگۈزگەن. 

جالال-ئاباد شەھىرىدىكى «ئىتتىپاق» شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئەلىشىر ناسىراخۇنوف جامائەتچىلىكنىڭ بۇ ئانا تىل كۇرسلىرىنى ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان كۈتۈۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن خوشاللىنىۋاتقانلىقلىرىنى كۆرسىتىپ، بۇ كۇرسلاردىن كۈتكەن نەتىجىلەرنى سۆزلەپ ئۆتتى. 

جالال-ئابادتا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىۋاتقان ئابدۇغېنى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئۆتۈش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرى، ئۆزىدىن ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋاتقانلارنىڭ ئەھۋالى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن قىلماقچى بولغان پىلانلىرى ھەققىدە توختالدى. 

تارىخىي ۋەقەلەر تۈپەيلى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۆز ئانا تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشتىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى يۈرگۈزۈلگەن ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خاتا مىللىي سىياسىتى تۈپەيلىدىن پەرغانە ۋادىسىدىكى، جۈملىدىن ئوش ۋە جالال-ئاباد ۋىلايەتلىرىدىكى زور ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ يازدۇرغان ۋە بارا-بارا ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنتۇپ، پۈتۈنلەي ئۆزبېكچە قوللىنىدىغان ئەھۋالدا قالغان ئىدى. بۇ ئانا تىل كۇرسى ئۆز تىلىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.