ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىم ئەركىن سىدىق ئەپەندى مۇتەخەسسىس كاڭاس خانىم بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىنكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى بايان قىلدى.
خەلقئارادا قوش تىللىق مائارىپ تەتقىقاتى بۇندىن 100 يىللار ئاۋۋال ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان، قوش تىللىق مائارىپ توغرىسىدا «ھۆكۈمەتلەرنىڭ يەرلىك مىللەت بالىلىرىغا باشقا تىل مائارىپىنى تېڭىشى، تىل جەھەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەت ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن جىنايەت» دېگەن دۇنياۋى نۇقتىئىنەزەر خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق قوش تىل مائارىپ مۇتەخەسسىسى دوكتور توۋىې سكۇتناب كاڭاس (Tove Skutnabb-Kangas) خانىم تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
15-فېۋرال كۈنى كاڭاس خانىم لوس ئانجېلىسقا كالىفورنىيە شتاتلىق قوش تىللىق مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ «خەلقئارالىق ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى» نى تاپشۇرۇۋالغىلى كەلگىنىدە، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ مەخسۇس سۆھبەتتە بولغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاتا بولغان قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى ھەققىدە بارلىق تەتقىقات تېمىلىرى ۋە ماقالىلىرىدە مەخسۇس توختىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.