پەرزەنت تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنى ئەقىللىق، بىلىملىك ۋە ياراملىق قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئاتا-ئانا ۋە ئۇستازلارنىڭ جۈملىدىن جەمئىيەتتىكى ھەر بىر ئىنساننىڭ ئارزۇسى ۋە مەسئۇلىيىتى. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان پەرزەنتلەر ئانا تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيىلىنىشتىن مەھرۇم قىلىنىپ، خىتاي مائارىپ نازارىتى تەرىپىدىن قوش تىللىق يەسلىلەردە ئوقۇشقا مەجبۇرلانماقتا.
«تەڭرىتاغ »تورىنىڭ 2014-يىلى 7-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كۇچا ناھىيىسىدە 96 قوش تىللىق يەسلى ئېچىلغان بولۇپ بۇ يەسلىدە ئوقۇۋاتقان 12 مىڭ 200 نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى دۆلەت تەرەپتىن ھەقسىز تاماق ۋە سۈت بىلەن تەمىنلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
«شىنجاڭ يىلنامىسى» دېگەن كىتابنىڭ 2009-يىلىدىكى سانىدا كۇچانىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 458 مىڭ 400 دېيىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى 402 مىڭ 200 دېيىلگەن ئىدى.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى رايون، يېزا بازار ۋە كەنت، مەھەللىلەردە كۆپ ساندا قوش تىللىق يەسلى ئېچىلغان بولۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى قوش تىللىق يەسلىلەرگە مەجبۇرىي ئېلىنىدىكەن، پەرزەنتلىرىنى قوش تىللىق يەسلىگە بېرىشنى رەت قىلغان ئۇيغۇر ئائىلىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن جەرىمانە قويۇلىدىكەن. قوش تىللىق يەسلى سىنىپلىرىدىكى پەرزەنتلەرگە، قۇرۇق ئۈزۈم، بادام، پېچىنە-پىرەنىك ۋە سۈت قاتارلىق بالىلار ياخشى كۆرىدىغان نەرسە-كېرەكلەرنى بېرىش ئارقىلىق يەسلىگە ئاكتىپ كېلىشنى قولغا كەلتۈرىدىكەن.
مەركىزى خەلق رادىئوسى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوش تىللىق يەسلى قۇرۇلۇشى 2008-يىلىدىن باشلانغان بولۇپ، خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: دۆلەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2008-يىلىدىن باشلاپ 5 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ شىنجاڭنىڭ قوش تىللىق يەسلى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان ئىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن 2237 قوش تىللىق يەسلىنى يېڭىدىن سېلىش ۋە كېڭەيتىپ سېلىشقا ئىشلىتىلدى، قالغان قىسمى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ تاماق تولۇقلىمىسى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى خىراجىتى، يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلدى.
تىل تەربىيىسىنى قانچە بۇرۇن بەرسە، شۇنچە ئۈنۈمى بولىدۇ. مائارىپشۇناسلار ئادەمنىڭ ئۆمرىدە قوبۇل قىلىدىغان تەربىيىلىرى ئىچىدە بوۋاق مەزگىلىدىكى تەربىيە ئەڭ مۇھىم، شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئاشۇ مەزگىلدە بالىنىڭ ئەقلىي ۋە جىسمانىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ئامال-چارىلەرنى ئىشقا سېلىشى كېرەك دەپ قارايدىكەن.
پسىخولوگلارنىڭ قارىشىچە، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تىل تەربىيىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ تىل ئىقتىدارىنى تاۋلاشقا بالا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا تۇتۇش قىلىپ، بالىلارغا كۆپ گەپ قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى سۆزلىتىش، گەپلىرىنى ئاڭلاپ بېرىش ۋە كۆپرەك سىردىشىش ئارقىلىق ئۇلارغا ئوي-پىكرىنى دادىل ئىپادىلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.
«خەلق تورى»دا ئېلان قىلىنغان، ئايشەمگۈل ئابدۇرېشىتنىڭ «تىل تەربىيىسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پايدىلىق» دېگەن ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىلارغا تىل تەربىيىسى بېرىشتە، ئالدى بىلەن ئانا تىلنى پىششىق ئۆگىنىشتىن باشلاپ، ئاندىن ئىككىنچى بىر تىلنى ئۆگىنىشكە دالالەت قىلىش كېرەك. چۈنكى ئانا تىل ھەر قانداق ئانا تىل مۇھىتىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر بالا ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئۇچرىشىدىغان، ئۆگىنىدىغان ۋە ئىگىلەيدىغان تىل. ھازىر جەمئىيەتتە چەتئەل تىلى ۋە خىتاي تىلى ئۆگىنىش دولقۇنىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، ئانا تىلىغا ئېتىبار بەرمەي، «پەقەت خىتاي تىلى ۋە ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەندىلا، كېرەكلىك ئادەم بولۇپ، چىقىش يولى تاپقىلى بولىدۇ» دەيدىغان قاراشلار بار. بۇنداق قاراشلار بىر قىسىم ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئانا تىلىنى توغرا يازالماسلىق، ئانا تىلى ئاساسى ئاجىز بولۇش، سەۋىيىسى تۆۋەنلەپ كېتىش، نەتىجىدە ئانا تىلىنى قالايمىقان قوللىنىش، تەلەپپۇزى توغرا بولماسلىقتەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئانا تىل سەۋىيىسىنىڭ ئىككىنچى بىر تىلنى ئىگىلەشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، يەنى ئادەم ئالدى بىلەن ئانا تىلىدا تەپەككۇر قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئانا تىلى ئاساس قىلىنىدىغان تەربىيە شەكلى بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئويغىتىشقا، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ۋە تىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىسپاتتۇر. بالىلار ئادەتتە مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن، ئەتراپىدىكى ئانا تىل-مەدەنىيەت مۇھىتىدا دۇنيانى بىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئۇقۇم ۋە قىممەت سىستېمىسىنى ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەيدۇ. بوشلۇق قانچە چوڭ بولغانسېرى بىلىش دائىرىسىمۇ شۇنچە كېڭىيىپ بارىدۇ، ئەگەر بۇ چاغدا بالىلارنى ئانا تىلنى ئىشلىتىشتىن چەكلىگەندە، ئۇلارنى تاشقى دۇنيا بىلەن باغلايدىغان بىردىنبىر بوشلۇق ئېتىلىپ قالىدۇ-دە، بالىلارنىڭ دۇنيانى بىلىش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر دەسلەپكى تەربىيىنى ئانا تىلدا باشلاپ، شۇ تىل ئارقىلىق بىلىش دۇنياسىغا يول ئاچقاندا، بالىلار سىرلىق دۇنيانىڭ تەكتىنىمۇ چوڭقۇرلاپ كۆرۈش پۇرسىتىگە نائىل بولالايدۇ، بۇ بىلىملەر ئۇلارنىڭ ئىككىنچى تىلنى ئىگىلىشىگە زور ياردەمدە بولۇپلا قالماستىن، ئىككىنچى تىلنى ئىگىلەش ئۈنۈمىنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.
بىز، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قوش تىللىق يەسلى مائارىپىنى كۈچەيتكەنلىكىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە قوش تىللىق يەسلى مائارىپىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە كۆرسىتىدىغان ئەكس تەسىرلىرى توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تارمىقىدا ئېچىلغان ئانا تىل يەسلى سىنىپتا ئۇزۇن مۇددەت دەرس بەرگەن ئۇيغۇر زىيالىي مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەت بولالمىغاندىن كېيىن ئەمدى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى رايون، يېزا بازار ۋە مەھەللىرىگە كەڭ كۆلەمدە ئاتالمىش قوش تىللىق يەسلى قۇرۇپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىدە خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۆگىتىشنى چىڭ تۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.